تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پامىر ئېگىزلىكىدە بىر «قۇياش نۇرى بانكىسى» بار

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

تاغ ئارىسىدا كۈچلۈك شامال چىقىۋاتاتتى، ئىللىق قۇياش نۇرى تۆت ئەتراپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدىغان ئېگىزلىكتىكى پەلەمپەي يەرگە چۈشۈپ تۇراتتى. پەلەمپەي يەرنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە، سۈزۈك، تېيىز دەريا سۈيى يېشىللىق بىلەن پۈركەنگەن كەنتنىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى.

بۇ جاي ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت بازىرى بايقۇرۇت كەنتى. پەلەمپەي يەرنىڭ يۇقىرىقى تەرىپىدە، قاتار ـ قاتار تىزىلغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىلىرى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، بىر يانغا تىكلەنگەن بەلگە تاختىسىدا «جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى بايقۇرۇت كەنتى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسى» دېگەن قىزىل رەڭلىك چوڭ خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

كەنتتىكى بۇ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 500 كىلوۋات بولۇپ، 2019 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلغان، ھازىرغىچە جەمئىي 1 مىليون 300 مىڭ كىلوۋات سائەت توك تارقىتىلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى «قۇياش نۇرى بانكىسى» دەپ ئاتىشىدۇ.

«توك تارقىتىش كىرىمىنىڭ ھەممىسى بايقۇرۇت كەنتىگە ئىشلىتىلدى» دېدى 9 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن بايقۇرۇت كەنتىدە تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن 1 ـ شۇجى چېن داۋېي.

بايقۇرۇت كەنتى 355 ئائىلىلىك 1228 كىشى بار چارۋىچىلىق كەنتى. بۇ كەنت ئېگىز، سوغۇق تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولغاچقا، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاستا بولۇپ، 2018 ـ يىلىغا بارغاندا ئاندىن ئېغىر نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىققان، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 205 ئائىلىلىك 694 نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلغان.

قانداق قىلغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىگىلى، كېڭەيتكىلى بولىدۇ؟ بۇ جايدا يىل بويى پايدىلىنىشقا بولىدىغان يورۇقلۇق چۈشۈش ۋاقتىنىڭ 1800 سائەتكە يېتىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ، 2019 ـ يىلى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنلارغا ياردەم بېرىدىغان ـ يۆلەيدىغان جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلىپ، بايقۇرۇت كەنتىگە ياردەم بېرىپ بۇ نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇردى.

«شۇ يىلى تورلاشتۇرۇلۇپ، كەنتتىكىلەر شۇ يىلى مەنپەئەتلەندى.» بايقۇرۇت كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چۇنگۇاڭ مۇنداق دېدى: ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پايدىسى ئالدى بىلەن ئەمگەك ئىقتىدارى يوق نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، ھەر يىلى باھالاش ۋە ئاشكارا ئېلان قىلىش، نازارەت قىلىش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 30 ئائىلىنىڭ ھەربىرى 3000 يۈەن ياردەم پۇلنى تاپشۇرۇۋالدى.

72 ياشلىق جۇماش شۇڭۋۇر بۇنىڭدىن نەپ ئالغۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئېرى 2019 ـ يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز تۇراتتى. 2019 ـ يىلىدىن ئىلگىرى، ئۇ تۆۋەن كاپالەت پۇلى، ئوتلاق ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئالتە مودىن كۆپرەك بېدىلىككە تايىنىدىغان بولۇپ، يىللىق كىرىمى 16 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى.

«بۇلتۇر، مەن ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 3000 يۈەن ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇۋالدىم، بۇ يىل يەنە بار ئىكەن، ئىچ ـ ئىچىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن.» جۇماش مۇنداق دېدى: «بۇ يىل مەن تېلېۋىزور ۋە سافا سېتىۋالدىم، بۇنىڭغا 3000 يۈەندىن ئارتۇق خەجلىدىم، ھازىر مەندە يەنە 15 مىڭ يۈەن ئامانەت پۇل بار».

مۆلچەرىي ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىر يىللىق توك تارقىتىش كىرىمى 700 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلانغان. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كەنت 15 ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلدى، بۇ، مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش، يول ئاسراش، سۇ ـ توك يولى رېمونتچىلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، خىزمەتچى خادىملار ھەر ئايدا 2200 يۈەن مائاش ئالالايدۇ.

بۇلتۇر 4 ـ ئايدا، 26 ياشلىق گۈلشات تۇرداخۇن كەنتنىڭ مەدەنىيەت تەشۋىقاتچىسى بولدى. پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، سەھىيە ـ ساغلاملىق بىلىملىرى... ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئائىلىلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىش، كەچلىك كۇرستا دەرس ئۆتۈش بىلەن ئالدىراش بولاتتى، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى تۈگىمەس كۈچكە تولغانىدى.

«مەن ئەڭ خۇشال بولغان ئىش شۇكى، مېنىڭ تەشۋىقاتىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ كۆكتات ئۆستۈرۈش ئاكتىپلىقى كۈچەيدى.» گۈلشات مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يۇرتداشلار كۆكتات ئۆستۈرۈشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى، كۆكتاتنى بازارغا بېرىپ سېتىۋالاتتى. تەشۋىقات ۋە كەنتتە سەپەرۋەر قىلىپ ياردەم بېرىش ئارقىلىق، 70 ئائىلىلىك چارۋىچى كىچىك كۆكتات پارنىكى سالدى. بۇ يىل باش ئەتىيازدا، كەنت كۆپچىلىككە شوخلا، لازا، چەيزە قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ مايسىسىنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى. يۇرتداشلار ئۆزى ئۆستۈرگەن كۆكتاتلارغا ئېغىز تېگىپ ناھايىتى خۇشال بولدى.

«نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسى يەنە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم ئىقتىسادىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.» ۋاڭ چۇنگۇاڭ مۇنداق دېدى: 2019 ـ يىلى، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى پەقەت 300 ـ 200 مىڭ يۈەنلا ئىدى، 2020 ـ يىلى 960 مىڭ يۈەنگە يەتتى، «كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادى ئاشتى، بىزنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساسىمىز بار بولدى».

2019 ـ يىلىنىڭ ئاخىرى، بايقۇرۇت كەنتى چارۋىچىلىق كەسىپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، «سۇڭلىڭ مۇرېن» ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، سىجىل مەبلەغ سېلىپ سويۇش، يېڭى پېتى ساقلاش، ئامباردا ساقلاش ۋە سېتىشنى چىڭ تۇتۇپ، كەنتنىڭ ئېگىزلىكتە بېقىلغان قوتاز گۆشى، قوي گۆشى، گۆش كەپتىرىنى تاغدىن چىقىرىپ، ئىككى يىلدىن بۇيانقى سېتىش سوممىسىنى 20 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى؛ مېۋىلىك كۆچەت ئۆستۈرۈش كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېگىزلىكتىكى چۆل ـ باياۋاندا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ باغ ـ ئورمان بەرپا قىلدى، 140 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن كىچىك كۆكتات پارنىكى سېلىپ بەردى، 70 ھويلا ـ ئاران تېرىقچىلىق ئائىلىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 3000 يۈەن ئاشتى...

«بىز يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ئىبارەت بۇ <قۇياش نۇرى بانكىسى>نىڭ كىرىم ئاشۇرۇش ئېففېكتىنى سىجىل زورايتىپ، بايقۇرۇت كەنتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى ۋاڭ چۇنگۇاڭ.

«13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەت يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاستتا 92 دۆلەت دەرىجىلىك يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى مەبلەغ سېلىپ قۇردى. بۇ يىلدىن بۇيان، بىر تۈركۈم يېڭىدىن قوشۇلغان يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى تۈرى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.