نۇرلان ئەبىلمەجىن تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى
يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، جۇ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، يولداش نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: دوكلاتنىڭ ئورنى يۈكسەك، باش تېمىسى روشەن، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، نەتىجىلەرنىڭ خۇلاسىلىنىشى ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي، ۋەزىيەتنىڭ تەھلىل قىلىنىشى مۇپەسسەل، ئەتراپلىق، ۋەزىپىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىشى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچقان ياخشى دوكلات بولدى، بۇنىڭدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى نامايان قىلىنغان، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈمىدىگە لايىقلاشقان. ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەن بەش يىل شىنجاڭ تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، نۇرغۇن قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ، نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى بېجىردى، قىسقىغىنا بەش يىلدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كىشىلەر خاتىرجەم بولغان، كەيپىيات ئىزىغا چۈشكەن، بىرىكمە كۈچ يېتەرلىك بولغان يېپيېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. دوكلاتتا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق پىلان تۈزۈلدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىياتنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى، تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىلمىي پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە پۇختا قەدەم تاشلاش، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، جۈملىدىن تارباغاتاي ۋىلايىتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.