تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتايلى

− يولداش چېن چۈەنگونىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە

بىرىنچى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى ياراتتۇق

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملۇقىغا قويۇپ تۇرۇپ پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بېكىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمىتىگە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 -، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سادىق، قەتئىي بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «بىر باش نىشان»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتا»نى ئىگىلەپ، «بىر مېخانىزم»نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر يۈرۈش بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئاتتۇق، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىم بولدى، خەلق خاتىرجەم ياشىدى، خۇشال - خۇرام ئىشلىدى، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئالغا باستى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

− بۇ بەش يىلدا، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل مۇقىم بولۇپ، تىنچلىق، ئىناقلىق ئومۇمىي ھالەتكە ئايلاندى. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، ئىلگىرىكىدەك زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ، پات - پات يۈزبېرىدىغان، نۇرغۇن بىگۇناھ ھەر مىللەت ئاممىسى تالاپەتكە ئۇچرايدىغان ۋەزىيەتنى بىراقلا ئوڭشىدۇق، ئاز كەم بەش يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، جىنايى ئىشلار دېلوسى، ئامانلىق دېلوسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلوسى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەسى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئېشىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تىنچلىق، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇ - ئارمىنى رېئاللىققا ئايلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل مۇقىم بولدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىدى.

− بۇ بەش يىلدا، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىمىز كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا كۈنسايىن يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتتۇق. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىساد سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالدۇق. 2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.2 ئاشتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئېشىپ، «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىش بولدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى سىجىل ياخشىلىدۇق، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردۇق، ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۈنسايىن مۇكەممەللەشتۈردۇق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردۇق، شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە كاپالىتىنى كۈچەيتتۇق.

− بۇ بەش يىلدا، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، خەلققە پايدا، نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق قەلبنى ئىللىتتۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلدۇق، 3 مىليون 64 مىڭ 900 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 3666 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، 35 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش ئەھۋالىنى تەلتۆكۈس تۈگەتتۇق؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق، شەھەر - بازارلاردا جەمئىي 2 مىليون 348 مىڭ 600 ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 14 مىليون 333 مىڭ ئادەم قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئومۇمىي سانىنى 13 مىليوندىن ئاشۇرۇپ، شەھەر - يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بارلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇردۇق. 2020 - يىلى شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 34 مىڭ 838 يۈەن ۋە 14 مىڭ 56 يۈەنگە يېتىپ، 2015 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %32.6 ۋە %49.1 ئاشتى؛ مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈپ قەلبنى ئۇتتۇق؛ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى سىجىل، چوڭقۇر يولغا قويدۇق، يېزا - بازار دوختۇرخانىلىرى، كەنت شىپاخانىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدۇق؛ ئىجتىمائىي كاپالەتنى سىجىل كۈچەيتتۇق، شەھەر - يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن ئاساسىي تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %95تىن ئاشۇرۇپ كەلدۇق، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېغىر كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇردۇق، «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلاردىن ئۆزى خالايدىغانلارنى ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك باقتۇق؛ تۇرمۇش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە 1 مىليون 200 نەچچە مىڭ يۈرۈش ئۆي، شەھەر - بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە 1 مىليون 384 مىڭ يۈرۈش ئۆي سالدۇق، شەھەر - بازار كونا ئولتۇراق رايونلىرىدىكى 549 مىڭ ئائىلىلىك ئۆينى ئۆزگەرتتۇق، 7 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسى خۇشاللىق بىلەن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدۇق. بەش يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئاممىسى خاتىرجەم بولالمايۋاتقان، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەللەر داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ ئۆيى بولۇش، ئاجىزلار يار - يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات نەتىجىسىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلدۇق.

− بۇ بەش يىلدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارگۈلى كەبى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدۇق. بىز پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان ھالدا مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈنسېرى كۈچەيتتۇق، ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردۇق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق ۋە كېڭەيتتۇق، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى بارغانسېرى قويۇقلاشتۇرۇپ، مېھىر - مۇھەببىتىنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى مەدھىيە ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدۇق.

