تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىڭ يىللىق نامراتلىق بىلەن خوشلىشىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە بىرىمۇ كەم قالماسلىق

10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئىشچى قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازىرى شىنجاڭ يۈخۇا توقۇمىچىلىق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى شۇ جاينىڭ سۈپەتلىك پاختا بايلىقىغا تايىنىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.□تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

ۋاقىت كۆپ ھاللاردا تەرەققىياتنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئۆلچەم بولۇپ قالدى. بەش يىل جەريانىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشان ـ ئۆلچەمنى چىڭ ئىگىلەپ، ئېغىر نامراتلىققا ئارقا ـ ئارقىدىن كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى.

ئۇزاق مۇددەت بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق 2020 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، شىنجاڭ مۇتلەق نامراتلىق تارىخى بىلەن خوشلىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى.

ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىش دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ بەخت ـ سائادەتنى ئاشۇرۇش

«تاغدا ياشىسا تاغقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ، سۇ بويىدا ياشىسا سۇغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ، قۇملۇقتا ياشىسا نېمىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش كېرەك؟» خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسىنىڭ باكىدۆڭ كەنتى قۇملۇقنىڭ چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، بۇنداق سوئال كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كاللىسىنى ئىزچىل چىرمىۋالغانىدى.

2018 ـ يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ باكىدۆڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ كەنتنىڭ تەبىئىي شارائىتى گەرچە ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلمىسىمۇ، لېكىن كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قىروۋسىز مەزگىلى ئۇزاق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، لازا تېرىيدىغان «گۆھەر زېمىن» ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

«تېخنىك خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز لازا تېرىش تېخنىكىسىنى ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالدۇق.» كەنت ئاھالىسى ئىمىنتوختى رەجەپ مۇنداق دېدى: لازا تېرىش كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتتى، يۇرتداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق تۇرمۇش كەچۈردى.

بۇ يىل 8 ـ ئايغا قەدەر، باكىدۆڭ كەنتى پېگمېنتلىق لازا تېرىش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، «مايسا يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى» بىر گەۋدە قىلىنغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلىپ، 200 ئائىلىلىككە يېقىن كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

باھار شامىلى چىقسىلا، قۇممۇ چېچەكلەيدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ، نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىش كونكرېت كۆرسەتكۈچلىرى بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، يولغا قويۇلىدىغان كونكرېت تۈرلەرنى شەكىللەندۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈمىدى كۈچىيىشكە باشلىدى.

كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە تۆلەم تولۇقلىمىسى ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، ئىجتىمائىي كاپالەت تەدبىرلىرى ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش... بەش يىلدىن بۇيان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەر دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2012 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 1964 يۈەندىن 2020 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 10 مىڭ 830 يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %28 ئېشىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ئاساسنى پۇختىلاپ پىشقان ماھارەت يېتىلدۈرۈش

«ئەمدى قىرتاق سۇ ئىچمەيدىغان بولدۇق!» جۈمەكتىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۈپسۈزۈك سۇنى كۆرۈپ، پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسى يىپەكچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇسا ھاشىم ئىختىيارسىز سۇ تۇرۇبىسىدىن «بولۇشىچە سۇ ئىچىش»كە باشلىدى. بۇلتۇر يازدا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر ـ يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما قىرتاق، شورلۇق سۇ بىلەن ئۈزۈل ـ كېسىل خوشلىشىپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئارتۇقچىلىق بار يەردە كەمچىلىكمۇ بولىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، كۈچلۈك تۈرلەرنى مۇستەھكەملەش، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاشقا كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جۇشقۇن كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسى چارۋا كەنتى چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقنى ئاساسلىق كەسىپ قىلاتتى، لېكىن ئىلگىرى كەنتكە يول تۇتاشتۇرۇلمىغاچقا، كالا، قوي سېتىش كونا، چوڭ، قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغانىدى.

«تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، چارۋا كەنتىدىكى يوللار توپا يولدىن كەڭ، قاتتىقلاشتۇرۇلغان يولغا ئۆزگەردى. ھەممە يەرگە تۇتاشقان يېزا يول تورى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ بېيىش راۋان يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى.

قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسىگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول، ئېنېرگىيە توكى، رادىيو ـ تېلېۋىزىيە، كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

يەنە كۈرەش قىلىش نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى سەھەردە، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قوشئاۋات بازىرى چىرىك كەنتىدىكى لازا ئېتىزىدا، كەنت ئاھالىسى ھاجى مامۇت ئېڭىشىپ لازا ئۈزۈۋاتاتتى.

بۇ يىل 4 ـ ئايدا، ھاجى ئۆزىنىڭ يېرىنى شۇ جايدىكى لازا ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەردى ھەم كوپىراتىپقا كىرىپ ئىشلىدى. يېرىم يىلدا، ئوبوروت ھەققى ۋە ئەمگەك كىرىمى 15 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى «ئىس ـ تۈتەك»لەر ئاللىقاچان تارقاپ كەتتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ مۇساپىسىگە قايتا نەزەر سالساق، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داغدام يولىدا تېز ئىلگىرىلەۋاتقان تىيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا تارىخىي خاراكتېرلىك يۈزلەندى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرگەن، يېڭى نىشانغا يۈزلەنگەن شىنجاڭ تولۇپ تاشقان كۈچنى توپلىدى.

بۇ يىل، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ مەسئۇلىيەتنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ سىياسەتنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ ياردەم بېرىش ـ يۆلەشنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى توختاتماسلىقتىن ئىبارەت «تۆتنى توختاتماسلىق» سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇردى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا، بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرگۈزمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش مېخانىزمىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر ۋە تۇيۇقسىز ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە قارىتا كۆزىتىپ ئۆلچەش، ياردەم بېرىش ـ يۆلەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئارىلىشىش، بالدۇر ياردەم بېرىش ـ يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بىر تاغدىن ھالقىپ يەنە بىر چوققىغا يامىشىش. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ دەۋر سىمفونىيەسى مىڭ چاقىرىملىق مۇنبەت دالىدا ياڭرىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.