تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] شىنجاڭ: لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ھەممە يەر قىزىللىققا پۈركەندى

   ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جاپاكەش ئەمگەكچىلەر يەنە لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، شاخلىرىدا ئېسىلىپ تۇرغان ئوتقاشتەك قىپقىزىل لازىلار قۇياش نۇرى ئاستىدا كۆزلەرنى قاماشتۇراتتى.

ساۋەن شەھەرلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، ساۋەن شەھەرلىك 7-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرى قاتناش يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن لازا ۋە كۆممىقوناقتىن «ھاللىق تۇرمۇش» دېگەن خەتنى تىزىپ چىقىپ، مول ھوسۇل شادلىقىنى ئىپادىلىدى.

ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزە بازىرى خۇسايىڭ تېرەك كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرى لازا ئۈزمەكتە.

ليۇ شىڭجيا فوتوسى

كەنت ئاھالىلىرى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى باغراش بازىرىنىڭ لازا قۇرۇتۇش مەيدانىدا لازا قۇرۇتماقتا. (9-ئاينىڭ 29-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان) 

نيەن لېي فوتوسى

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرىغا جايلاشقان كۇچا شىنبەيشۈن لازا كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، كوپىراتىپ ئەزالىرى قۇرۇتۇش مەيدانىدا لازا قۇرۇتماقتا.

يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.