تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېن چۈەنگو، ئەركىن تۇنىياز ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ۋە پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

​لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن بىرلىكتە كۆرۈشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتە، چېن چۈەنگو، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ۋە پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن بىرلىكتە كۆرۈشتى.

چېن چۈەنگو، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە غەمخورلۇقى، قوللىشىغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرى، تىنچ ئازاد قىلىنىشى ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، مۇقىملىق، تەرەققىيات قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايدۇ. بىز باشتىن - ئاخىر شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى ۋە ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلاپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ۋە پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. كۆپچىلىك بىردەك شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىدىن چىن قەلبىدىن خۇشال بولدى ۋە ئىپتىخارلاندى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇپ، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە، ھەممە جاي جۇشقۇن ئۈمىدكە تولدى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى بولىدىكەن، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.