تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرايلى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«تۈزۈم مۇقىم بولسا دۆلەت مۇقىم بولىدۇ، تۈزۈم كۈچلۈك بولسا دۆلەت كۈچلۈك بولىدۇ.» مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم، زور پىرىنسىپى ۋە ئاساسلىق خىزمىتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز ئۈچۈن ئېنىق ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، ئەڭ روشەن خاسلىقى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈم ئىشەنچى بىلەن مەدەنىيەت ئىشەنچىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتتىن چىقىش قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار يېڭى نەزەرىيە، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇپەسسەل قىلىپ مۇنداق ئىخچاملىدى: جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش. بۇ «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش» يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بولۇپ، باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇش ھەم ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگودا سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىكى تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىدا چىڭ تۇرغاندىلا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دۆلەت خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى، پەقەت تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردىن خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى كېڭەيتكەندىلا، ئاندىن پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ؛ خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، دېموكراتىيەنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇنلاشتۇرۇش كېرەك، پەقەت دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار بويىچە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتقاندىلا، ئاندىن دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى جۇڭگونىڭ دۆلەت تەشكىلىي شەكلى ۋە پائالىيەت شەكلىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، پەقەت دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى بىرتۇتاش يۈرگۈزۈشىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلارنى بىرتۇتاش يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ ئالغا سىلجىتىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان توغرا يول، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈملۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پەقەت دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، ئاندىن تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش»نى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، تۈزۈم رىقابىتى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىنىڭ مۇھىم تەرىپى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى بىر دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى مۇھىم ئەۋزەللىك. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشتا، جەزمەن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈملۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىدا چىڭ تۇتقۇزۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قوغداش كېرەك؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئاساسىي قانۇندا خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلەنگەن نازارەتچىلىك ھوقۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ سىياسىي ئورگانلىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئالتە جەھەتتىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى بېكىتىپ بەردى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز تۈزۈم ئىشەنچىنى قەتئىي چىڭىتىش بىلەن ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكى، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

يېڭى دەۋردە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى مۇساپىدە، پەقەت بىز خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولساقلا، بىز چوقۇم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.