تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بەختلىك تۇرمۇشنى جانلىق سىزىپ چىقىش

رىياسەتچى پەرى بىۋاسىتە كۆرسىتىش جەريانىدا ئۆز جايىنىڭ دېھقانلار رەسىمى، خاس مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرماقتا.
دېھقان رەسسام راخمان ھاپىز رەسىم سىزماقتا.

  مەكىت ناھىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتىگە جايلاشقان، دېھقانلار رەسىملىرى ئىنتايىن مول تۇرمۇش تەسەۋۋۇرى ۋە بەدىئىي ئىجادچانلىققا ئىگە بولۇپ، ھەم مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ھەم شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى ۋە ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، بۇ، ناھايىتى خاسلىققا ئىگە ئەل ئىچى رەسساملىق سەنئىتىدۇر.

  ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە قۇملۇقى، دېھقانلار رەسىمى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىق بايلىقلارغا تايىنىپ، مەكىت ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش، مىللىي خاسلىققا ئىگە يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر يىلى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  خەلق گېزىتى مۇخبىرى جياڭ جيې فوتوسى، خەۋىرى

  خەلق گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.