تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئىناق قوشنىدارچىلىق مېھرىگە تولغان بەختلىك چوڭ ئائىلە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

كەچ كۈزدىكى ئىللىق قۇياش نۇرى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى لىيۈەن كوچا باشقارمىسى لىيۈەن مەھەللىسىنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىغا چۈشۈپ تۇراتتى. 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، لىيۈەن مەھەللىسى «نۆل ئارىلىقتا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئىناق قوشنىدارچىلىق مېھرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش» تېمىسىدىكى 10 - نۆۋەتلىك ئىناق قوشنىلار بايرىمى ئۆتكۈزدى.

لىيۈەن مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ھەنىپە ئەمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: لىيۈەن مەھەللىسى 2002 - يىلى 10 - ئايدا قۇرۇلغان، تەۋەيىمىزدە 2954 ئائىلىلىك 7297 ئادەم بولۇپ، كۆپ مىللەتلىك بىر چوڭ ئائىلە.

سەھنىدە، مەھەللە ئۇسسۇل ئەترىتىدىكى ئارتىسلار چىرايلىق ئۇسسۇل كۆڭلىكى كىيىپ، شادىيانە مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى؛ سەھنە تۆۋىنىدە، مەھەللە ئاھالىلىرى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن مەززىلىك تائاملاردىن تەڭ بەھرىمەن بولغاچ، گاھىدا دوستلۇق ئىزھار قىلسا، گاھىدا سەھنىدىكى ئارتىسلارغا قىزغىن ئالقىش ياڭرىتاتتى؛ ياندىكى بوش يەردە بالىلار خۇشال ئويناۋاتاتتى... خۇشال - خۇراملىققا چۆمگەن كۆرۈنۈشتىن ئائىلە كەبى ئىللىقلىق چىقىپ تۇراتتى.

76 ياشلىق ياڭ چاڭخۇا بىلەن 70 ياشلىق ئاجىرەم ئەزىز بىر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىۋاتاتتى. ئۇلار لىيۈەن ئولتۇراق رايونى 109 - بىنا 2 - كۇرپۇستا تۇرىدىغان بولۇپ، 20 يىلغا يېقىن قوشنا بولۇپ ئۆتكەن قەدىناس دوستلاردىن ئىدى.

ياڭ چاڭخۇا 19 يېشىدا ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ شىنجاڭغا كەلگەن، ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن قومۇلدا خىزمەت قىلغان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن خوتۇنى بىلەن لىيۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرغان. «مېنىڭ ئۆيۈم 3 - قەۋەتتە، ئاجىرەمنىڭ ئۆيى 1 - قەۋەتتە. ئۇنىڭ تۆت بالىسىنىڭ ھەممىسى يېنىدا ئەمەس، ئون يىل ئىلگىرى ئېرى ئالەمدىن ئۆتتى، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۆيىدە ئىش بولسا دائىم بېرىپ ياردەم قىلىمەن» دېدى 50 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە ياڭ چاڭخۇا.

«ئادەتتە سىرتقا چىقىشىم قولايسىز، ئەتىگەندە لاۋياڭ ئەر - خوتۇن كۆكتات سېتىۋالغىلى چىققاندا ماڭىمۇ ئالغاچ كېلىدۇ، لاۋياڭ دائىم مېنىڭ دورا سېتىۋېلىشىمغا ياردەم قىلىدۇ. مېنىڭ ئۆيۈم 1 - قەۋەتتە بولغاچقا، يۇندى يولى توسۇلۇپ قالسا، لاۋياڭ چېپىپ يۈرۈپ ئادەم تېپىپ راۋانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. مۇشۇ يىللاردىكى ياردىمىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.» ئاجىرەم سۆزلەۋېتىپ، كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياش تۆكۈلدى.

ياڭ چاڭخۇا ئالدىراپلا مۇنداق دېدى: «نېمىگە رەھمەت ئېيتىسىز، كۆپ يىللىق ياخشى قوشنىلار بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايمىز».

