□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ
10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، دوكلاتنى چۆرىدەپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەت توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى.
ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: دوكلاتتا شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايان قىلىنغان، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات لايىھەسى ئىلمىي سۈرەتلەنگەن بولۇپ، كىشىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئىشەنچنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىمىز.
جەمئىيەت مۇقىم بولدى، ئىشەنچ تولۇپ تاشتى
«بۇ بەش يىلدا، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل مۇقىم بولۇپ، تىنچلىق، ئىناقلىق ئومۇمىي ھالەتكە ئايلاندى» دوكلاتتىكى بۇ سۆز قاراماي شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قاراماي رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل پەن رۇيدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
ۋەكىل پەن رۇي مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىل ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل مۇقىم بولغان، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلىگەن بەش يىل بولدى. مۇقىملىق پايدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. بەش يىلدىن بۇيان، قاراماي رايونى ئورۇندىغان تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى جەمئىي 128 مىليارد 688 مىليون يۈەن بولدى؛ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 428 بولۇپ، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 35 مىليارد 870 مىليون يۈەن بولدى. بۇ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى قاراماي رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قاراماي شەھىرى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا مۇھىم كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولدى.
بىخەتەر، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى شىنجاڭنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
فۇكاڭ شەھىرىگە جايلاشقان تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ئىزچىل نۇرغۇن ساياھەتچى تەلپۈنىدىغان «جەزمەن بارىدىغان جاي». بۇ يىل «1 - ئۆكتەبىر»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، فۇكاڭ شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 308 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولۇپ، ساياھەت كىرىمى 195 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.5 ئاشتى.
«جەمئىيەت مۇقىملىقى ساياھەتچىلىكنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، فۇكاڭ شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسى سىجىل ئۆرلىدى.» فۇكاڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، ۋەكىل جاۋ شيەندۇڭ مۇنداق دېدى: «ساياھەتچىلىك فۇكاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى، بىزنىڭ فۇكاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يەنە بىر قاتلامغا كۆتۈرۈلۈشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشقا تولۇق ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز بار».
ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشتى
«بۇ بەش يىلدا، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىمىز كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا كۈنسايىن يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتتۇق.» دوكلاتتا بەش يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر شۇنداق شەرھلەندى.
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، گوۋۇيۈەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تارباغاتاي سىناق رايونى دېيىلىدۇ)نى تەسىس قىلىشقا تەستىقىي جاۋاب بېرىپ قوشۇلۇپ، تارباغاتاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشتى.
«تارباغاتاي سىناق رايونى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىدىغان بىرقانچە سىياسەتنى چىقاردى. بىز بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە ياراتتۇق.» تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى، ۋەكىل شۆ گۇيچياڭ مۇنداق دېدى: «ھازىرغا قەدەر، تارباغاتاي سىناق رايونى 372 تۈرنى يولغا قويغان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما 46 مىليارد يۈەن بولدى».
ۋەكىل شۆ گۇيچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپا، چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئېشىش قۇتۇپى، چېگرا ۋە دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم توسۇق قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىدۇ.
مەۋقە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن «يۇقىرى سۈپەت»كە قەدەم قويدى.
ۋەكىل پەن رۇي مۇنداق دېدى: «بىز يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇپ، دىققەتنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى يۆنىلىش قىلىپ، سودىگەر چاقىرىش، قۇرۇشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشتىكى يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچى جايى ۋە رەقەملىك ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، قاراماي رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا رەڭدارلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشتۇق».
خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، كىشىلەر قەلبى ئىللىدى
«بۇ بەش يىلدا، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، خەلققە پايدا، نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق قەلبنى ئىللىتتۇق.» باي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل پېڭ گاڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىل شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن بەش يىل بولدى. بۈگۈنكى كۈندىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، كەسىپلەر زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ كۆلەمدە ئىشقا ئاشتى، ھەر مىللەت ئامما شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نىسبەتەن ئۈمىدكە تولدى، ئىشەنچكە تولدى!
بۈگۈنكى باي ناھىيەسىدە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، ھەممە كەنتتە يەسلى بار بولۇپ، سۇ، توك، گاز، خەۋەرلىشىش ھەربىر ئائىلىگە تۇتاشتۇرۇلدى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئومۇمىي خەلقنى قاپلىدى، ھەر مىللەت ئامما ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى، نۇرغۇن ئەمەلىي نەپ ھەقىقىي يەتكۈزۈلۈپ، كۈنلەر تېخىمۇ شېرىن بولدى. «شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىلگىرى پۇقرالارغا قىلىپ بېرىمىز دەپ قىلىپ بېرەلمىگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆتكەن بەش يىلدا نەقلەشتۈردۇق، پۇقرالارغا بېجىرىپ بېرىمىز دەپ بېجىرىپ بېرەلمىگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆتكەن بەش يىلدا ياخشى بېجىرىپ بەردۇق» دېدى ۋەكىل پېڭ گاڭ.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى پۇختا تۇتۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى.
«<13 - بەش يىل> مەزگىلىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى شەھەر - بازارلاردا 288 مىڭ كىشىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى، 32 مىڭ 300 كىشىنىڭ يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، 76 مىڭ 200 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. تۈرلۈك خادىملاردىن 225 مىڭ 800 ئادەم قېتىم تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، يېزىلاردىكى 2 مىليون 640 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ۋەكىل ليۇ سۈنگاڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى قۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر بىلەن مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇستەھكەملەيمىز».