تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدىن خاتىرە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ياۋ تۇڭ

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، سەھەر.

شىنجاڭ خەلق سارىيىدا قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ، ئادەتتىن تاشقىرى ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەنىدى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلدى.

قەدەملەر بۇ يەرگە جەم بولدى. ھەر مىللەت ۋەكىللەر تولۇق تەييارلىق، خۇشال كەيپىيات بىلەن ئارقا - ئارقىدىن يىغىن مەيدانىغا كىردى، مەيدىسىدىكى يارقىن ۋەكىللىك كىنىشكىسى چاقناپ تۇراتتى.

ئۈمىد بۇ يەردە يۈكسىلىدۇ. خەلق سارىيىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى قانات يايدۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىدە گۈزەل ئىستەكلەر مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى.

سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە يولداش چېن چۈەنگو قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى.

چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەش، جۇشقۇن ئىپادىلەش. ۋەزنىلىك دوكلاتتا، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلغان بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ بېسىپ ئۆتكەن ھەيۋەتلىك ئاجايىپ مۇساپە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى − ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دېگەن جاسارىتى ۋە ئەجرى بىلەن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى كۈنسېرى ياخشىلاپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.

چوڭقۇر پىكىر، قاتتىق ھاياجان. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلغان گۈزەل مەزگىلدە تۇرۇپ كەلگەن يولىمىزغا نەزەر سالساق، بەش يىللىق تەرەققىيات تېخىمۇ ئۆزگىچە، تېخىمۇ جۇشقۇن بولدى − ھەربىر ۋەكىل شىنجاڭدىكى بەش يىللىق ئۆزگىرىشنىڭ قاتناشقۇچىسى، گۇۋاھچىسى بولۇپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كۈرەش قىلغان كەچۈرمىشلىرىدىن چەكسىز ھاياجانلاندى، مىسلىسىز كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەردىن چەكسىز ئىپتىخارلاندى.

ۋەكىل خۇاڭ جياجۈن مۇنداق دېدى: بۇ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولغان بەش يىل، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بەش يىل، پۇقرالار ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن بەش يىل بولدى.

ۋەكىل پەن چۇنچيۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

ۋەكىل مەخمۇت يۈسۈپ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا شىنجاڭنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا يەكۈنلەنگەن بولۇپ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ.

خاتىرجەم، ئىناق بولغان داغدام يول بەرپا قىلىندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا كۈنسايىن يېڭى نەتىجىلەر يارىتىلدى، خەلققە پايدا، نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، كىشىلەر قەلبى ئىللىتىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئانار گۈلى كەبى پورەكلەپ ئېچىلىپ، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدى... كىشىلەر بۇ گۈزەل تۇپراقنىڭ بۈگۈنكى ئىناق، گۈزەل ۋەزىيىتى ئۈچۈن قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلدى، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلىنىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىلدى... كىشىلەر ۋەتىنىمىز شىنجاڭىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولغان تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈچۈن چىن قەلبىدىن خۇشال بولدى.

بۇ، كۈچلۈك ئىشەنچنىڭ مەنبە ئېقىن سۈيى، شۇنداقلا، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

ھەر مىللەت ۋەكىللەر شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانىدىن روھلاندى. پۇرسەت، ئىشەنچ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش... ھەربىر كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان سۆزلەر، بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئىدىيەسىنى بىر باش نىشانغا − شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىرلىككە كەلتۈردى. كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە بىرىكمە كۈچ ۋەكىللەرنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇجەسسەملەندى، ئاشتى، يىغىن مەيدانى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى.

كۈرەش نىشانى ئېنىق، مۇستەھكەم، خىزمەت تەدبىرلىرى چوڭقۇر، كونكرېت بولدى. تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش داۋامىدا، قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى تېخىمۇ كونكرېت بولدى، ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى تېخىمۇ قەتئىي بولدى، شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك تەرەققىيات يول خەرىتىسى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتى.

ۋەكىل جۇ شىن مۇنداق دېدى: قۇرۇلتايدا شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرىمىز.

ۋەكىل ئاينۇر مەمەت مۇنداق دېدى: پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەپ، ئىستىلنى ياخشى تاۋلاپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز.

ۋەكىل پاتەم ئەيسا مۇنداق دېدى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

ۋەكىل ئاراپات ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: يەرلىكنىڭ ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ئېچىش سېلىنما سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، تاغنىمۇ، سۇنىمۇ كۆرگىلى بولىدىغان، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە تۇتىدىغان يېزا - كەنت ساياھەت كەسپىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز.

ۋەكىللەرنىڭ غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇدى، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇزاكىرە قىلىپ، تەسىراتلىرىنى بەھۇزۇر سۆزلىدى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ھەربىر كىشىنىڭ چېھرىدە ئەكس ئەتتى.

«شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا جەزمەن تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ».

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز».

...

ئۈمىد تېخىمۇ جۇش ئۇرىدۇ، قەدەم تېخىمۇ مەزمۇت تاشلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچلۈك رىتىمىغا ئەگىشىپ، بىز چوڭ قەدەم بىلەن تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە قەدەم قويىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.