تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەممە كەنتتە كەسىپ بار بولدى ھەممە ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرالايدىغان بولدى

دوۋ چياڭ:

ھەممە كەنتتە كەسىپ بار بولدى ھەممە ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرالايدىغان بولدى

□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

«يېزا - بازار كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن» دېدى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چاغانتوقاي ناھىيەسى جاڭا جەر يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ چياڭ.

جاڭا جەر يېزىسى چاغانتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىكى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، 13 مەمۇرىي كەنت بار. «ئۈچ يىل ئىلگىرى يېزىغا كەلگەندىن كېيىن، مەن بۇ يەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئاساسىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى، ئۆز خاسلىقىنى شەكىللەندۈرمىگەنلىكىنى بايقىدىم. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپلەرمۇ يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك» دېدى دوۋ چياڭ.

2020 - يىلى، دوۋ چياڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جاڭا جەر يېزىسى چيەنجىن كەنتى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى ناھىيەنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا سىڭدۈردى. «بىز <كەنت پارتىيە ياچېيكىسى+شىركەت+دېھقان ئائىلىسى> مەشغۇلات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، سەھرا مېھمانخانىسى، زىيالىي ياشلار ئۆتىڭى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىنتايىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە دېھقانلار ئارامگاھلىرىنى بەرپا قىلدۇق. چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ تاغ گۈلى بايرىمىنى چۆرىدەپ، خۇيپەي خاس كىچىك بازىرى، ئۆرپ - ئادەت كەچلىك بازىرى، دۆلەت ئىچىدە مودا بولغان سۈپەتلىك ماركا تام رەسىملىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم خاس ساياھەت تۈرلىرىنى ئاچتۇق» دېدى دوۋ چياڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، چيەنجىن كەنتىگە كىرگەندە كىچىك كۆۋرۈك، ئېقىن سۇ، كۆك خىش، يېشىل كاھىشلار جياڭنەندىكى سۇ يۇرتىدەك گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلىدۇ. ئىلگىرى كۆزگە چېلىقمايدىغان بۇ كىچىك كەنت ھازىر «توردا ئالقىشلانغان كەنت»كە ئايلاندى.

نوقۇل «سەيلە - ساياھەت»نى «پەرقلىق ھېس قىلىش شەكلىدىكى ساياھەت»كە ئايلاندۇرۇش چيەنجىن كەنتىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىلەندۈردى.

كەنت ئاھالىسى ۋاڭ جيۇمىن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى كەنتىمىزنىڭ يوللىرى پاتقاق يول ئىدى، ئۆيلەرنىڭ ئالدى - كەينى قالايمىقانىدى، ھازىر يوللار ناھايىتى ياخشى ئۆزگەرتىلدى، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ھويلا - ئارانلىرى ناھايىتى چىرايلىق».

«بۈگۈنكى كۈندە، چيەنجىن كەنتىدە كۈندە بىر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىدىلا ساياھەتتىن نەپ ئالدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىپ، ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى بازىرىنى بېيىتىمىز» دېدى دوۋ چياڭ.

دوۋ چياڭ يەنە «پارتىيە ياچېيكىسى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+بازا +دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 30 مىڭ مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، گۆش كالىسى باقمىچىلىقى، بۆدۈنە باقمىچىلىقى، قولدا تەييارلانغان موما، نان، جۇڭيى دورىسى ئۆسۈملۈكلىرى تېرىقچىلىقى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، 1000دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

«ھەممە كەنتتە كەسىپ بار بولۇش، ھەممە ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى بار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ» دېدى دوۋ چياڭ.

«بىز يەرلىرىمىزنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرتۇتاش كۆكتات ۋە جۇڭيى دورىسى ئۆسۈملۈكى تېرىدى. يېزا يەنە بىزنى ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى، مەن بەش مو يەرگە سەۋزە تېرىدىم، پايدىسى ناھايىتى ياخشى بولدى. ھازىر بىز مۇقىم بولغان پايدا تەقسىماتى ئالالايمىز، يەنە ۋاقىت چىقىرىپ باشقا ئىشلارنى قىلالايمىز» دېدى جاڭا جەر يېزىسى ئاقتۆبە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئېربولات جانات.

«ئاممىنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەندىلا، ئاندىن ئامما بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ» دېدى دوۋ چياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.