تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، يولداش چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، يولداش چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈش كېرەك.

خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرە كەيپىياتى قىزغىن بولدى. فېڭ ۋۇنيەن، گۈلنىساخان ئىمىن، ما جياڭشەن، مېھرىگۈل مەتتۇرسۇن، سۈن كەي، ئەركىن رەجەپ، تۇرسۇنگۈل تۇرسۇننىياز قاتارلىق ۋەكىللەر خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى. ئۇلار بىردەك مۇنداق قارىدى: يولداش چېن چۈەنگونىڭ بەرگەن دوكلاتىنىڭ باش تېمىسى روشەن، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك بولۇپ، بەش يىلدىن بۇيانقى جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن گەۋدىلىك نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىپتۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تامامەن ئۇيغۇن بولۇپ، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ.

چېن چۈەنگو ئاڭلىغاچ خاتىرە قالدۇردى، ئارىلاپ - ئارىلاپ كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇزاكىرە قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو سۆز قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رولنى ياخشى تۇتقانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكى ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن بولدى.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. بەش يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىنتايىن دانا، توغرا بولغانلىقى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسى - ئۈمىدىگە لايىقلاشقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، شىنجاڭ تېپىلغۇسىز مۇھىم، زور پۇرسەتكە دۇچ كېلىدۇ، ئۆزگىچە ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئىلمىي پىلانلاندى. بىز ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تەلەپلىرىنى خىزمەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش، زورايتىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

زۇمرەت ئوبۇل، جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.