2010 - يىلى جۇڭچيۇ بايرىمىدا، ياڭ چاڭخۇا 109 - بىنادا ئولتۇرۇشلۇق قوشنىلارغا بىرلىكتە ئاينى تاماشا قىلىش تەكلىپىنى بەرگەندە، ئۇلار دەرھال قىزغىن ئاۋاز قوشتى. كونا قوشنىلار ئۆيلىرىدىكى يۇمىلاق جوزىلارنى يۆتكەپ كېلىپ، بىنانىڭ ئالدىغا قويدى، بەزىلەر ئۆزگىچە قورۇمىلارنى قورۇدى، بەزىلەر تاۋاقلاردا مېۋە - چېۋىلەرنى ئېلىپ كەلدى، بەزىلەر ئەمدىلا سالغان ساڭزىنى كۆتۈرۈپ چىقتى... كۆپچىلىك چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، قوشنىدارچىلىق مېھرىنى ئىزھار قىلىشتى. «بۇ خىل شەكىل قوشنىلارنى تېخىمۇ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش، چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، كۆپچىلىكنىڭ مېھىر - مۇھەببىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.» ياڭ چاڭخۇا مۇنداق دېدى: ئىككىنچى يىلى لىيۈەن مەھەللىسىدە ئىناق قوشنىلار بايرىمى بارلىققا كەلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئىناق قوشنىلار بايرىمىغا قاتنىشىدىغان ئاھالىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، پائالىيەت كۆلىمىمۇ بارغانسېرى زورايدى. «مەھەللە ئاھالىلىرى يەنە ئۆزلۈكىدىن <قار لەيلىسى سەنئەت ئۆمىكى>نى تەشكىللەپ قۇردى، ئۇلار ناخشا - ئۇسسۇل، يۈجۈ تىياتىرى قاتارلىق نومۇرلارنى ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى ئورۇنلاپ، ھەر يىللىق ئىناق قوشنىلار بايرىمىغا بەس - بەستە قاتناشتى» دېدى ھەنىپە.

56 ياشلىق مەھەللە ئاھالىسى باھارگۈل باھارلىتىپ خور ئېيتىشقا قاتنىشىپ بولۇپ، گىرىمىنى يۇيۇۋەتمەي تۇرۇپلا، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قىزغىن قوبۇل قىلدى. «مەھەللىمىزدىكى قوشنىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى. 2001 - يىلى ئېرىم ئىككىمىز ئىش ئورنىمىزدىن قالدۇق، مەھەللىنىڭ ياردىمىدە ئىشىك ئالدىدا كىچىك دۇكان ئاچتۇق. ئائىلىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆرۈپ، مەھەللە دۇكان ئىجارىسىنى كەچۈرۈم قىلدى، قوشنىلارمۇ مېنىڭ سودامنى ئالاھىدە قوللىدى. كېيىن ئىككى بالام ئارقا - ئارقىدىن داشۆگە ئۆتتى، يەنە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇدى. بايرامدا بالىلار قايتىپ كەلگەندە، مەن دۇكاننى بىر كۈن تاقىدىم. ئەتىسى نۇرغۇن كونا قوشنىلار كېلىپ مەندىن <ئاغرىپ قالدىڭىزمۇ> دەپ سوراپ، مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى» دېدى باھارگۈل.

كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆزىگە ياردەم قىلغان ياخشى قوشنىلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، باھارگۈل مەھەللىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتنىشىپ، مەخسۇس پەرزەنتلىرى يېنىدا بولمىغان ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلدى. «ھېيت - بايراملاردا مەن دائىم قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ساڭزا سېلىشنى، پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگىتىمەن» دېدى باھارگۈل.

كۆپ يىللىق ياخشى قوشنىلار بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق ھېكايىلەر لىيۈەن مەھەللىسىدە بەك كۆپ. «بىزنىڭ مەھەللىمىز ھازىر بىر بەختلىك چوڭ ئائىلە، يەنە قومۇل شەھىرى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالاندى» دېدى ھەنىپە پەخىرلەنگەن ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.