تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى «ئىككى چوڭ مۆجىزە» يارىتىشنى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ياخشى تۈزۈم، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخىدا ياراتقان ئۇلۇغ ئىجادىيىتى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تەرەققىيات تارىخى، ھەتتا دۇنيانىڭ سىياسىي تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان يېپيېڭى سىياسىي تۈزۈم.

مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى يېتەكچى ئىدىيە، مۇھىم، زور پىرىنسىپ ۋە ئاساسىي خىزمەتلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئىچكى خاس مەزمۇنى، نەزەرىيە ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەمەلىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتتى ۋە كېڭەيتتى، ئۇ ماركسىزملىق ھەقىقەت كۈچىگە تولغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلىپ بېكىتىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي ئىزدەندى ۋە كۈرەش قىلدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، نەچچە مىڭ يىللىق فېئوداللىق جەمئىيەت تارىخىغا ئىگە دۆلەتتە ئەڭ كەڭ بولغان خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇردى، خەلق دۆلەت، جەمئىيەت ۋە ئۆز تەقدىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىگە ئايلاندى؛ بىز ھەم نامرات، ھەم ئارقىدا قالغان مۇشۇنداق ئاساستا ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدەك مۆجىزىنى ياراتتۇق، نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تاماملاپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇق، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىمىز، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىمىز، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچىمىز، مەدەنىيەت تەسىر كۈچىمىز، خەلقئارا تەسىر كۈچىمىز كۆرۈنەرلىك ئاشتى؛ بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، دۇنيادىكى ئوتتۇراھال كىرىملىك نوپۇس ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندۇق؛ دۆلىتىمىز جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىردەك ئېتىراپ قىلغان ئەڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «60 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى يارىتىشىنى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.» 1954 - يىلى 9 - ئايدا، 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ئېچىلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ماقۇللىنىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى − خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى رەسمىي ئورنىتىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇردى، بۇنىڭ بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى يېڭى، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش مېخانىزمى يەنىمۇ كۈچىيىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ تارىخىي مۇساپىدە، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، خەلققە چىڭ تايىنىپ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى يارىتىپ، جۇڭگوچە دېموكراتىيەنىڭ غايەت زور ئۈنۈمىنى تولۇق نامايان قىلدى.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردىكى، جۇڭگودا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخىدا ياراتقان ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئېچىنىشلىق ساۋاقلارنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ چىقارغان ئاساسىي يەكۈنى، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ 100 نەچچە يىلدىن بۇيان كۈچلۈك ئۆزگىرىش ياسىغانلىقى، تەرەققىياتنى مەۋج ئۇرغۇزغانلىقىنىڭ تارىخىي نەتىجىسى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇپ، ئۆز تەقدىرىنى قولىدا تۇتۇشىدىكى مۇقەررەر تاللىشى. دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق دۆلەت تەلىماتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسىگە ئۇيغۇنلاشقانلىقى ئۈچۈن، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى؛ دەل دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن بۆسۈپ چىقىشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى. دەل دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشى، ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «تۈزۈم رىقابىتى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىنىڭ مۇھىم تەرىپى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى بىر دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى مۇھىم ئەۋزەللىك.» تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تۈزۈم مۇقىم بولسا دۆلەت مۇقىم بولىدۇ، تۈزۈم كۈچلۈك بولسا دۆلەت كۈچلۈك بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسى شۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، خەۋپ - خەتەرگە، خىرىسقا، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنغا شۇنچە تولغان بولىدۇ، شۇڭا ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش ۋە يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشىمىزغا شۇنچە توغرا كېلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا تىرەك بولىدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم. كۈرەش قىلىدىغان يېڭى دەۋر، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى مۇساپىدە، بىز خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈملۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، داۋاملىق خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىغا چىڭ تۇتقۇزۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

جۇڭگودا، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىكى تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جانلىق، جۇشقۇن، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت سىياسىي مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىگە تولغان تۆھپە قوشايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.