ئانار بۇلۇت خەۋىرى 2006-يىلى قىشتىن ھازىرغىچە، ياۋا ئاق قۇلار ئۇدا 16 يىل كورلا شەھىرىدىكى كاككۇك دەرياسىنى قىشلايدىغان ماكان قىلىپ تاللاپ، سۇدا ئەركىن ئويناپ، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچرىشىپ، شۇ جايدىكى توردا ئالقىشلانغان ئېكولوگىيەلىك يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەرگە كېلىپ قىشلايدىغان ئاق قۇلارنىڭ سانى 2007-يىلىدىكى 12دىن كۆپىيىپ ئەڭ كۆپ بولغاندا 500دىن ئاشقان، ماكانلىشىش ۋاقتىمۇ دەسلەپكى 51 كۈندىن 180نەچچە كۈنگە ئۇزارغان.
زۇمرەتتەك دەريا سۈيىدە ئاق قۇلار ئۈزۈپ يۈرمەكتە. (10-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)
ۋېي يىنخې فوتوسى
10-ئاينىڭ 19-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ كاككۇك دەرياسىدىكى ئاق قۇلار نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
ۋېي يىنخې فوتوسى
10-ئاينىڭ 19-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ كاككۇك دەرياسىدىكى ئاق قۇلار.
ۋېي يىنخې فوتوسى
10-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاق قۇلار كورلا شەھىرى كاككۇك دەرياسىدا سۇ ئۈزمەكتە.
ۋېي يىنخې فوتوسى
ئاق قۇلار ئەركىن ئۈزۈپ يۈرمەكتە. (10-ئاينىڭ 19-كۈنى)
ۋېي يىنخې فوتوسى
10-ئاينىڭ 19-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى دەريادا ئۈزۈپ يۈرگەن ئاق قۇلارنى تاماشا قىلماقتا.
ۋېي يىنخې فوتوسى