ئاپتورلىرى: غەيرەت ئابلىز، زوۋ رۇڭنيەن
10-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شىجىر بازىرى سۇ ئامبىرىدا، توپ-توپ پەسىل قۇشلىرى توختاپ، ئوزۇقلۇق ئىزدىدى. ئۇلار بەزىدە ئۈچ-تۆتتىن توپ بولۇشۇپ سۇدا ئۈزۈپ ئويناشسا، بەزىدە سۇ يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ قاناتلىرىنى قېقىپ پەرۋاز قىلاتتى، بەزىدە سۇ ئامبىرى بويىدىكى سۇلۇق يەردە بەخىرامان مېڭىپ يۈرەتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ قەدەممۇقەدەم ياخشىلىنىشى ۋە ئاممىنىڭ مۇھىت قوغداش، قۇشلارنى سۆيۈش، قۇشلارنى ئاسراش ئېڭىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، قۇش تۈرلىرىنىڭ ياشىشى، كۆچۈشىگە ياخشى ياشاش مۇھىتى ھازىرلاندى، شىجىر بازىرى سۇ ئامبىرى پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش جەريانىدىكى ئۆتەڭ بېكىتى ۋە قىشلايدىغان ماكانىغا ئايلاندى.
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى