تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«گۈل بەرگىلىرى قەلبداش بولۇپ» قۇياشقا قاراپ ئېچىلدى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ يېڭى سەھىپە پۈتكەنلىكى توغرىسىدا

تەھرىر ئىزاھاتى:

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى كۆزلەپ، چوڭ ئىستراتېگىيە ئارقىلىق رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ چوڭ شاھمات تاختىسىنى پىلانلاپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە يۆنىلىش بەلگىلەپ، يول ئېچىپ بەردى.

بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنى يۈكسەلدۈرۈش، شەرقىي قىسىمنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن باشلاپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى «يېڭى ئىدىيە يېڭى مۇساپىنى يېتەكلەش . دەۋر جاۋاب قەغىزى» ئىستونىنى تەسىس قىلىپ، ئۇدا توققۇز پارچە نۇقتىلىق خەۋەر تارقىتىدۇ. مۇخبىرلارنىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، زىيارەت قىلىشى ئارقىلىق، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ يولغا قويغان رايونلار مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى ۋە رايونلار ماس تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. بۈگۈن «<گۈل بەرگىلىرى قەلبداش بولۇپ> قۇياشقا قاراپ ئېچىلدى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ يېڭى سەھىپە پۈتكەنلىكى توغرىسىدا» ناملىق تۇنجى پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى فېڭشۇاڭ، جاڭ تاۋ، چى لېيجيې

يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ يولغا قويۇپ، ھەربىر مۇھىم باسقۇچ ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىدا يۆنىلىشنى بەلگىلەپ بەردى.

«بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي بىر تال گۈلنىڭ بەرگىلىرىگە ئوخشايدۇ، بەرگىلەر بىر - بىرىگە ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما قەلبداش.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى چىن ھېسسىياتقا تولغان بولۇپ، مەنىسى چوڭقۇر ئىدى.

بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ جايدا 100 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار، كۆلىمى 210 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي «بىر مو ئۈچ پۇڭ يەر» تەپەككۇر شەكلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىر پارچە خەرىتە بويىچە پىلانلىدى، بىر تاختا شاھمات بويىچە قۇرۇلۇش قىلدى، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدى. «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، ماس تەرەققىيات يېڭى يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى...

نۇقتىلىق ساھەلەردىكى «ئۈچ چوڭ بۆسۈش» ئارقىلىق «ماسلىشىش ئېففېكتى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

«ئىلگىرى شيۇڭئەندىن بېيجىڭغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىشقا تەخمىنەن ئىككى سائەت ۋاقىت كېتەتتى. بېيجىڭ - شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شيۇڭئەندىن داشىڭ ئايروپورتىغا بېرىشقا ئەڭ تېز بولغاندا 19 مىنۇتلا كېتىدىغان بولدى، بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا بېرىشقا بىر سائەتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ.» بېيجىڭ بىلەن شيۇڭئەن ئارىسىدا دائىم قاتناپ تۇرىدىغان قۇرۇلۇش قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى بېيجىڭ بىلەن شيۇڭئەننى تېخىمۇ يېقىن قىلدى.

شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى تەسىس قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك تارىخىي خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ، ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

2019 - يىلى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى يىرىك پىلان كۆرگەزمە مەركىزىدە، چوڭ ئېكران ئارقىلىق بېيجىڭ - شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولىنىڭ شيۇڭئەن ۋوگزالى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەھەر قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك، سىلەر دەل شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ «مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان» ئۈچۈن يول ئېچىپ ئاۋانگارت بولىدىغان خىزمەتنى ئىشلەۋاتىسىلەر، تۆھپەڭلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزدى.

2014 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلاپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇھىم، زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسى قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، سىجىل بولغان ماس تەرەققىي قىلىش يولىنى تېزدىن تېپىپ چىقىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

2015 - يىل 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى پىروگراممىسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش - يۆتكەش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلىرىدە ئالدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى «ئۈچ چوڭ بۆسۈش» مول مېۋە بەردى:

− بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن قاتناش تورى «تۇتاشتۇرۇلدى»، «بىر سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكى» بارغانسېرى زورايدى.

تيەنجىن - شىجياجۇاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىپ، تيەنجىن بىلەن شىجياجۇاڭ ئارىسىدا «سۇنۇق سىزىقلىق قاتراش» تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى؛ جاڭجياكوۋدا بېيجىڭ - جاڭجياكوۋ گاۋتيېسى قىشلىق ئولىمپىك شەھەرچىسى بولغان چۇڭلىنى پايتەختنىڭ بىر سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكىگە ئېلىپ كىردى.

يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۈچ جاي جەمئىي 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇدۇللاشتۇرۇلىدىغان يول، «بوغما يول»لارنى تۇتاشتۇردى، كېڭەيتتى. تيەنجىن - باۋدىڭ شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولى، بېيجىڭ - چېڭدې گاۋتيېسى قاتارلىقلار پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، بېيجىڭ - تاڭشەن، بېيجىڭ - بىنخەي، تيەنجىن - داشىڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، «رېلىستىكى بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي»نىڭ ئاساسىي رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، ماس تەرەققىيات كۈچلۈك «رامكا سىستېمىسى»غا ئىگە بولدى.

− ئېكولوگىيەلىك مۇھىت «گۈزەللەشتى»، «يۈرەك، ئۆپكە خەۋپى» ئۈنۈملۈك تۈزەلدى.

2019 - يىلى 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا شيۇلىن مۇلازىمەت پونكىتى سۇپىسىغا چىقىپ يىراققا نەزەر سالدى، چاتقال ۋە ئوت - چۆپلەر ئېگىز - پەس گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىقتىسادىي ئورمان، ئېكولوگىيە ئورمىنى رەت - رەت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئۇ ئىرغاڭشىپ تۇرغان كۆچەتلەرگە قاراپ، خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، شيۇڭئەن يېڭى رايونى دەل مۇشۇنداق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا تايىنىپ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشى، جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

«باشنى كۆتۈرسىلا كۆك ئاسمان ئاق بۇلۇتلارنى كۆرگىلى بولىدىغان كۈنلەر دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى.» بۇ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي ئاھالىلىرىنىڭ بارغانسېرى روشەن بولۇۋاتقان ئومۇمىي تەسىراتى.

2020 - يىلى بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي رايونىدىكى PM2.5نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 44 مىكروگىرام/كۇب مېتىر بولۇپ، 2014 - يىلىدىكىدىن %51 تۆۋەنلىدى. «ئىلگىرى پەقەت خېبېينىڭ كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىنى كۆرگىلى بولاتتى. ھازىر بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىمىز، PM2.5 تەركىبىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىنى كۆرگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە كەلگۈسى ھاۋا سۈپىتىنى ئالدىن مۆلچەرلەش سانلىق مەلۇماتىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ، بىرلىشىپ ئالدىن سىگنال بېرىشنىڭ توغرىلىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى» دېدى خېبېي ئۆلكىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئېغىر بۇلغىنىش بويىچە ھاۋا رايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى جاڭ لياڭ.

− كەسىپ ھەمكارلىقى «تۇتاشتۇرۇلدى»، ماسلىشىش زەنجىرى «ئۇلاندى».

«كارخانا بېيجىڭدا قۇرۇلۇپ، تيەنجىندە ئۆسۈپ يېتىلدى، ئىككى جاي ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىدى، تەرەققىيات بوشلۇقى كېڭەيدى» دېدى تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونى كالېيئېر ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى يىن لى. مەھسۇلات بېيجىڭدا تەتقىق قىلىنىپ ئېچىلىپ، لايىھەلىنىپ، تيەنجىن ياكى خېبېيدىكى بازىدا ياسىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېيدا سان - ساناقسىز.

بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەپ تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۈچ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىيات زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، رايونلار ئارا كەسىپلەرنىڭ مۇۋاپىق تارقىلىشى ۋە يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ يىرىك پىلانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئوخشاش قۇرۇلمىلىق، بىر خىللاشقان تەرەققىيات بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۈندىكى كارخانىلارنىڭ تيەنجىن - خېبېيدا تەسىس قىلغان تارماق ئاپپاراتلىرى 9100دىن ئاشقان، بېيجىڭنىڭ تيەنجىن - خېبېيدىكى تېخنىكا توختامى بويىچە پۈتۈشۈش سوممىسى جەمئىي 160 مىليارد يۈەندىن ئاشقان. خېبېي ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان جەمئىي قوبۇل قىلغان بېيجىڭ - تيەنجىندىن يۆتكىلىپ كەلگەن قانۇنىي ئىگە ئورۇن 26 مىڭغا يېقىنلاشقان، كەسىپ پائالىيىتى قىلىدىغان ئورۇن 10 مىڭغا يېقىنلاشقان.

