تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

[جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا ]شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش بىر كەسىپتە زەپەر مارشى ياڭرىتىپ، ھەممە كەسىپلەرنى روناق تاپقۇزۇش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

كەچ كۈزدە تاغنىڭ ھاۋاسى سوۋۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن قابا ناھىيەسى جايىلما يېزىسى كۇلدەنەڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جېڭىس مەخسۇتنىڭ قەلبىدە بىر پارچە ئوت يېلىنجاپ تۇراتتى.

«كېلەر يىلى ئەتىيازدا مەن يەنە نەچچە ئونمىڭ يۈەن خەجلەپ كونا ئۆيۈمنى قايتىدىن ئوڭشايمەن» دېدى ئۇ ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان ياغاچلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. بۇلتۇر، كەنتنىڭ ياردىمىدە، ئۇ پۇقراۋى قونالغۇ ئاچتى. بۇ ئىككى يىلدا خېلى ياخشى كىرىم قىلغاچقا، ئۇنىڭدا پۇقراۋى قونالغۇنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش يېڭى ئويى پەيدا بولدى.

كۇلدەنەڭ كەنتى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىلگىرى قاتناش شارائىتى ئارقىدا قالغاچقا كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي تەبىئىي بايلىققا تايىنىپ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى، كەنتنىڭ ياردىمىدە، ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە بولغان دېھقانلار ئارامگاھلىرى، پۇقراۋى قونالغۇلار كەينى - كەينىدىن ئېچىلدى. كەنت ئاھالىلىرى پائال قاتنىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەبلەغ سالدى، ياخشى يېزا ئىستىلى ۋە ياخشى مەنزىرىلەر بۇ كىچىك تاغلىق كەنتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

بۇنداق ھېكايىلەر پەقەت كۇلدەنەڭ كەنتى بىلەنلا توختاپ قالمىدى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىك كەسپى زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ شىددەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، شىنجاڭدىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ ۋە باشلامچى كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

يۇغۇرۇلۇپ «ئالتۇن بارماق»قا ئايلىنىش

بىر كەسىپتە زەپەر مارشى ياڭراپ، ھەممە كەسىپلەر روناق تاپتى. بۇ سۆز شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە بەك مۇناسىپ كېلىدۇ.

بۇ يىل 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى 155 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ساياھەت كىرىمى 120 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى. ساياھەتچىلىك شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان موتورلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، تۈرتكىلىك رولى تېخىمۇ روشەنلەشتى.

ئۈزۈم سېتىۋېلىش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، شىنجاڭ شىنبېيداۋ ئۈزۈم ھارىقى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جۇڭخۇا ئەكسىچە تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى − ھاراق كارخانىسى قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش، كۆكەرتىش قاتارلىق خىزمەتلەر باشلانغانىدى. كېلەر يىلى، بۇ جايدا ھاراق كارخانىسى ساياھەت تۈرى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ، «بىز <ساياھەت+ ئۈزۈم ھارىقى كەسپى> تېز پويىزىغا چىقىمىز» دېدى ئۇ.

ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ زور تەرەققىيات شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم ھارىقى كارخانىلىرى ساياھەتچىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستىراھەت ساياھىتى ئۆزگىچە سەرخىل ئۈزۈم ھارىقى كارخانىسىدىن 12گە نام بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈزۈم ھارىقى مەدەنىيىتى ساياھەت سەرخىل لىنىيەسىدىن 15نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ساياھەتچىلىك بىلەن ئۈزۈم ھارىقى كەسپى قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىمەكتە.

بۇ پەقەت شىنجاڭدىكى «ساياھەت+ »تىن ئىبارەت بۇ كاتتا ئەسەردىكى بىر سەھىپە خالاس. بۈگۈنكى كۈندە «ساياھەت + مەدەنىيەت» «ساياھەت+ قاتناش» «ساياھەت + تەتقىقات - ئوقۇتۇش» «ساياھەت+ تەنتەربىيە» «ساياھەت+ ھاۋارايى»... «ساياھەت+ »تىن ئىبارەت بۇ ئىش قىلغانسېرى زورايدى، بارغانسېرى رەڭدارلاشتى. 3 - كەسىپتىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇغۇرۇلۇش خاراكتېرى كۈچلۈك، يېتەكلەش خاراكتېرى زور بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى تولۇق نامايان بولدى.

«يۇغۇرۇشقا بولسىلا يۇغۇرۇپ، يۇغۇرۇشقا مۇۋاپىق كەلسىلا تولۇق يۇغۇرۇپ»، ساياھەتچىلىك نۇرغۇن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى «ئالتۇن بارماق»قا ئايلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپكە كۈچلۈك يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قويۇپ بېرىپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىدا باشلامچى بولدى.

2016 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %38.08 بولدى. 2019 - يىلى ساياھەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ شىنجاڭ GDPسىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %13.95كە يەتتى. 2020 - يىلى، يۇقۇمنىڭ زەربىسى ئالدىدا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قايتىدىن كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىپ، ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە 9 - ئورۇندا تۇردى.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈپ ئۇلنى چىڭىتىش

كۇلدەنەڭ كەنتىدە جېڭىسقا ئوخشاش «ئۈستىلىمە مەبلەغنى كۆپەيتىش»نى پىلانلاۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى خېلى كۆپ. چوڭ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بۇ كىچىك تاغلىق كەنت ساياھەتچىلىك ئارقىلىق بېيىدى، ئۆزگەردى.

كەنت ئاھالىلىرى تېرىغان ياڭيۇ، كۆك پۇرچاق قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى، ئىشلەپچىقارغان قۇرۇت، سېرىق ماي، پىشلاق، قىمىز قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ بولدى، باھاسى بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ يۇقىرى بولدى. ھازىر كۇلدەنەڭ كەنتى قابا ناھىيەسىدىكى ئون نۇقتىلىق ساياھەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، «بىز بۇ كەنتنىڭ ساياھەتچىلىكنى يادرولۇق كەسىپ قىلىپ، دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ ھەمدە يېزا ئىگىلىك ساياھىتى، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىمىز ۋە يېتەكچىلىك قىلىمىز» دېدى قابا ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىنچياڭ تونۇشتۇرۇپ.

پۈتۈن شىنجاڭدا ھازىر 8000دىن ئارتۇق دېھقانلار ئارامگاھى بار، خاس پۇقراۋى قونالغۇلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك تېخىمۇ كۆپ بارلىققا كەلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى زور بىر تۈركۈم نۇقتىلىق يېزا - بازار، نۇقتىلىق كەنت، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قاتارلىقلار بارلىققا كەلدى، «ئېرتىش دەرياسىدىكى 1 - كەنت» كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتى قاتارلىق يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى تىپلار ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، ساياھەتچىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى.

«ساياھەتتىن نەپ ئېلىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈردۇق»، يېزا - كەنت ساياھىتى شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە كۈچ قوشىدىغان كۈچلۈك موتورغا ئايلاندى.

ئورۇنلاشتۇرۇپ مەبلەغ سېلىپ «يېڭى بوشلۇق ئېچىش»

«قاناس مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، تۇنجى بولۇپ ھېس قىلغىنىم بۇ جاينىڭ ناھايىتى پاكىز، ناھايىتى رەتلىك، ئەسلىھەلىرىنىڭ ناھايىتى زامانىۋى ئىكەنلىكى بولدى» دېدى «1 - ئۆكتەبىر» دەم ئېلىش مەزگىلىدە بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلگەن ئەنخۇيلۇق ساياھەتچى خۇڭ ۋەنچىڭ. ئۇ كۆرگەن مۇكەممەل، تولۇق ساياھەت ئەسلىھەلىرى، پاكىز، رەتلىك ساياھەت ھاجەتخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆتنى ياخشىلاش (ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش، ھاجەتخانىلارنى ياخشىلاش، قاتناشنى ياخشىلاش)»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مەدەنىيەت ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون خامچوتى ئىچىدە جەمئىي 2 مىليارد 235 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى قاتارلىق 591 مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەردى ھەم 7 مىليارد يۈەنگە يېقىن جەمئىيەت كاپىتالى سېلىنمىسىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكنى سىجىل تولۇقلاپ، ساياھەت قاتنىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى.

ئاساس پۇختا، مۇقىم بولدى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، ساياھەتچىلىك كۈنسېرى سېلىنما جەلپ قىلىدىغان ئېگىزلىككە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئارقا - ئارقىدىن جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى، خۇاچياۋچېڭ گۇرۇھى، جۇڭگو ياشلار ساياھەت پاي كونترول پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ساياھەت تۈرىدە ھەمكارلىشىش ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، جىڭدۇڭ گۇرۇھى، تۇڭچېڭ گۇرۇھى، ئالادىڭ گۇرۇھى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى كارخانىلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتۈردى.

نۇرغۇن جەمئىيەت كاپىتالى مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىگە كىرىپ، كەسىپلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تۈگىمەس ئېقىن سۇ باشلاپ كەلدى. 2019 - يىلى، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش سوممىسى 26 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردى، «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش» سۇپىسى ئارقا - ئارقىدىن 2021 - يىلىدىكى مۇھىم، زور مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپلىرىنىڭ سودىگەر چاقىرىش تۈرىدىن 300نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 104 مىليارد 208 مىليون يۈەنگە يەتتى.

«بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى كەسىپ تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى تاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: «كاپىتال بەس - بەستە كىرىدىغان، كەسىپلەر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىدىغان» خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت يېتىپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.