تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 2 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسى(لايىھە)گە قاراپ چىقىلىپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ ئالدىن تاللانغان تەكلىپ ئىسىملىكىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇش ماقۇللاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 2 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.

يولداش چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسى(لايىھە)گە قاراپ چىقىلىپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ جۇ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنىڭ تەييارلىق نامزات ئىسىملىكى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ ئالدىن تاللانغان تەكلىپ ئىسىملىكىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇش ماقۇللاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.