تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش دادىللىق بىلەن يېڭى يول ئېچىش

− زۇنيى يىغىنى روھى توغرىسىدا بايان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇاڭ يۆ، لى جىڭيا

زۇنيى يىغىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تارىخىدىكى ئاچقۇچلۇق «بۆلەك».

86 يىل ئىلگىرى، زۇنيى شەھىرىنىڭ زىيىن يولىغا جايلاشقان بەي خۇيجاڭ قەسىرىدە ئېچىلغان يىغىن ئەڭ خەتەرلىك، جىددىي پەيتتە پارتىيەنى قۇتقۇزۇۋالدى، قىزىل ئارمىيەنى قۇتقۇزۇۋالدى، جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇۋالدى.

ئىزدىنىش داۋامىدا قايتا ئويلىنىش، مۈشكۈل ئەھۋالدا جاسارەتكە كېلىش، خىرىس داۋامىدا يول ئېچىش. زۇنيى يىغىنىدا بارلىققا كەلگەن روھ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قاتمۇقات ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، 100 يىللىق شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى.

ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ يۆنىلىشنى كۆرسىتىش

«زۇنيى يىغىنىنىڭ يىغىن ئورنى» − ماۋ زېدۇڭ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئەسلىي جايى ئۈچۈن يېزىپ بەرگەن بىردىنبىر بېغىشلىما. بۇ يەردە ماۋ زېدۇڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى چوڭ بۇرۇلۇشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ تەقدىرىمۇ چوڭ بۇرۇلۇشنى كۈتۈۋالدى.

1934 - يىلى، كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان شياڭجياڭ ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى 80 نەچچە مىڭدىن ئازىيىپ بىراقلا 30 نەچچە مىڭغا چۈشۈپ قالدى، ئاشلىق ۋە ئوق - دورا كەمچىل بولدى، قاتتىق چارچاپ كەتتى.

ھېچكىم مۆجىزىنىڭ يۈزبېرىش - يۈزبەرمەسلىكىنى بىلمەيتتى، لېكىن مۆجىزە گۇيجوۋدىكى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە يۈزبەردى.

1935 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، زۇنيى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۈچ كۈن داۋاملاشقان يىغىن ھەر كۈنى دېگۈدەك يېرىم كېچىگىچە ئېچىلدى. ھەر قېتىملىق كەسكىن تالاش - تارتىش، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى −

«سول»چىل ھەربىي ئىشلار خاتالىقى ۋە مەزھەپچىلىك تەشكىلىي خاتالىقى تۈزىتىلدى؛ بو گۇ، لى دېلارنىڭ ئالىي قوماندانلىق ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ ماۋ زېدۇڭنىڭ رەھبەرلىك ئورنى ۋە توغرا ھەربىي ئىشلار لۇشيەنى بېكىتىلدى.

ئاچچىق ساۋاقنى ئەسكە ئېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. «ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تومۇرىغا سىڭىپ كىردى.

100 يىللىق مۇساپىدە، ھەر قېتىم تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم پەيتىگە كەلگەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەمىشە خاتالىققا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشىدى.

2021 - يىلى 2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇنيى يىغىنىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇلۇپ، خاتالىقلار تۈزىتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى تىكلەنگەن، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ئىجادىي تۈزۈلگەن ۋە يولغا قويۇلغان. بۇ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى سىنايدۇ، تارىخ كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، زۇنيى يىغىنى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش يولى مۇقەررەر ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ.

ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ يېڭى يول ئېچىش

شياڭجياڭ دەرياسىدىكى قانلىق جەڭدىن چىشۇي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈشكىچە، بىر قوشۇننىڭ ئىرادىسى مۇستەھكەم بولۇش، قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشتىكى ئەگرى سىزىقىنى سىزىپ چىقتى.

قايتا - قايتا يوقىتىپ قويۇپ، يەنە قايتا - قايتا ئىزدىدى. دۈشمەن بىلەن بولغان زور پەرقلىق كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئالدىدا، بۇ قوشۇننى سىنايدىغىنى ھايات - مامات بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ماركسىزملىق غايە - ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش بولدى.

بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ:

ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندا، قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرىدىن ھەر ئۈچ ئادەمدە ئاران بىر مىلتىق بار ئىدى، ھەربىر مىلتىقنىڭ ئوقى 50 پايغىمۇ يەتمەيتتى؛ شياڭجياڭ ئۇرۇشىدىن كېيىن، قىسىمدا ھېچقانچە ئوق - دورا قالمىغانىدى. زۇنيى رايونىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ھەربىر مىلتىقتا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ پايلا ئوق قالغانىدى.

بۇ چاغدا، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ 400 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇنى قىزىل ئارمىيەنى تېز سۈرئەتتە مۇھاسىرىگە ئېلىۋاتاتتى. قىزىل ئارمىيە بۇ «ھەربىر مىلتىقتا ئۈچ پاي ئوق» بولغان مۇشۇ جابدۇقتىن پايدىلىنىپ، قۇرۇق قول دېگۈدەك ئايروپىلان، زەمبىرەك سەپلەنگەن دۈشمەن بىلەن ئېلىشتى.

ئەگەر، ئۇلارنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جاسارىتى قەيەردىن كەلگەن؟ دەپ سورىغاندا، جاۋابى: ئېتىقاد. ھايات - ماماتلىق پەيتتە، ئېتىقاد ئۆزگەرمىدى، ئۇلۇغۋار روھىي كۈچ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

1935 - يىلى 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە، قىزىل ئارمىيە چىشۇي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتتى. قەھرىتان سوغۇقتا، قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى جۇل - جۇل ھەربىي فورمىسىنى كىيىپ، سىچۇەن - يۈننەن - گۇيجوۋدىكى تاغ ئورمانلىقلىرى، دەريالار ئارىسىدا يۇقىرى سىجىللىقتا كېچە - كۈندۈز جىددىي ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، دەل بىر جۈپ پۇتىغا تايىنىپ قورشاپ يوقاتماقچى بولغان گومىنداڭ ئارمىيەسىنى خېلىلا ئارقىغا تاشلىۋەتتى.

بەزىدە شەرقتە، بەزىدە غەربتە بولۇش، بەزىدە ئىلگىرىلەش، بەزىدە چېكىنىش. قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش يۆنىلىشى ئون قېتىمدىن ئارتۇق ئۆزگەردى، جەڭچىلەر جەڭ قىلغانسېرى جەسۇرلىشىپ كەتتى. يول بويى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاخىرى دەريادىن ئۆتۈپ شىمالغا يۈرۈش قىلىشتىن ئىبارەت بەلگىلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئەمەلگە ئاشۇردى.

بىر خىل جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى مەنبە قىلىپ، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەرلەرنىڭ ھەممىسىدە چېنىقتى، بارلىق ئازاب - ئوقۇبەتلەرنىڭ ھەممىسىدە تاۋلاندى.

ئويمان - دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئېچىش، خەۋپ - خەتەرلەرنى يېڭىپ يەنە ئاتلىنىش. يېڭى جەڭ مەيدانى، يېڭى سىناقتا كوممۇنىستلارنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم بولدى، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

زۇنيى يىغىنى ئېچىلغان جاي بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىر كېلىدىغان زۇنيى شەھىرىنىڭ بوجوۋ رايونى پىڭجېڭ گېلاۋ مىللىتى يېزىسى تۇەنجيې كەنتىدە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى خۇاڭ دافا ئاممىنى يېتەكلەپ، 30 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئوتىغۇچ، پولات سۈمبە، بازغان ۋە ئىككى قولىغا تايىنىپ، جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ تىك قىيادا بىر «ھاياتلىق ئۆستىڭى» چېپىپ، شۇ جاينىڭ ئۇزاقتىن بۇيان سۇ كەمچىل بولۇش تارىخىغا خاتىمە بەردى.