«مۇھىم تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، «ماس ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى»نى قويۇپ بېرىش

بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش بېيجىڭ - تيەنجىن -خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ «مۇھىم تۇتقىسى». «كۈچەش نۇقتىسى ۋە چىقىش نۇقتىسى دەل تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، <چوڭ شەھەر كېسىلى> مەسىلىسىنى ھەل قىلىش.» باش شۇجى شى جىنپىڭ «تارقاقلاشتۇرۇش» دېگەن سۆزنى كۆپ قېتىم ئوبرازلىق ھەم چوڭقۇر شەرھلەپ چۈشەندۈردى.

«بېيجىڭدىن تارقاقلاشتۇرۇپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كېڭەيدى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستى.» فابوجىن (جۇڭگو) تېببىي دورىگەرلىك تېخنىكىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ساڭجوۋ زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى سۈن گوۋېي مۇنداق دېدى: قۇرۇلغان يېڭى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بېيجىڭدىكى زاۋۇتنىڭ 20 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

جەمئىي 3000غا يېقىن ئادەتتىكى ياسىمىچىلىق كارخانىسى تارقاقلاشتۇرۇلدى، جەمئىي 1000دەك رايون خاراكتېرلىك توپ سېتىش بازىرى ۋە ئەشيا ئوبوروت مەركىزى تارقاقلاشتۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى؛ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس كۆلىمى 2017 - يىلىدىن بۇيان سىجىل تۆۋەنلەپ، 2020 - يىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسىنى كونترول قىلىش نىشانى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى... بۇ سانلارنىڭ ئارقىسىدىكىسى بېيجىڭنىڭ يەتتە يىلدىن بۇيان سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، مىقدارنى ئازايتىپ تەرەققىي قىلىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدۇر.

بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شەھەرلىك بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي ماس تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تەن شۈشياڭ مۇنداق دېدى: پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەنى تارقاقلاشتۇرۇش بېيجىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشلۇق يارىتىپ بېرىپ، پەن - تېخنىكا، ئۇچۇر، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى «ئالىي، سەرخىل، ئىلغار» كەسىپلەرنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان بازار سۇبيېكتلىرىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى 2013 - يىلىدىكى %40.7تىن 2020 - يىلىدىكى %60كە ئۆرلىدى.

بۈگۈنكى شيۇڭئەن يېڭى رايونى، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە زور كۆلەملىك ئېچىش - قۇرۇشنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش باسقۇچىغا كىردى، 200دىن ئارتۇق مۇھىم، زور تۈر پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە 200 مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش قىلغۇچى كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا رايوننىڭ شەھەر رامكىسى قوزغىتىلىپ دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولىدۇ...

تۇڭجوۋدىن ئىبارەت بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىدە، بېيجىڭدىكى شەھەر دەرىجىلىك ئورگاندىكى 35 تارماقتىكى جەمئىي 12 مىڭ ئادەم قوشۇمچە مەركەزگە كۆچۈپ كىرىپ ئىش بېجىردى؛ چىڭخۇا داشۆنىڭ ۋۇداۋكوۋ پۇل مۇئامىلە شۆيۈەنى، جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ شەرقىي مەكتەپ رايونى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى كىرگۈزۈلدى؛ بېيجىڭ دوستلۇق دوختۇرخانىسى قاتارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ توڭجوۋ دوختۇرخانا رايونلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن كېسەل كۆرۈش باشلاندى؛ بۇ يىل 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، قانال سودا ئىشلىرى رايونىدا 14 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا تىزىمغا ئالدۇردى...

بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ بېيجىڭدىكى مىنىستىرلىق، كومىتېتقا قاراشلىق ئالىي مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ باش ئىشتابى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، پايتەختكە خاس بولمىغان مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلەرنى شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا تارقاقلاشتۇرۇشقا مۇددەتكە بۆلۈپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە بىر تۈركۈم ئۆلچەم خادىسى خاراكتېرلىك تۈرلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوتتۇرا - ئۇزاق مەزگىللىك تارقاقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىمىز.

