تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلدى پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولدى

− يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھى توغرىسىدا بايان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ ۋېنكۇن

جىخەي يىلىنىڭ ئاخىرى، گېڭزى يىلىدىكى باھاردا، ئېغىر يۇقۇم تۇيۇقسىز يېتىپ كەلدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى 100 يىلدىن بۇيان پۈتۈن يەر شارىدا يۈزبەرگەن ئەڭ ئېغىر بولغان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ كەڭ تارقىلىشى بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىز دۇچ كەلگەن تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى.

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىش، كېسەل ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىش − بىر مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جەڭ، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى تېز سۈرئەتتە باشلاندى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگولۇق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدا يەنە بىر باتۇرانە ئۇلۇغ ئىشنى ياراتتى، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، جان پىدا قىلىش، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلىدى.

ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش: ئادىمىيلىك شانلىق نۇرىنى نامايان قىلدى

يۇقۇم پارتلىدى، خۇبېي ۋۇخەندە دوختۇر - سېسترالار قىس بولدى! كېسەل كارىۋىتى قىس بولدى! داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى قىس بولدى! تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى قىس بولدى!...

تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، پەۋقۇلئاددە تەدبىر ئارقىلىق پەۋقۇلئاددە ئىشقا تاقابىل تۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى يولغا قويۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر تۈزۈپ، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئورناتتى...

«خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك» «ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقنىڭ ھاياتىنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش كېرەك» «داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئەڭ زور چەكتە ئۆستۈرۈش، كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

40 مىڭدىن ئارتۇق «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن جىڭ چۇغا ياردەمگە كېلىپ، كېسەل ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە 40 مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئىشچىسى خۇبېيغا يېتىپ باردى، خوشېنشەن، لېيشېنشەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەخسۇس دوختۇرخانىسى ئون نەچچە كۈندە پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان «جۇڭگو سۈرئىتى»نى ياراتتى.

قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدى. خوشېنشەن دوختۇرخانىسىدا ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ مۇداپىئە كىيىمىگە پارتىيە گېربىنىڭ نۇسخىسى چاپلاندى. «بىز ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئاغرىقلارغا ھەرقانداق خەتەرلىك جايدىمۇ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى ئېغىر كېسەللەر تېببىي 1 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ لىچياڭ.

ئەينى ۋاقىتتا ۋۇخەن شەھىرى جىنيىنتەن دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جاڭ دىڭيۈ كېسىلىگە قارىماي قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئايرىش رايونى قۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەۋرىشكە ئېلىپ ۋىرۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ ئالدىدا چىڭ تۇردى.

ھاياتلىقنى قوغداشتا بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىق −

«ئۇنىڭ ھاياتىنى چوقۇم ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك!» 25 كۈن سۈنئىي ئۇسۇلدا بەدەن سىرتىدا ئوكسىگېنلاپ (ECMO)، 50 كۈن نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىدا نەپەسلەندۈرۈش ئارقىلىق لياۋنىڭ، خېنەن، فۇجيەن قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترەتلىرى ۋە ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملار بىر ئېغىر ئاغرىقنى كېسەل ئالۋاستىسى قولىدىن «تارتىۋالدى».

مەملىكەت بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر دوختۇر، ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنە، ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق بايلىق يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان ۋۇخەن قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت تەكشۈرۈش نىسبىتى، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى، كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت.

2020 - يىلى 2 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقىتتىكى 10 مىڭغا يېقىن ئاغرىق مىسالىدىن، 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى 57 ئاغرىق مىسالىغا تۆۋەنلەشكىچە، ۋۇخەندىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا ئېغىر ئاغرىقلاردىن ساقىيىشقا ئۆزگەرگەنلەر %89تىن ئاشتى.

ماسكىنىڭ بوغۇشىدىن يارا بولۇپ كەتكەن چىرايلار، تەردە چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن كىيىملەر... 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاق خالاتلىق جەڭچى بىلەن خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىدىكى 540 مىڭ تېببىي خادىم جىسمىنى قالقان قىلىپ، ھاياتلىقنى ئەڭ كۈچلۈك قوغدىدى.

ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش: قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى

ھەممە ئائىلە جەم بولىدىغان چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىسى، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر «قارشى يۆنىلىش»تە مېڭىپ ۋۇخەنگە ئاتلاندى؛ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، 19 ئۆلكە نىشانلىق ياردەم بېرىش شەكلىدە خۇبېي ئۆلكىسىدە ۋۇخەن شەھىرىدىن باشقا 16 شەھەر، ئوبلاست ۋە ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرگە ياردەم بەردى.

سانسىزلىغان كىشى سەمىمىي مۇھەببىتى ئارقىلىق ئاۋامنى قوغداپ، يۇقۇمغا توسۇپ زەربە بېرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

«بىز ئېغىر كېسەل، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە ئالاقىدار بۆلۈم ئىشخانا مۇدىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك خۇبېيغا ئەۋەتتۇق، نۇرغۇن كىشىنىڭ سارسقا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىسى بار» دېدى بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى خەن دىڭ.

نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى، مۇداپىئە كىيىمى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىق تۈرلۈك داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى پۈتۈن مەملىكەتتىن يۆتكەپ توشۇلدى، ئاشلىق، ياغ، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق تۈرلۈك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەرەپ - تەرەپتىن توپلاندى... پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىر نىيەتتە بولدى، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدى.

