تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرمەكتە

سەمى يۈسۈپ:

پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرمەكتە

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

26 ياشلىق سەمى يۈسۈپنىڭ ئىككى كىشىلىك خىزمىتى بار. پاختا يىغىش مەزگىلىدە، ئۇ لوپنۇر ناھىيەسىدىكى پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ بىر شوپۇرى؛ باشقا چاغلاردا، ئۇ شۇ جايدىكى بىر تېز يەتكۈزۈش خادىمى. ئۇ ئىككى كىشىلىك خىزمەتتىن قىلغان كىرىمىگە تايىنىپ، ناھىيە بازىرىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

«كۆپچىلىك قاراڭلار، مانا بۇ مەن ھەيدەيدىغان پاختا يىغىش ماشىنىسى، ئۇ بىر قېتىمدا ئۈچ قۇر يەرنىڭ پاختىسىنى يىغالايدۇ، شۇڭا بىزمۇ ئۇنى <ئۈچ باشلىق ماشىنا> دەپ ئاتايمىز. بۇ ماشىنا بىر كۈندە 100 مودىن ئارتۇق يەرنىڭ پاختىسىنى يىغالايدۇ، ۋاقىت ۋە كۈچنى تېجەيدۇ» دېدى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، قىزىل رەڭلىك پاختا يىغىش ماشىنىسىدا تۇرغان سەمى ھاياجان بىلەن ئۆزىنىڭ «گۆھىرى»نى تونۇشتۇرۇپ. بۇ پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ، سەمى بىر ئايدا 14 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ.

سەمى ئىلگىرى تىراكتور شوپۇرى بولۇپ، ئاساسلىق خىزمىتى تىراكتور ھەيدەپ يەر ئاغدۇرۇش، دورا چېچىش، پاختا توشۇش ئىدى. 2018 - يىلى، پاختا يىغىش ماشىنىسى شوپۇرلىرى مائاشىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، سەمى بۇنىڭغا قىزىقىپ، پاختا يىغىش ماشىنىسى ھەيدەش تېخنىكىسىنى قەيەردىن ئۆگەنگىلى بولىدىغانلىقىنى تەرەپ - تەرەپتىن سۈرۈشتۈردى.

2019 - يىلى، دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، سەمى شاگىرت بولدى. شاگىرت مەزگىلىدە، ئايلىق مائاشى 7000 يۈەن بولدى. سەمى كىچىكىدىنلا ماشىنىغا قىزىققاچقا، پاختا يىغىش ماشىنىسىنى تازىلاش، ئاسراش، رېمونت قىلىش، ھەيدەش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئالاھىدە كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەندى. ئىلگىرى كۆپ خىل تىپتىكى تىراكتورلارنى ھەيدەپ باققان سەمى بۇنى ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالدى، باشقىلار ئىككى يىل ئۆگەنسە، ئۇ بىر يىلدىلا ھەممە تېخنىكىنى تولۇق ئىگىلىدى.

2020 - يىلى، سەمى پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ئاساسلىق شوپۇرىغا ئايلىنىپ، بىر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىندى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۇنىڭغا بىر ياردەمچى شوپۇر ۋە ئىككى شاگىرت سەپلەپ بېرىپلا قالماي، ئايلىق مائاشىنى 14 مىڭ يۈەنگە توختاتتى. شۇ يىلى پاختا يىغىش پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ تاپقان پۇلى ۋە كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغقان پۇلىغا ناھىيە بازىرىدىن بىر يۈرۈش ئۆي، بىر مىنىبۇس ھەم ئون نەچچە پاقلان سېتىۋالدى.

پىشقان تېخنىكىسى ۋە كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلىشتىكى مول تەجرىبىسى سەمىگە ئىشەنچ بېغىشلىدى. بۇ يىل، ئۇ پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ئىگىسى بىلەن، ئىش ھەققىنى كېۋەزلىك مو سانى بويىچە ھېسابلاپ، بىر مو يەردىكى پاختىنى يىغسا 20 يۈەن پايدا ئايرىپ بېرىشكە پۈتۈشتى. «بۇلتۇرقى پاختا يىغىش سۈرئىتى بويىچە بولغاندا، پاختا يىغىش پەسلىدىنلا 60 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى سەمى خۇشال ھالدا.

پاختا يىغىش پەسىل خاراكتېرى كۈچلۈك خىزمەت بولۇپ، ھەر يىلى بىر يېرىم ئايدىن ئىككى ئايغىچە ئىشلىگىلى بولىدۇ، قالغان ۋاقىتتا قانداق قىلىش كېرەك؟ سەمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئادەتتە ناھىيە بازىرىدا تېز يەتكۈزگۈچى بولۇپ، تېز يوللانما شىركىتى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالاپتۇ، كۆپ ئىشلىسە كۆپ ئالىدىغان بولۇپ، بىر ئايدا 5000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدىكەن. «پاختا يىغىدىغان چاغدا، تېز يوللانما شىركىتى مېنىڭ رۇخسەت سوراپ قايتىپ پاختا يىغىش ماشىنىسى ھەيدەپ پۇل تېپىشىمغا قوشۇلدى» دېدى.

سەمىنىڭ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى مۇرادىل ئوسمانمۇ پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى.

سەمىگە ئوخشاش، مۇرادىلنىڭمۇ بىر كىشىلىك خىزمىتى بار بولۇپ، ئۇ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ قارچۇغا يېزىسىدا ناۋايلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىر ناۋايخانىسى بار بولۇپ، ئايدا 5000 - 6000 يۈەن تاپىدۇ. مۇرادىل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر مەن نەۋرە ئاكامغا ئەگىشىپ تېخنىكا ئۆگىنىۋاتىمەن، خىزمەت ۋاقتىدا مەن يەنە بىر شاگىرتىم بىلەن پاختا يىغىش ماشىنىسىغا ماي قاچىلاش، سۇ قۇيۇش، پاختا يىغىش بۆلمىسىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى تازىلاش قاتارلىقلارغا مەسئۇل، مائاشىم 10 مىڭ يۈەن.

«يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى مېنى پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ھەيدەش تېخنىكىسى بىلەن ئۇچرىشىش، ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ مېنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىمنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە ئىدىيەۋى قارىشىمنىمۇ ئۆزگەرتتى، تېخنىكا بىلگەن، جاپالىق ئەمگەك قىلغاندىلا، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدىكەن.» سەمى مۇنداق دېدى: كۆز ئالدىمىزدىكى ئاپپاق كېۋەزلىك مەن ۋە يۇرتداشلارنىڭ ئۈمىد ئېتىزى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.