تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېگرا لىنىيەسىدىكى ھايات چېگرا بەلگىسى

ۋېي دېيوۋ:

چېگرا لىنىيەسىدىكى ھايات چېگرا بەلگىسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

كەچ كۈزدىكى چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ ساربۇلاق ئوتلىقىدا ئوت - چۆپلەر سارغايغانىدى. سەھەردە، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋېي دېيوۋنىڭ ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىنكى بىرىنچى ئىشى ئىشىك ئالدىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش بولدى، بۇنى ئۇ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. «مەيلى قانچىلىك يىراقلاپ كېتەي، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆرسەملا كۆڭلۈم خاتىرجەم بولىدۇ» دېدى ۋېي دېيوۋ.

81 ياشقا كىرگەن ۋېي دېيوۋ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9 - شىسى 161 - تۇەنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى، چېگرا قوغدىغۇچى، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى. ئۇ چېگرا لىنىيەسىدە 57 يىل مال بېقىپ ۋە چېگرا لىنىيەسىنى چارلاپ، چېگرادىن ئۆتكەن نەچچە ئونمىڭ تۇياق مال - چارۋىنى توسۇپ قالغان، چېگراغا يېقىنلاشقانلاردىن 1000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى نەسىھەت قىلىپ قايتۇرغان، بىر قېتىممۇ چەت ئەلگە چېتىشلىق ۋەقە يۈزبەرمىگەن، ئۇ چېگرا لىنىيەسىدىكى «تىرىك چېگرا بەلگىسى» دەپ تەرىپلەنگەن، ئۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى شەرھلىدى.

1964 - يىلىنىڭ باشلىرىدا، 24 ياشلىق ۋېي دېيوۋ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا كېلىپ، بىڭتۇەن 9 - شىسى 161 - تۇەنى ئەسلىدىكى ئەسكەرلەر 2 - ليەنىنىڭ «يېڭى ئەسكىرى» بولدى. دۆلەت مۇداپىئە توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى ئەسكەرلەر 2 - ليەنىنىڭ دۆربىلجىن دەرياسى بويىدىكى ساربۇلاق ئوتلىقىغا ئورۇنلاشتى. ئوتلاقنىڭ ئىچكىرىسى دەل چېگرا لىنىيەسى ئىدى.

1967 - يىلى، ۋېي دېيوۋ توي قىلدى، تۈز يەرنى كولاپ قېزىلغان گەمە خوتۇنى بىلەن ئىككىسىنىڭ ئۆيىگە ئايلاندى. بۇ يەردە ئۇلار بالىلىرىنى بېقىپ، چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى قوغدىدى.

20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، ۋېي دېيوۋ تۇرۇشلۇق ليەندۈي قىسقارتىلدى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېلىپ چېگرانى قوغدىدى. ئىلگىرى بىللە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان سەپداشلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئايرىلدى، چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىدىكى يولداشلار كۆپ قېتىم ئالماشتى، ئەمما ۋېي دېيوۋ ئىزچىل بۇ يەرنى قەتئىي قوغدىدى.

ھەر قېتىم چېگرا چارلىغاندا، ۋېي دېيوۋ دائىم بوينىغا رادىيو ئېسىۋالاتتى، ئۇ خەۋەر ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتى. «دۆلىتىمىزنىڭ بارغانسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن، دۆلەت ئۈچۈن چېگرا قوغداشنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمەن» دېدى ۋېي دېيوۋ.

بىڭتۇەندىن پېنسىيەگە چىققاندا، ۋېي دېيوۋ بىلەن خوتۇنىنىڭ ھەر ئايلىق پېنسىيە مائاشى ئىككىيلەننىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە يېتەتتى. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنى يۇرتى شەندۇڭغا قايتىپ كۈتۈنۈشكە نەسىھەت قىلدى، ۋېي دېيوۋ زادىلا ئۇنىمىدى. ۋېي دېيوۋنىڭ بالىلىرى چاغانتوقاي ناھىيەسىدە بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى كېلىپ تۇرۇشقا دەۋەت قىلغاندا، ۋېي دېيوۋ يەنە بىر قېتىم رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «چېگرانى قوغداشقا ئادەم بولمىسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن جەزمەن قېلىشىم كېرەك».

ئۇنىڭ ئۆيى يولنىڭ بېشىدا بولۇپ، چارلاش ئۈچۈن چارۋا باققانىدى. 57 يىلدا ياش يىگىتتىن چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان ۋېي دېيوۋ ھەر كۈنى چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ بېرىپ - كېلىپ ئون نەچچە كېلومېتىر يول يۈرۈپ، جەمئىي چارلىغان چېگرا لىنىيەسى 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، بۇ، ئېكۋاتورنى بەش قېتىم ئايلانغانغا باراۋەر. ئۇنىڭ ئائىلىسى «قاراۋۇل ئالماشمايدىغان ئەر - خوتۇن قاراۋۇلخانىسى» دەپ ئاتالدى.

بۈگۈنكى كۈندە ۋېي دېيوۋنىڭ ئىككى قىزىمۇ ئوتلاققا كېلىپ، دادىسىنىڭ قولىدىن چېگرانى چارلاش كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.

بۇ يىل، بىڭتۇەن 9 - شىسى پارتىيە كومىتېتى قۇرغان «ۋېي دېيوۋ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى» ئېچىلدى، تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئېكسكۇرسىيەگە، ئۆگىنىشكە كەلگەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇ يەردە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بايان قىلغان چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ھېكايىسىنى ئاڭلىدى. «ئىلگىرى بىر كۈندە ئىككى تاللا موما يېيەلەيتتۇق، بەزىدە كېچىدە قورسىقىمىز ئېچىپ كېتىپ ئۇخلىيالمايتتۇق. بىراق قىسقىغىنا نەچچە ئون يىلدا، دۆلەت بېيىپ، خەلق قۇدرەت تېپىپ، ھەممىمىزنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك. بىز پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايمىز، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز» دېدى ۋېي دېيوۋ چىن يۈرىكىدىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.