تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا ] يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىدە نەتىجىلەر مول بولدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

شەرق تەرەپتە دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلار بىلەن ھەمكارلاشتى؛ غەرب تەرەپتە ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تۇتاشتى.

شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرق بىلەن بىرلىشىش، غەربكە يۈزلىنىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا.

ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈردى. شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىۋاتقان، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا ئىچكى - تاشقى جەھەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، شىنجاڭ ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىگە قەدەم قويماقتا.

باشلامچى يېتەكلەش سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا، شىنجاڭنىڭ يەرلىك تاۋارلىرى لىق قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيەگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ، مەملىكەت بويىچە «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى بويىچە چېگرادىن چىققان تۇنجى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى.

شىئەن شياڭيەن تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تارماق شىركىتى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جاڭ جىۋېي بۇ ئىسلاھات نەتىجىسىنى تۇنجى سىناپ كۆرگۈچى بولۇپ قالدى: «مەن پەقەت تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونىنى تولدۇرساملا بولىدۇ، تاموژنا يۆتكەش تالونىنى قايتا تولدۇرمىساممۇ بولىدۇ، بېجىرىلىدىغان ئېكسپورت رەسمىيىتى ئالتە تۈردىن بەش تۈرگە قىسقاردى، مۇشۇ بىر ھالقىدىلا ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ۋاقىت تېجەلدى».

تېخىمۇ تېز سۈرئەت، تېخىمۇ مۇكەممەل مۇلازىمەت، تېخىمۇ كۆپ لىنىيە... يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولغان ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى سىجىل تېزلىتىلدى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، قۇرۇقلۇق پورت رايونى جەمئىي 8 مىليارد يۈەنلىك مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى تاماملىدى، رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا 2200گە يەتتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت تاۋارلىرى 2 مىليون دانىدىن ئاشتى.

بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنى باشلامچى قىلىپ، قورغاس، قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، چېگرا بويىدىكى پورت قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇتۇپىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

− قورغاس ۋە قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت «ئىككى رايون»نىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. سانائەت قوشۇلما قىممىتى، ئادەتتىكى خام چوت كىرىمى، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشتا نەقلەشكەن مەبلەغنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى بىردەك %20تىن ئاشتى.

− پورت ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پورت ئارقىلىق ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 214 مىليون توننىغا يېتىپ، «12 - بەش يىل» مەزگىلىدىكىدىن %20كە يېقىن ئاشتى؛ قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «يېشىل يولى»دىن بەشى ئېچىلدى، چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان - چىقىرىلىدىغان ماللارنى بەلگىلەنگەن نۇقتىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئالتە تۈردىكى 15 ئورۇن يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.

يىپەك يولىدىن كەلگەن ئىللىق شامال ئارزۇنى تېخىمۇ يىراقلارغا قاناتلاندۇردى.

بۇ «ئېچىۋېتىش ئاچقۇچ»لىرىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىگىلىكىنىڭ دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەر «چېگرا ئىچى - سىرتى» ئارىسىدا ئۈزۈلمەي قاتنايدىغان بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا جەمئىي 469، ئەمەلىي پايدىلىنىلغان چەت ئەل مەبلىغى جەمئىي 1 مىليارد 345 مىليون دوللار، چەت ئەلگە بىۋاسىتە سېلىنغان ئەمەلىي مەبلەغ جەمئىي 4 مىليارد 630 مىليون دوللار بولۇپ، 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى.

بوشلۇق كېڭەيتىلدى، ياۋروپا - ئاسىيا ھەمكارلىقى «دوستلار چەمبىرىكى» زورايتىلدى

بۇ يىل 8 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 2021 - يىللىق تور (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا يەرمەنكىسىدە، ئاقسۇدىكى مەلۇم مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ جىنجىنىڭ سودا قۇرۇلمىسىدا يېڭى بۆسۈش بولدى.

«تەشكىلىي كومىتېتنىڭ تېپىشتۇرۇشى بىلەن، بىز سىنگاپوردىكى بىر كارخانا بىلەن سىنلىق كېلىشىم ئىمزالىدۇق، ئىككى تەرەپ ياڭاق سېتىۋېلىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدۇق. بۇ، كارخانىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئېكسپورت زاكاز تالونى، شۇنداقلا بىر قېتىملىق سىناق. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، بىز بىر قىسىم خەلقئارا سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىشنى تېزلىتىشكە ئاساس سالدۇق» دېدى خۇاڭ جىنجى.

خۇاڭ جىنجىنىڭ سودا قۇرۇلمىسىنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولغىنى شىنجاڭنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ياۋروپا - ئاسىيا ھەمكارلىقى «دوستلار چەمبىرىكى».

بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى»نى ئەستايىدىل ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان، جۇڭگو - تاجىكىستان ھەمكارلىقى ھەم جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، جەمئىي 45 جۈپ خەلقئارا دوست شەھەر بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى بىلەن 11 پارچە ھەمكارلىق كېلىشىمى، ئەسلەتمە ئىمزالاپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۈچ نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسى (ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار كۆرگەزمىسى) ھەم 19 قېتىملىق شىنجاڭ چېگرا سىرتى تاۋار كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. بولۇپمۇ 2020 - يىلىدىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمەت لايىھەسى» قاتارلىقلارنى چىقىرىپ، ئۈرۈمچىنىڭ مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى بويىچە 18 مەيدان قېتىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇلۇت تونۇشتۇرۇش - كېڭىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، سودا سېلىنمىسىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، خەۋەرلىشىش، تۇرۇبا تورى قاتارلىق «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، زامان ۋە ماكان جەھەتتە دۇنيا بىلەن بولغان ئارىلىقىنى قىسقارتتى.

يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى

تۆت دانە 400 مېگاۋاتلىق ئومۇمىي گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى مۇقىم يۈرۈشۈپ، يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقنى تاجىكىستاننىڭ شەھەر - بازارلىرى ۋە يېزا - كەنتلىرىگە ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈپ، ئۇنى ھەممە ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى ۋە بەختىگە ئايلاندۇرماقتا. بۇ، دۈشەنبە 2 - نومۇرلۇق تېرمو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ھەر كۈنى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كۆرۈنۈش.

دۈشەنبە 2 - نومۇرلۇق تېرمو ئېلېكتىر ئىستانسىسى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىدىكى خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈر بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىسى − ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان.

يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، توك يەتكۈزۈش، پار يەتكۈزۈش، گاز بىلەن تەمىنلەش... «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى زور بىر تۈركۈم كارخانىلار دۆلەت دەرۋازىسىدىن پائال چىقىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرگە بەخت ياراتتى.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ كارخانىلىرى چېگرا سىرتىدا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق رايونىدىن تۆتنى قۇردى، جۇڭتەي يېڭى يىپەك يولى تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك توقۇمىچىلىق كەسىپ باغچىسى تۈرى جۇڭگو − تاجىكىستان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە مىسالى بولۇپ باھالاندى.

ئەگەر سىياسىي جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇش، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى قاتتىق كۈچ دېسەك، ئۇنداقتا ئادىمىيەت ئالاقىسى خەلق ئاممىسىنىڭ ھېسسىياتىنى كۈچەيتىدىغان، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان يۇمشاق كۈچ ھېسابلىنىدۇ. پەقەت بۇ ئىككى خىل كۈچنى بىرىكتۈرۈپ يۇغۇرغاندىلا، ئاندىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر - بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى، دوستلىشىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن داۋالاش - سەھىيە، مەدەنىيەت - ساياھەت، پەن - تېخنىكا - مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتتى.

بولۇپمۇ داۋالاش - سەھىيە جەھەتتە، شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمىتىنى پائال كېڭەيتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 27 دوختۇرخانا ئەتراپتىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ 24 چوڭ تىپتىكى دوختۇرخانىسى بىلەن چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇردى.

تەرەققىياتتىن ئىبارەت رېئاللىق ئەڭ ياخشى دەلىل.

شىنجاڭ كىلىمات، ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە ئادىمىيەتنى مۇجەسسەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا ھەر تەرەپلىمە قاتنىشىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بۇ بەش يىللىق مۇساپىدە ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.