تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى

يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، يولداش ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: دوكلاتتا باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنغان، سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، چوڭ ۋەزىيەت ئېڭى كۈچلۈك، ۋەزىيەت تەھلىلى توغرا، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بەش يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىلھامى ۋە تەجرىبىلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، پۇرسەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئومۇمىي تەلەپ ۋە نىشان - ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىزچىل تەلەپنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم سىياسىي ئىرادىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قوللانغان تۈرلۈك ئۈنۈملۈك تەدبىرلەردە قەتئىي تەۋرەنمەي ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سانجى ئوبلاستى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى باشلامچى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا سىجىل كۈچىشى، بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك. سانجى ئوبلاستىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تەقسىملەپ، مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئايدىڭلاشتۇرۇش، خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىستىلنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئەمەلىي تۆھپە قوشۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى كېرەك. خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «14 - بەش يىل»دا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى، يېڭى سەھىپە پۈتۈشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.