تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

يېڭى پاختىلار يىغىۋېلىندى!

 

  10-ئاينىڭ 20-كۈنى، قومۇل شەھەرلىك تەمىنات-سودا يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ پاختا ھېسابىنى ئۈزۈش (نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش) ئامبىرىدىكى خىزمەتچى خادىم ئامبارغا كىرگۈزىدىغان تايلانغان پاختىلارنى يۈك ئاپتوموبىلىدىن چۈشۈرمەكتە. ھازىر، قومۇل شەھىرىدىكى 260 مىڭ مو يەرگە تېرىلغان كېۋەز ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى. پاختا يىغىش ماشىنىسى كېۋەزلىكتە موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، پاختا زاۋۇتىدا ماشىنىلار گۈركىرەپ، قايناق ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى. شۇ جايدىكى پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرى يېڭى پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلەپ، پاختىلارنى ۋاقتىدا ئامبارغا كىرگۈزۈپ، بازارغا سېلىپ سېتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
لى خۇا فوتوسى

  10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىشچى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى بۇلۇڭتوغراق يېزىسىدىكى بىر پاختا پىششىقلاش زاۋۇتىدا يېڭى پاختىلارنى دۆۋىلىمەكتە.

لى خۇا فوتوسى

  10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىشچى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى بۇلۇڭتوغراق يېزىسىدىكى پاختا پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ پاختا ئايرىش سېخىدا ساپ پاختا تايلىماقتا.

لى خۇا فوتوسى

  دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بىر پاختا يىغىش ماشىنىسى قومۇل دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا رايونىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا (9-ئاينىڭ 14-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

لى خۇا فوتوسى

  10-ئاينىڭ 20-كۈنى، قومۇل شەھەرلىك تەمىنات ـ سودا يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى پاختا ھېسابىنى ئۈزۈش (نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش) ئامبىرىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئامبارغا كىرگۈزىدىغان پاختىلارنى تەكشۈرمەكتە.

لى خۇا فوتوسى

  10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرىدىكى ئاقسۇ تيەنچېڭ پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىم يېڭى پاختا توشۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. نۆۋەتتە، ئونسۇ ناھىيەسىدە 494 مىڭ مو يەرگە تېرىلغان كېۋەز پاختا تېرىش پەسلىگە كىردى، شۇ جايدىكى پاختا سېتىۋېلىش كارخانىلىرى سېتىۋېلىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، پاختىلارنى ۋاقتىدا ئامبارغا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

يەن شوۋلىن فوتوسى

  10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرىدىكى ئاقسۇ تيەنچېڭ پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىم يېڭى پاختىلارنى دۆۋىلىمەكتە.

يەن شوۋلىن فوتوسى

  10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرىدىكى ئاقسۇ تيەنچېڭ پاختىچىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىم ئاپتوموبىللارغا يېڭى پاختىلارنى قاچىلىماقتا.

يەن شوۋلىن فوتوسى

  10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرىدىكى ئاقسۇ تيەنچېڭ پاختىچىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىملار يېڭى پاختىلارنى تاڭماقتا.

يەن شوۋلىن فوتوسى

  10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرىدىكى ئاقسۇ تيەنچېڭ پاختىچىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىم يېڭى پاختىلارنى تاڭماقتا.

يەن شوۋلىن فوتوسى

  10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرىدىكى ئاقسۇ تيەنچېڭ پاختىچىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىم يېڭى پاختىلارنى توشۇماقتا.

يەن شوۋلىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.