تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتايلى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى   ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى

قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ روھنى ئۇرغۇتۇپ، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىش

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. چېن چۈەنگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: يىغىن مەيدانى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ يېڭى مۇساپىنى باشلاش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

چېن چۈەنگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتايلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ روھنى ئۇرغۇتۇپ، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىش.

شىنجاڭ خەلق سارىيىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيى» دېگەن يىغىن بەلگىسى ئېسىلغان، كەينىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئالتۇن رەڭلىك پارتىيە گېربى ئېسىلغان، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى. يىغىن زالىنىڭ 2 - قەۋەت كۆرۈش سۇپىسىغا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى.

قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن چېن چۈەنگو، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، ياڭ چېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رىتىدىن ئورۇن ئالدى. قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپ بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئەركىن تۇنىياز قۇرۇلتايغا رىياسەتچىلىك قىلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە قۇرۇلتاي باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى بىرلىكتە ئۈنلۈك ئېيتتى.

بۈگۈنكى قۇرۇلتايغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 722 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 683 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چېن چۈەنگونىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتى جەمئىي بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ياراتتۇق؛ ئىككىنچى، بەش يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى، بۇ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغانلىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى؛ ئۈچىنچى، ۋەزىيەت، ۋەزىپىنى ئېنىق تونۇپ، نىشان - تەلەپنى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇش؛ تۆتىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ بەشىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قەتئىي ئېغىشماي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمىتىگە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 -، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سادىق، قەتئىي بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلىدۇق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئالغا باستى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل مۇقىم بولۇپ، تىنچلىق، ئىناقلىق ئومۇمىي ھالەتكە ئايلاندى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىمىز كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا كۈنسايىن يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتتۇق، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، خەلققە پايدا، نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق قەلبنى ئىللىتتۇق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانار گۈلى كەبى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدۇق، دىن ساھەسىنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيىدىغان ئىللىق كەيپىيات ياراتتۇق، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاسماننى تېخىمۇ كۆك، زېمىننى تېخىمۇ يېشىل، سۇنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلدۇق، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دېموكراتىيە - قانۇنچىللىقنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق، بىڭتۇەن خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداشتا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇردۇق، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىنتايىن دانا، توغرا بولغانلىقى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسى - ئۈمىدىگە لايىقلاشقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت، باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن تەپسىلىي كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قەلبنى مۇجەسسەملەشنى تۈپ ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كۆزلىگەن ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بەش يىلدىن بۇيانقى ئاجايىپ كۈرەش مۇساپىسى بىزگە مۇھىم ئىلھام ئاتا قىلدى. بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شىنجاڭ خىزمىتىدە بۇنداق كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رولنى ياخشى تۇتقانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىدىن بولدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىدىن بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن بولدى. بەش يىلدىن بۇيانقى ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلىگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، نۇرغۇن قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق. بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش شەرت، كادىرلارنى يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» سىياسىي ئۆلچىمى بويىچە قىلچە تەۋرەنمەي ياخشى تاللاش، ياخشى ئىشلىتىش شەرت، قىلچە تەۋرەنمەي ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى ساقلاش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش شەرت، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش شەرت، قىلچە تەۋرەنمەي ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى پۇختىلاش شەرت، قىلچە تەۋرەنمەي ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش شەرت. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقى، مەدەت بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان، تۆھپە قوشقان بارلىق يولداشلارغا، دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى تارىخىي پەللىگە قەدەم قويدى، بىز دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى توغرا ئانالىز قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن مۇھىم، زور پۇرسەتنى ئىگىلەپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى پەللىدە داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك نىشان - ۋەزىپىسى: ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقى، ئۇزاققىچە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش، زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇستەھكەم ئاساس سېلىش؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش؛ شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۇزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىن ساھەسىنى تېخىمۇ ئېجىل - رايىش قىلىش؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش؛ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دېموكراتىيە - قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش؛ بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش؛ پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقى، ئۇزاققىچە مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. باشتىن - ئاخىر ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار بولۇپ، داۋاملىق ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى خەلقنى مەركەز قىلىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە تىرىكىنى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش، مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئەمىن ئۆي كاپالىتى، «كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش»، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، ئاممىۋى بىخەتەرلىك كاپالىتى، مۇقىملىق ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەدىن ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىغا دائىر تەتقىقات، شەرھلەش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش، سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسىنى قەتئىي ئېغىشماي ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا دائىر دىن ئىلمى ئىدىيەسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقى ۋە ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەش كېرەك. قەتئىي ئېغىشماي بايراقنى كۆتۈرۈپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئوبرازنى نامايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، قەلبنى مۇجەسسەملەش، بازا قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالغا بېسىشقا، ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى پائال قېزىپ، داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش ئوتلۇق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، تور ئاممىۋى پىكرى ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش، قەلبنى تېخىمۇ ئۇيۇشتۇرۇش، مۇجەسسەملەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىدا « قوش تىزگىنلەش» بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشقا سېلىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىش؛ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى، مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىك جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ئەسلىھەنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پارتىيە ئاچقۇچ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەك بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، تەشۋىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى دائىملاشتۇرۇپ ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام، بىرىنچى سەپنىڭ كۈچىنى تولۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشىمىز كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قىلچە ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى پۇختىلاپ، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىرادىنى بوشاشتۇرماي، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، پۇختا ئىشلەپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتەيلى.

چېن چۈەنگو دوكلات بېرىۋاتقاندا، پۈتۈن مەيداندا كۆپ قېتىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

قۇرۇلتاينىڭ تەكلىپى بويىچە ئىلگىرى شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پېشقەدەم يولداشلار، شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرى، تىنچ ئازاد بولۇشى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ۋە پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقانلاردىن: ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولمىغان ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولمىغان پارتىيەلىك مەسئۇللىرى قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.