تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا ]خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولدى بەخت تېخىمۇ سۈپەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى لىن، سۇ لۇپىڭ، جاۋ شىيا

بۈگۈنكى كۈندە تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا، ئاۋات شەھەرلەردىن چەت، يىراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغىچە، بارغانسېرى كۆپ ئائىلىلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تامىقىنى تەڭشەشكە باشلىدى، بۇ ئۆزگىرىشكە يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى سەۋەب بولدى.

مەيلى ياشانغانلار ساناتورىيەسى ياكى يېزا بەخت چوڭ قورۇسىدا بولسۇن، قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار مەركەزلىك ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىدىغان بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى، بەختكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىنغىنى «قوش مەركەزلەشتۈرۈش» قاتارلىق ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتى ۋە ئەمەلىيىتى بولدى.

ئىشىكى ئالدىدىكى يەسلىدە، يېزا بالىلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۈچ يىللىق خۇشال چاغلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنى نەپكە ئېرىشتۈرگىنى يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپى بولدى.

...

ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە بولغان داۋالىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، بالىلارنى يەسلىگە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردىن تۇتۇش قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولدۇردى، بەختنى تېخىمۇ سۈپەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش:

ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىگىچە قاپلىدى

مېۋە ـ چېۋە، كۆكتاتنى كۆپرەك يەڭ، تۇز، ياغنى ئاز يەڭ... ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتە يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغاندىن كېيىن، خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسى بۇدۈي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ھاۋا بارى يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى.

«2016 ـ يىلىدىكى شۇ قېتىملىق ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتە كېسەللىك ئەھۋالىم ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ چىقىلىپ، ۋاقتىدا داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇم.» 10 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ھاۋا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى تىلغا ئېلىپ كۆڭلىدىكى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

2016 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، ھاۋانى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭلىق شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر داۋالاش بايلىقىنى پائال بىرتۇتاش پىلانلاپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىراجىتى ۋە خادىملار، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى ھەم مەركەزلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، بۇ مۇھىم، زور داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بەش يىلدىن بۇيان، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئارقىلىق، «كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىش»نىڭ «خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى مەركەز قىلىش»قا ئۆزگىرىشىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇندى، ئاپتونوم رايونىمىز كېسەلنى «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساغلاملىق ئىدىيەسىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» «ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى»گىچە قاپلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

«قوش مەركەزلەشتۈرۈش»:

«ياشانغانلار، بالىلار»نىڭ بەختىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلدى

10 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۇڭياڭ بايرىمىدا، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قارقى يېزىسىدىكى يېزا بەخت چوڭ قورۇسىنىڭ كۈتۈش پەرۋىشكارى ھەۋزىخان ئەلىگە ناشتىلىق يېگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بايراملىق بەخت تىلىدى. ھەۋزىخان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قېرىغاندا بۇ يەردە بۇنداق راھەت كۆرەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن!»

80 ياشلىق ھەۋزىخاننىڭ كۆزى ياخشى كۆرمەيتتى، ھەرىكىتى قولايسىز بولۇپ، يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈشى ناھايىتى تەس ئىدى. ھەۋزىخانغا ئوخشاش يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 2020 ـ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «يېزا بەخت چوڭ قورۇسى قۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش»نى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئورۇنلاشتۇردى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ناھىيەدە، 60 كۈن ئىچىدە 207 يېزا بەخت چوڭ قورۇسى قۇرۇشنى تاماملىدى.

قۇرۇلۇش مەبلىغىنى ھەل قىلغاندىن باشقا، ئاپتونوم رايون يەنە ھەربىر بەخت چوڭ قورۇسىغا ھەريىلى 50 مىڭ يۈەن ياردەم پۇل خىراجىتى ئاجراتتى، كۆچۈپ كىرگەن ياشانغانلارنىڭ ھەربىرىگە ئايدا 200 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بەردى، ئۇنىڭغا يەنە تۆۋەن كاپالەت پۇلى، چوڭ ياشلىقلار قوشۇمچە پۇلى، مېيىپلەر ئىككى تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسىنى قوشقاندا، ھەربىر ياشانغان كىشىنىڭ تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يەرلىك خاسلىققا ئىگە، ئۈنۈملۈك يولغا قويغىلى بولىدىغان يېزا ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتى ۋە ئەمەلىيىتى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. 2020 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا «مەركەزلىك كۈتۈنۈشنى خالايدىغان <بەشتە كاپالەتلىك ياشانغانلار>نى مەركەزلىك كۈتۈش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش، يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش» (قىسقارتىلىپ «قوش مەركەزلەشتۈرۈش» دېيىلىدۇ) نىشانى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپىدا:

بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ

10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، گۇما ناھىيەسى گۇما بازىرى چىجوۋ يەسلىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇسەمى كۈرەش «مېنىڭ ياخشى ئاپام» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى. ناخشىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا تۇرۇپ، كىچىككىنە مەڭزىنى ئاپىسىنىڭ مەڭزىگە ياقتى، ئانا ـ بالا ئىككىيلەننىڭ چىرايىدا شادلىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

ئابدۇسەمىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بالىسى ئۆيىنىڭ يېنىدىكى يەسلىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆيىدىن چىقىپ خىزمەت قىلىپ، بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بوپتۇ. ئۇ بالىسىنىڭ يەسلىگە كىرگەندىن كېيىن ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنتايىن چوڭ بولغانلىقىنى، يەنى سۆز ـ ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ ئەدەپلىك بولغانلىقىنى، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى، تېخىمۇ ساغلام بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

2016 ـ يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش»نى توققۇز چوڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى ھەم يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى «1 ـ نومۇرلۇق قۇرۇلۇش» قىلىپ بېكىتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ھەقسىز مائارىپى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلدى، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلدى.

«بىرمۇ يەسلى ناچار بولماسلىق، بىرمۇ بالىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق» تەلىپى بويىچە، 2017 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى سۈپىتى يۇقىرى، مۇھىتى ياخشى، ئۈسكۈنىلىرى تولۇق 4408 يېزا يەسلىسى يېڭىدىن سېلىنىپ ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ سېلىنىپ ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، يېزا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ئۈچ يىللىق مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىش يېشىغا يەتكەن 1 مىليون 176 مىڭ 200 بالىنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىلا يەسلىگە ھەقسىز كىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98تىن يۇقىرى بولدى.

خەلقنىڭ ئارزۇسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يۆنىلىشى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردى، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىسى بولسىلا، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى. خەلق تۇرمۇشى خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان سىياسەت تەدبىرلەر خۇددى قىشتىكى قۇياش نۇرىدەك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىللىتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.