يېڭى مېخانىزم بەرپا قىلىپ، «ماس تەرەققىياتنىڭ پايدىسى»دىن پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈش

يېقىندا، بىر ئالتە ياشلىق كىچىك قىزغا ئۆز تېنىدىكى قان ياساش غول ھۈجەيرىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ باۋدىڭ دوختۇرخانىسىدا ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. «ئۆلكە ھالقىپ ھاۋالىلىك باشقۇرغان» ئالتە يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى 7000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق باۋدىڭغا بېرىپ، باۋدىڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش - پەرۋىش قىلىش قوشۇنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، مۇرەككەپ، ئېغىر زور بىر تۈركۈم كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى.

خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشىنى كۆزلەيدىغان بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن ئىش.

«خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان، جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، مائارىپ، داۋالاش بايلىقى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھۆكۈمەت يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، بازار مېخانىزمى كىرگۈزۈلۈپ، ھەمكارلىق شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلدى، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈرلىرى «ئۆلكە ھالقىپ، دەريادىن ئۆتۈپ» ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلدى:

− مائارىپ ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. خېبېي بېيجىڭ، تيەنجىن بىلەن گۇرۇھلار مەكتەپ قۇرۇش، مەكتەپلەر ئىتتىپاق تۈزۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى؛ ئالىي مائارىپنى چوڭقۇر ھەمكارلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي سانائەت مەكتەپلىرى ئىتتىپاقى، سىفەن مەكتەپلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئىتتىپاقىدىن توققۇزى تەشكىللەپ قۇرۇلدى...

− داۋالاش - سەھىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىق قويۇقلاشتۇرۇلدى. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرى قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش ۋە تەكشۈرۈش - ئانالىز قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش سۇغۇرتىسىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش ۋە باشقا جايدا داۋالىنىش مۇلازىمىتى جەھەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

− مەدەنىيەت - ساياھەت ماس ئالغا سىلجىتىلدى. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي سەددىچىن سېپىلى ۋە بۈيۈك قانال باش تېما قىلىنغان بىر تۈركۈم خاس مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە لىنىيەلىرىنى ئورتاق يېتىشتۈرۈپ بەرپا قىلىپ، سەددىچىن سېپىلى، بۈيۈك قانال دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى ماركىسىنى ئورتاق بارلىققا كەلتۈردى.

تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش تەپەككۇردىكى ئۆزگىرىش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشتۇر.

2015 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى: تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى توسالغۇلارنى تېز بۇزۇپ تاشلاپ، مۇھىم ئامىل بازارلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي ماس تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش كېرەك.

يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ماسلىشىش يېڭى بوشلۇقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، رايونلار ئارا ھەمكارلىق تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلدى. بېيجىڭ تۇڭجوۋ رايونى بىلەن خېبېي لاڭفاڭنىڭ شىمالىدىكى ئۈچ ناھىيەنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، بېيجىڭنىڭ شەھەر رېلىسلىق قاتناش لىنىيەسى تۇنجى قېتىم ئۆلكە ئاتلاپ خېبېي تەۋەلىكىگىچە ئۇزارتىلدى.

بۇ يىل 7 - ئايدا، تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونى خېبېي ساڭجوۋ بوخەي يېڭى رايونى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، 30 تۈرلۈك سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش ئىش تۈرى ۋە كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت ئىجازىتى ئىشلىرى توغرىسىدا «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش»نى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى، ئامما ئىش بېجىرگەندە ئەمدى «ئىككى جايغا قاترىمايدىغان، يېنىشلاپ قاترىمايدىغان» بولدى.

خەلق مەركەز قىلىنغان قىممەت يۆنىلىشى بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشۇپ، بۇ قەدىمىي ھەم زامانىۋى تۇپراقتا خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىللىق يارقىن رەڭگىنى چاقناتتى.

2021 - يىلىنىڭ بېشىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ، خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبىينىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قاتناش، مۇھىت، كەسىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردە تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىدا پىكىر يولىنى پىلانلاش، ئاساس سېلىش، بۆسۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتىن قەلەم تەۋرىتىلدى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، پۇرسەت چەكسىز، يەنە تاشنى دومىلىتىپ تاغقا ئېلىپ چىقالايدىغان، داۋان ئېشىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتەلەيدىغان، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدىغان جاسارەتكە ئېھتىياجلىق. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىدا جەزمەن يېڭى شانلىق نەتىجىلەر ئۈزلۈكسىز يارىتىلىدۇ.

(قاتناشقان مۇخبىرلار: يەن چىلېي، گو يۈجىڭ، ۋاڭ جىڭخۇەي، خۇاڭ جياڭلىن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.