− بۇ بەش يىلدا، دىن ساھەسىنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيىدىغان ئىللىق كەيپىيات ياراتتۇق. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ئۈنۈملۈك تۈزىدۇق، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش ۋە تارقىلىش، سىڭىپ كىرىش تۇپرىقىنى ئەڭ زور چەكتە يوقاتتۇق، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئەڭ زور چەكتە قوغدىدۇق. تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتلەر نورمال، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى نورمال، تەرتىپلىك، ئىناق ئېلىپ بېرىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاغا ئېرىشتى. دىن ساھەسىدە ئاساستىن تۈزەپ مەنبەنى ساپلاشتۇرۇش، توغرىلىرىنى ياقلاپ، خاتالىرىنى تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېجىل - ئىناق ئۆتىدىغان يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدۇق.

− بۇ بەش يىلدا، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىدۇق. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردۇق، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە كۈچەيتتۇق، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، زىيالىيلار خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، مەدەنىيەت - سەنئەت ئىشلىرىدا گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش جانلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئاساسىي مېلودىيەنى تېخىمۇ ياڭراتتۇق، ئاكتىپ كۈچنى كۈنسېرى ئۇلغايتتۇق.

− بۇ بەش يىلدا، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاسماننى تېخىمۇ كۆك، زېمىننى تېخىمۇ يېشىل، سۇنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلدۇق. بىز سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بايلىق، مۇزلۇق، قارلىقنىڭ ئۆزىمۇ بايلىق دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. ھەر مىللەت ئاممىسى تېخىمۇ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالىدىغان، تېخىمۇ پاكىز سۇ ئىچىدىغان، تېخىمۇ خاتىرجەم يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغان، ياشاشقا تېخىمۇ باب كېلىدىغان مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى، ياخشى ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت خەلقنىڭ ئەڭ زور بەخت - سائادىتىگە ئايلاندى.

− بۇ بەش يىلدا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دېموكراتىيە - قانۇنچىللىقنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. بىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇردۇق، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، جانلىق، جۇشقۇن، تىنچ - ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق.

− بۇ بەش يىلدا، بىڭتۇەن خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداشتا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق. بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارىدا يېڭى يۈكسىلىش ھاسىل قىلدۇق، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردۇق، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە رايونىلىق ئالاھىدە رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردۇق.

− بۇ بەش يىلدا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇردۇق. سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بەردۇق ۋە يېتەكچىلىك قىلدۇق، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتۇق، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى تېخىمۇ پۇختىلىدۇق، پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇشتىن كەسكىن، چىڭ، قاتتىق بولۇشقا ئۆتۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق.

ئىككىنچى، بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى

ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئاپتونوم رايون بويىچە ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل؛ ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل مۇقىم بولغان، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلىگەن بەش يىل؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشقان بەش يىل؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملەنگەن، راۋاجلانغان، دىنىي ئەسەبىزم ئۈنۈملۈك تۈزەلگەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، ئىجتىمائىي مۇھىت ئومۇميۈزلۈك ساپلاشقان، كىشىلەر قەلبى مۇجەسسەملەنگەن، توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالغان بەش يىل؛ بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلغان، مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشقان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلغان بەش يىل؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋى خىزمەت ھەقىقىي كۈچەيتىلگەن، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەن بەش يىل؛ ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يېڭى دەۋردە يۈكسەك جاسارەت بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلەنگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى بىرلىكتە پۈتۈپ چىققان بەش يىل بولدى.

بەش يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىنتايىن دانا، توغرا بولغانلىقى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسى - ئۈمىدىگە لايىقلاشقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت، باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن تەپسىلىي كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، قەلبنى مۇجەسسەملەشنى تۈپ ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، خەلق تۇرمۇشىنى كۆزلىگەن ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

بەش يىلدىن بۇيانقى ئاجايىپ كۈرەش مۇساپىسى بىزگە مۇھىم ئىلھام ئاتا قىلدى. بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شىنجاڭ خىزمىتىدە بۇنداق كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رولنى ياخشى تۇتقانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىدىن بولدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىدىن بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقى، مەدەت بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ.

