تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر (2 - بۆلۈم)»نىڭ ئوخشاش نامدىكى سىن كىتابى نەشر قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن مەخسۇس فىلىم «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر (2 - بۆلۈم)»نىڭ ئوخشاش نامدىكى سىن كىتابى يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئاشكارا تارقىتىلدى.

بۇ كىتاب مەخسۇس فىلىم چۈشەندۈرۈش سۆزىنى ئاساس قىلىپ تەھرىرلەپ تەييارلانغان بولۇپ، مەخسۇس فىلىمدە باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان 36 ئۆرنەكنىڭ ئەسلىي ئاۋازلىق بۆلىكى ھەم 12 قىسىملىق تولۇق سىن كۆرۈنۈشى ئىككىلىك كودنى كىرگۈزۈش شەكلىدە نامايان قىلىنغان، ئوقۇرمەنلەر ئوقۇش بىلەن بىللە، كودنى سىكاننېرلاپ ئەسلىي ئاۋازنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىيالايدۇ، مەخسۇس فىلىم سىنىنى كۆرەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.