قىزىلسۇ ئوبلاستى:
ئەمەلىي ئىشنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بېجىردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ پېڭ
خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇردى.
پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا چىن كۆڭلىدىن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.
پارتىيە ـ ئاممىنىڭ «قەلب كۆۋرۈكى» سېلىندى
يۈز داۋلى سۆزلىگەندىن ئامما ئۈچۈن بىر ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەن ياخشى.
«ئاقىز ئاكا، بىز كۆممىقوناقلىرىڭىزنى ياردەملىشىپ يىغىپ بېرىشكە كەلدۇق.» دەل كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە، ئاتۇش شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ تۈگۈرمىتى يېزىسىنىڭ باش سۇغۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت 1 ـ شۇجىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنت ئاھالىسى ئاقىز توختەك ئائىلىسىنىڭ كۆممىقوناقلىقىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كۆممىقوناق يىغىشىغا ياردەملەشتى.
بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن ئاقىز يالغۇز بىر جان بولۇپ، كېسەل بولغاچقا، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ئىدى. ئۆزىنىڭ تۆت مو يېرىدىكى كۆممىقوناقلىرىنىڭ يىغىش ۋاقتىنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاقىز قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي قالغانىدى. بېشى قېتىپ تۇرغاندا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەمگە كەلدى. «تەلىيىمگە خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى ماڭا ياردەم قىلىپ چوڭ قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىپ بەردى!» دېدى ئاقىز.
«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى داۋامىدا، قىزىلسۇ ئوبلاستى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە قارىتا، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەرقايسى كۈچلەرنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئەترىتى قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش، كەڭ كۆلەمدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، كەڭ كۆلەمدە تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇردى؛ ساغلاملىق تەربىيەسى، مۇھىت تۈزەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق بىلىملەرنى پائال تەشۋىق قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن ئۆگىنىش يەتكۈزۈش، داۋالاش يەتكۈزۈش قاتارلىق شەكلى خىلمۇخىل بولغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى بىلەن ئامما ئارىسىدا «قەلب كۆۋرۈكى» سېلىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى. بۇ يىل 7 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە ئاممىغا جەمئىي 18 مىڭ 274 ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىلدى.
خەلققە قولايلىق تەدبىرلەر خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى
9 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ئا X قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئاممىنىڭ ئەرز ـ شىكايىتىنى قوبۇل قىلىش مۇلازىمەت مەركىزى بىرلەشمە ئەرز ـ شىكايەت زالىغا بېرىپ، خىزمەتچى خادىملارغا بالىسىنىڭ مەكتەپ ئالمىشىش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقىنى سۆزلەپ بەردى. «خاتىرجەم بولۇڭ، سىزنىڭ مەسىلىڭىزنى بىز سىزگە ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بېرىمىز» دەپ سەمىمىي جاۋاب بەردى ئەرزنى قوبۇل قىلغۇچى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى پەرھات نەسىردىن.
ھازىر، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئەرزىيەت ئىدارىسى دېھقان ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش، مۈلۈك باشقۇرۇش، ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلەر زىيانغا ئۇچراش، يەر ئېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، دېلوغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» قاتارلىق خەلققە قولايلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.
قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، دىققەتنى «خەلقنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» «خەلقنىڭ نارازىلىقىنى تۈگىتىش» «خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش» «خەلق ئېرىشىدىغان پايدىنى ئاشۇرۇش» «خەلقنىڭ بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، «خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدا يەتكۈزىدىغان بەش تۈرلۈك قۇرۇلۇش» «خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان 20 تۈرلۈك ھەرىكەت» «خەلققە قولايلىق، خەلققە پايدىلىق 136 تۈرلۈك تەدبىر»نى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇلار غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى ھەل قىلدى.
خەلق تۇرمۇشىدىكى «كىچىك ئەمەلىي ئىش»لارنى ياخشى بېجىردى
9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ئۇقسالۇر يېزىسى چات كەنتىدىكى پوچتا تېز يەتكۈزۈش نۇقتىسىدا، كەنت ئاھالىسى ئايچولپان جاھباي بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى توردىن سېتىۋالغان پوسۇلكىنى تاپشۇرۇۋالدى.
ئىلگىرى چات كەنتىدە پوچتا تېز يەتكۈزۈش نۇقتىسى يوق ئىدى، ئايچولپان توردىن مال سېتىۋالغاندىن كېيىن، نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇۋالاتتى.
«ھازىر كەنتتە پوچتا تېز يەتكۈزۈش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى، توردىن سېتىۋالغان نەرسىلەرنى ئىشىك ئالدىدىلا تاپشۇرۇۋالغىلى بولىدۇ، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق بولدى» دېدى ئايچولپان.
«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، قىزىلسۇ ئوبلاستى دىققەتنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بېجىردى. پۈتۈن ئوبلاست تېز يەتكۈزۈش نۇقتىلىرىنى كەنتكە كىرگۈزۈش، مەھەللىگە كىرگۈزۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش ـ يەتكۈزۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، پوچتا قاتارلىق ئاساسلىق تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى تۆۋەنگە ئۈنۈملۈك ئۇزارتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، ھازىر بار بولغان كەنت ئىچىدىكى تاللا بازىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، يېزا ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق سورۇنلارغا تايىنىپ، تېز يوللانما تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ «كىچىك ئەمەلىي ئىش»لىرىنى ياخشى بېجىرىپ بەردى.
ھازىرغىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى 266 مەمۇرىي ئىشتاتلىق كەنتنىڭ 174ىدە تېز يوللانمىنى راۋان يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بار بولدى.