خۇاڭ دافا دائىم مۇنداق دەيدۇ: «كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى قۇربان بېرىشتىن قورقسا بولامدۇ؟ ئاشۇ ئىنقىلابىي قۇربانلار بەدىنى بىلەن ئوقنى توسۇپ تۇرۇپمۇ تىز پۈكمىگەن، بىزدە ئىش قىلغاندا مۇشۇنداق روھ بولۇشى كېرەك».

2020 - يىلى گۇيجوۋ ئۆلكىسىدىكى 66 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، ئېگىلمەس - سۇنماس قەيسەرلىك بىلەن «مۇتلەق نامراتلىق» دېگەن مىڭ يىللىق بەلگىنى يىرتىپ تاشلىدى.

2021 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت نامراتلارنى ئازايتىش مۆجىزىسىنى ياراتتى.

يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق يوق، تەبىئىي توسالغۇ - توسۇقلار يوق، لېكىن ئوخشاشلا يوشۇرۇن خادا تاش، تىكەنلەر بىلەن تولغان. پەقەت ئېتىقاد يەلكىنىنى چىقىرىپ، مىللەتنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ئىزدىنىپ، قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ.

مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ پۇختا قەدەم ئېلىش

زۇنيى يىغىنى خاتىرە سارىيىدا، بىر دوكلاتتا قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى ۋە زۇنيى يىغىنى ئەھۋالىنىڭ ئەينى چاغدىكى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالغا قانداق دوكلات قىلىنغانلىقى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دەسلەپتە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ بىر ياچېيكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە بويسۇنغان. ھالبۇكى، زۇنيى يىغىنى تۇنجى قېتىم كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچرىمىغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىنغا ئايلانغان. ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دېگەن: «مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى ھەقىقىي چۈشىنىش زۇنيى يىغىنىدىن باشلانغان».

زۇنيى يىغىنىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ئىگىلەپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور قارارلارنى چىقىرىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى قوغداپ، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتتى.

چىشۇي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈش، تىغ ئۇچىنى گۇيياڭغا ساختا قارىتىش، كۇنمىڭغا ھەيۋە بىلەن قىستاپ كىرىش، جىنشاجياڭ دەرياسىدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتۈش، دادۇخې دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش، لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تېز سۈرئەتتە ئېلىش... ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدېگەن، جانلىق، ھەرىكەتچان ھەربىي ئىشلار ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر قاتار قالتىس ھەرىكەتلەر پەقەت ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىلا، ئاندىن جەڭ مەيدانىدا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى.

ۋاياۋباۋدىكى گەمىدە، لوچۇەندىكى مەجلىسخانىدا، فېڭخۇاڭشەن تېغى ئېتىكىدىكى كىرسىن چىراغنىڭ يېنىدا... قىزىل ئارمىيەنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىش يولىدىكى ھەر قېتىملىق قارارلىرىمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى روشەن ئىسپاتلىدى.

يىمىرىلمەس بىر داۋلى كوممۇنىستلارنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ھەل قىلغاندىلا، ئىنقىلاب ئىشلىرىنى غەلىبىگە يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

بوران - چاپقۇندا تاۋلىنىش ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچ بىلەن تارىخ سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە ئۈزلۈكسىز كىرىپ، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ئىنقىلاب يولىدىكى شىددەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى يېزىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان باھار دولقۇنىنى قوزغاپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ گۈزەل ئەتىسىگە قاراپ ماڭدى.

پارتىيە تارىخى مۇتەخەسسىسى چېن جىن مۇنداق كۆرسەتتى: زۇنيى يىغىنى پارتىيەمىزگە ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ۋە يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشقا، ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى چوقۇم مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئارقىلىق ھەل قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.

«بىز زۇنيى يىغىنىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، زۇنيى يىغىنىنىڭ روھىنى مەڭگۈ نۇر چاچقۇزۇشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، مانا مەغرۇر ئاتلىدۇق بىز بېشىدىن دەسسەپ ئۇنى.

جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ بۇرۇلۇشىدا ئۇرغۇپ چىققان زۇنيى يىغىنى روھى بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىمىزنى يورۇتتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.