بەش يىلدىن بۇيانقى ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلىگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، نۇرغۇن قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق. بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا، مۇنداق بىرقانچە ئاساسلىق تەرەپنى چىڭ تۇتۇش شەرت: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش شەرت، كادىرلارنى يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» سىياسىي ئۆلچىمى بويىچە قىلچە تەۋرەنمەي ياخشى تاللاش، ياخشى ئىشلىتىش شەرت، قىلچە تەۋرەنمەستىن ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى ساقلاش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش شەرت، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش شەرت، قىلچە تەۋرەنمەستىن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى پۇختىلاش شەرت، قىلچە تەۋرەنمەستىن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىش قىلىدىغان، نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش شەرت.

ئۈچىنچى، ۋەزىيەت، ۋەزىپىنى ئېنىق تونۇپ، نىشان - تەلەپنى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى تارىخىي پەللىگە قەدەم قويدى، بىز مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى پەللىدە داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭ دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلىشتا ئىككى ئومۇمىيەتنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىز كېرەك، بۇنىڭ بىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق، يەنە بىرى دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش.

بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، شىنجاڭ تېپىلغۇسىز مۇھىم، زور پۇرسەتكە دۇچ كېلىدۇ، ئۆزگىچە ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ. بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى. ئىككىنچى، تۈرلۈك سىياسەتلەر دەستىلىنىپ، ئۈنۈمى ئاشتى. ئۈچىنچى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. تۆتىنچى، بايلىقنى ئايلاندۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولدى. بەشىنچى، مۇقىملىقنىڭ پايدىسى تولۇق نامايان بولدى. ئالتىنچى، ئەلرايى، كىشىلەر قەلبى زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەندى.

شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىى كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ،«تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، « تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك نىشان - ۋەزىپىسى: ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقى، ئۇزاققىچە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش، زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇستەھكەم ئاساس سېلىش؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۇزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىن ساھەسىنى تېخىمۇ ئېجىل - رايىش قىلىش؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دېموكراتىيە - قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش؛ بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش؛ پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش.

تۆتىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

1. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقى، ئۇزاققىچە مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. باشتىن - ئاخىر ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار بولۇپ، داۋاملىق ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش كېرەك، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك، تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

2. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى خەلقنى مەركەز قىلىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا پايدىلىق مۇھىت يارىتىش كېرەك؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنى ئاساسلىق سىغدۇرۇش رايونى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش - ئايلاندۇرۇش ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئون چوڭ كەسىپ» ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرگە يۈزلەنگەن ھالدا ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك؛ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نېفىت - نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر - كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، توقۇمىچىلىق - كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، باغۋەنچىلىك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، نان كەسپى، ئۈزۈم ھارىقى كەسپى، ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت «ئون چوڭ كەسىپ»نى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان ھالدا ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك؛ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۈچەپ كۆپەيتىپ، قاتناش - تىرانسپورت، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «تۆت چوڭ تىرەك سىستېما»نى تېز بەرپا قىلىپ، ئىستېمال دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، مەدەنىيەت - پەن - مائارىپ مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى، رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى يېتىلدۈرۈپ، شىمالىي شىنجاڭ شەھەرلەر بەلبېغى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەرلەر توپى بەرپا قىلىش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، مۇستەھكەملەيدىغان، يۈكسەلدۈرىدىغان ناھىيەلەر، ئۈلگە كۆرسىتىدىغان، يېتەكلەيدىغان ناھىيەلەر، مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان ناھىيەلەرنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتلارنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە تىرىكىنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپ جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

3. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. «ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى داۋاملىق چوڭقۇر، ياخشى يولغا قويۇش كېرەك: ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەرنى ئۇدۇللۇق تۈگىتىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، تىرىشىپ شەھەر - بازارلاردا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 460 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك يۆتكەپ، شەھەر - يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بارلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن تىرىشىپ بەھرىمەن قىلىش كېرەك. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا شەھەر - يېزا ئاھالىسى ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى، جىددىي ئېھتىياجلىق ئاممىۋى سەھىيە ماددىي ئەشيا كاپالىتى سىستېمىسىنى، ناھىيە - يېزا، كەنت داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشسىزلىق ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ئۇدۇللۇق تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر بىلەن يېزا بىرتۇتاش پىلانلانغان، ئادىل - بىرلىككە كەلگەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاياللار - بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئەمىن ئۆي كاپالىتى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماي تۇرالغۇ قىلىش»تا چىڭ تۇرۇش كېرەك. «كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش (1 - قارارلىق) قۇرۇلۇشىنى تاماملاش ئاساسىدا، ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شارائىتى بار ناھىيە - شەھەرلەرگە كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاممىۋى بىخەتەرلىك كاپالىتى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. مۇقىملىق ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تىنچ، تەرتىپلىك ئىجتىمائىي مۇھىتنى داۋاملىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

4. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىغا دائىر تەتقىقات، شەرھلەش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، قوغداش ۋە ئۆرنەك قىلىش، يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ كىرىش، ئىككى ئالاقە باغلاش، بىر دوستلىشىش» پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پائال تۈردە مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسىنى قەتئىي ئېغىشماي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

5. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىز پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى قەتئىي ئېغىشماي ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا دائىر دىن ئىلمى ئىدىيەسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقى ۋە ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

6. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، بازا قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالغا بېسىشقا، ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى پائال قېزىپ، داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش ئوتلۇق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، تور ئاممىۋى پىكرى ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، سەمىمىيلىك بىلەن زىيالىيلارنىڭ ياخشى سىردىشى بولۇش كېرەك.

7. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت مۇھاپىزىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «بىر قوللۇق» تەستىقلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي مەنئى قىلىش كېرەك. ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق بولغان زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سۇ - تۇپراقنى ساقلاش بويىچە داۋاملىق ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، زېمىننى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش، يايلىتىشنى توختىتىپ ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش ۋە تېرىلغۇدىن قايتۇرۇپ سۇنى ساقلاپ قېلىشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ئىچكىرىلەپ ياخشى قىلىش كېرەك؛ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «كاربون يۇقىرى چەككە يېتىش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش بىلەن كاربوننى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۈنۈمىنى ماس ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىدا «قوش تىزگىنلەش» بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

8. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − سوتسىيالىستىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشقا سېلىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتىش كېرەك.

9. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى، مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى، تەرەققىي قىلىپ كۈچىيىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىك جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ئەسلىھەنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت مۇداپىئەسى - ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك. ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قىسىم قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى ھەربىيلەر بارغان جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئېلىش، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، نەپىقە بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ جەڭگىۋار ئەترەتلىك، خىزمەت ئەترىتىلىك، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.

بەشىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قەتئىي ئېغىشماي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز كېرەك.

1. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى سىياسىي قۇرۇلۇشتىكى تۈپ مەسىلە دەپ بىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭ پايتەختىمىز بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر زىچ، چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى نامايان قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەك بولۇش، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق زور سىياسىي پىرىنسىپال مەسىلىلەردە، باشتىن - ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

2. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇھىم مەزمۇن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، تەشۋىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى دائىملاشتۇرۇپ ياخشى تۇتۇش كېرەك.

3. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەشكىلىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە ۋە مىللىي رايوندىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ تەربىيەلەپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان ھەرقايسى تەرەپتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ توپلاپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا كىشىلىك ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. مۇھىم ھالقىنى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تايانچلارنى زورايتىپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تالانتلىقلارنى توپلاپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۈچنى زورايتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

4. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام، بىرىنچى سەپنىڭ كۈچىنى تولۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

5. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك. تەربىيەنى كۈچەيتىش «تۆت خاھىش»نى تۈزەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇش، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق ئالدىدا ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، زىددىيەتكە يولۇققاندا قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشكە جۈرئەت قىلىپ، خەۋپكە دۇچ كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، سەۋەنلىك كۆرۈلگەندە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە يامان كەيپىياتقا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئاۋانگارت، نەمۇنىچىلاردىن بولۇش، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.

6. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك. شىنجاڭ گەرچە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسلىق جەڭ مەيدانى بولسىمۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە قىلچە ئالاھىدە بولۇۋېلىشقا بولمايدۇ، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى پۇختىلاپ، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى راۋرۇس چىڭىتىش، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەش، تەيشەن تېغىدەك مەزمۇت قىلىش كېرەك.

بىز ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىرادىنى بوشاشتۇرماي، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، پۇختا ئىشلەپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.