ئاپتور: چېن گۇڭچىڭ
بوغدا چوققىسى شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5445 مېتىر كېلىدۇ، تىيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ.
ئالتۇن كۈز پەسلىدە، يىراققا نەزەر سالسىڭىز، شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن بەھەيۋەت بوغدا چوققىسى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. تۇنجى قار بىلەن قاپلانغان بوغدا تاغ تىزمىسىنىڭ ئېگىز چوققىلىرى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىدۇ. تاغ ئېتىكىدىكى ئوتلاق كۈز رەڭگىدە بويىلىپ، چوپان ناخشىسى يىراقلارغا ياڭراپ، ھەممە يەر قويۇق كۈز تۈسىنى ئالىدۇ.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى