تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى. مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىدىيەنى چوڭقۇر شەرھلىدى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى تەكىتلەپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلق دېموكراتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ كەلگەن بايراق. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2019 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي چاڭنىڭ رايونى خۇڭچياۋ كوچىسىدىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى دېگەن ئۇقۇمنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور ئىدىيەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي نەزەرىيەنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك يىغىنچاقلاپ، دۆلىتىمىز خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى دەۋردە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى يۆنىلىش ۋە مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ خەلق دېموكراتىيەسىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ ئۆزى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى قوللىغانلىق ۋە كاپالەتلەندۈرگەنلىك. خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش بىر ئېغىز شوئار، بىر جۈملە قۇرۇق گەپ ئەمەس، جەزمەن ئۇنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە مۇكەممەل تۈزۈم تەرتىپى بولۇپلا قالماي، يەنە مۇكەممەل قاتنىشىش ئەمەلىيىتى بار. دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام ئامما ئۆزى ئىدارە قىلىش تۈزۈمى قاتارلىق ئاساسىي سىياسىي تۈزۈملەرنى يولغا قويۇپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، كەڭ، ئورگانىك جىپسىلاشقان خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كۆپ خىل، راۋان، تەرتىپلىك دېموكراتىيە يولىنى بەرپا قىلدى. بارلىق خەلق قانۇن بويىچە دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، قانۇن بويىچە تۈرلۈك يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇردى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇردى، جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇردى. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆرسەتكەندەك: «دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى جەريان دېموكراتىيەسى بىلەن نەتىجە دېموكراتىيەسىنىڭ، تەرتىپ دېموكراتىيەسى بىلەن ماھىيەت دېموكراتىيەسىنىڭ، بىۋاسىتە دېموكراتىيە بىلەن ۋاسىتىلىك دېموكراتىيەنىڭ، خەلق دېموكراتىيەسى بىلەن دۆلەت ئىرادىسىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، ئۇ پۈتۈن زەنجىرلىك، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق قاپلىغان دېموكراتىيە، ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە».

خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى پارتىيەنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ سىياسەت تەدبىرلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىك خىزمەتلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز كېرەك.» پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشتا، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقىنىڭ خەلققە مەنسۇپ بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، دېموكراتىيە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇللاشقان پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ھەل قىلىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە كەڭ ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ خەلقنىڭ قانۇن بويىچە سايلام ھوقۇق - مەنپەئىتىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ھەممىسىدە خەلقتىن كەلگەن سادانى ئاڭلىيالىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دېموكراتىك خەلق رايىنى ئىپادىلەش سۇپىسى ۋە ۋاسىتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق رايىنى قوبۇل قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىشى، قانۇن چىقىرىش بويىچە كېڭىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە يېتىلگەن، شۇنداقلا مۇقەررەر سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرساق، بىز چوقۇم جانلىق - جۇشقۇن، تىنچ - ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي مەدەنىيلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىگە تولغان تۆھپىلەرنى قوشالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.