خوشېنشەن، لېيشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئادەمنىڭ جىددىي كەمچىل ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان خېنەن تەيكاڭ ناھىيەسى لەنزىچېن كەنتىدىكى «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» بەش يىگىت ئۆزلۈكىدىن ئۆمەك تەشكىللەپ ۋۇخەنگە ئاتلاندى.

يېمەك - ئېچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سىچۇەنلىك قىز ليۇ شيەن ۋۇخەندىكى بىر قىسىم دوختۇر - سېسترالارنىڭ ئىسسىق تاماق يېيەلمەيۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاشپەز ۋە يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ ۋۇخەنگە كېلىپ، ھەر كۈنى دوختۇر - سېسترالارغا قاچىلىق ئىسسىق تاماقلارنى ئەكېلىپ بەردى؛

ھەر كۈنى 60 نەچچە كىلومېتىرلىق يولدا تېز يەتكۈزگۈچى جۇ خۇڭتاۋ كىشىلەر ئاندا - ساندا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ۋۇخەن كوچىلىرى ئارىسىدا تەكرار - تەكرار يول يۈرۈپ، پوسۇلكا يەتكۈزۈپلا قالماي يەنە مەھەللىنىڭ مال سېتىۋالغۇچىسى بولدى، چوڭ ئانىلارغا دورا ئېلىپ بەردى؛

ھەربىر مۇزىكا، ئاڭلىتىش ئارقىلىق، «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» پىدائىي خۇا يۈچېن ئاۋازى ئارقىلىق كۈچ تارقاتتى، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئۇ يۇقۇم مەزگىلىدە شوپۇر، يۈك توشۇغۇچى، فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ ئاڭلىتىش خادىمى قاتارلىق كۆپ خىل سالاھىيەتكە ئىگە بولدى.

...

10 مىليون نوپۇسى بار ۋۇخەننىڭ «يېپىق ھالەت»تە ئىككى ئايدىن ئارتۇق ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلىشى يۈز مىليونلىغان مېھىر - شەپقەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇ شەھەرنى زىممىسىگە ئالغانلىقىدىن بولدى!

«يۇقۇم»غا قارشى ئىلمىي جەڭ قىلىش: «جۇڭگو لايىھەسى»نى بېغىشلىدى

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇپ قېلىندى، ئىككى ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ يەرلىكتە كۈنىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىساللىرى بىرلەر خانىسىدىكى ساندا تىزگىنلەندى، ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئارقا - ئارقىدىن بىرنەچچە مەيدان قىسمەن رايونلاردا يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنى يوقىتىش جېڭى ئېلىپ بېرىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلدى... 2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى».

بۇ مەيدان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، ئىلىم - پەننىڭ «قالتىس كۈچى» يۇقۇمغا توسۇپ زەربە بېرىشتىكى كۈچلۈك قورالغا ئايلاندى.

«تۆت بالدۇر»، «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش»تىن تارتىپ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشكىچە؛ رايون، دەرىجە ئايرىپ پەرقلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يولغا قويۇشتىن، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى تۈزۈشكىچە؛ جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، كىلىنىكىلىق داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن، 50 كۈن ئىچىدە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكىچە؛ فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنى جىددىي سېلىشتىن، كەڭ كۆلەملىك خېسۇەن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقىچە؛ چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى قوللىنىپ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ساغلاملىق كودىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئەملەشكىچە... دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە، داۋالاش - قۇتقۇزۇش تەجرىبىلىرى ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىلمىي ئىزدىنىش روھى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە تولۇق نامايان قىلىندى.

جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي تېببىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن ۋېي باشچىلىقىدىكى ھەربىي تېببىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋۇخەندە ئۇدا 113 كۈن جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى.

كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ يۈزلىنىشىگە سىجىل توغرا ھۆكۈم قىلىش... بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت مىسلىسىز كۈرەشتە جۇڭ نەنشەن، لى لەنجۈەن، ۋاڭ چېن، جاڭ بولى قاتارلىق نۇرغۇن ئاكادېمىك ئىزچىل بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن خېيلۇڭجياڭ، بېيجىڭ، شىنجاڭ، لياۋنىڭ، خېبېي، يۈننەن، جياڭسۇ قاتارلىق جايلار ئىلمىي تاقابىل تۇرغانلىقى ئۈچۈن يۇقۇمنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك كونترول قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، يەرشارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى −

ئاشكارا، ئېنىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇش پوزىتسىيە بىلەن، جۇڭگو خەلقئارا مەجبۇرىيەتنى پائال ئادا قىلىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايون تەشكىلاتلىرىغا يۇقۇم توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، بىرىنچى ۋاقىتتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس گېنى تەرتىپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى، بىرىنچى ۋاقىتتا دىياگنوز قويۇش، داۋالاش لايىھەسى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، نۇرغۇن دۆلەت، خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەھەتتە ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تور بىلىم مەركىزى تەسىس قىلدى ھەم بارلىق دۆلەتلەرگە ئېچىۋەتتى، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن سەمىمىيلىك بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولدى. ئۆزىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدىمۇ، جۇڭگو ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خەلقئارا جەمئىيەتنى تۈرلۈك ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچلۈك قوللاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنيادىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ھاياتلىقنى ياردەم بېرىپ قۇتقۇزۇۋېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش سەمىمىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.

نۆۋەتتە، يۇقۇم يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامراپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا بولغان تەھدىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا؛ دۆلەت ئىچىدە تارقاق تارقالغان ئاغرىق مىساللىرى ۋە دائىرىلىك پارتلاش خاراكتېرىدە يۇقۇم يۈزبېرىش خەۋپ - خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ؛ بۇ ئۇلۇغ روھ مۇقەررەر ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.