تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدى گۈزەل شىنجاڭدا تەسىرلىك ئىشلار كۆپ بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«ياخشى قېرىندىشىم، توغاچ شاپتۇللىرىمىزنى ياخشى باھادا ساتتۇق، غاز ۋە سۈت كالىلىرىنىمۇ ياخشى باقتۇق، بۇ يىللىق كىرىمىمىز چوقۇم زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.» 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئېزىز تۇنىياز تۇغقىنى جاڭ جيايۇڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۆز خۇشاللىقىنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلاشتى. قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن، بەش يىللىق چوڭقۇر ئالاقە ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە - قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى 9 - گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتىنىڭ كادىرى جاڭ جيايۇڭ ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق بازىرى تۇمشۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئېزىز تۇنىياز بىلەن بىر - بىرىنىڭ غېمىنى يەيدىغان ياخشى قېرىنداشلارغا ئايلاندى.

2016 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. بەش يىلدىن بۇيان، مىليونلىغان كادىر، خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئالاقىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىپ، تۇغقانلىرى بىلەن بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، تۇغقاندارچىلىق ھېسسىياتىنى تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇردى.

شىنجاڭدا نۇرغۇن تۇغقانلاشقان كادىر ھەر كۈنى دېگۈدەك يېزا - كەنت، مەھەللىلەرگە بېرىپ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلايدۇ. ھەر قېتىم تۇغقانلىرى كېلىدىغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى ھەمىشە تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ، خۇشاللىققا چۆمىدۇ. تۇغقانلىرى قايتىدىغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى كەنت ئېغىزىدا تۇرۇپ، قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ كۆزى قىيمىغان ھالدا ئۇلار بىلەن خوشلىشىدۇ.

2016 - يىلى 10 - ئايدىن 2021 - يىلى 9 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار، خىزمەتچىلەر ھەر مىللەت ئاممىنى جەمئىي 171 مىليون ئائىلە قېتىمدىن ئارتۇق يوقلىدى، توردا تۇغقانلىشىشقا قاتناشقانلار 15 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، 1 مىليارد 120 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى، 58 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى، 24 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، تۈرلۈك پائالىيەتلەردىن 21 مىليون 500 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتكۈزدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىدىغان، سىڭىشىپ ئۆزئارا بىللە ئۆتىدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى بىر يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى.

تۆت يىل ئىلگىرى، خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسى شولاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھېسامىدىن ھەسەن بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ كادىرى مېي دۇڭ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغانىدى. ھېسامىدىننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، مېي دۇڭ ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان توكچىلىق - كەپشەرلەش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇ ئالاھىدە خىزمەت مەشغۇلاتى بويىچە ئىش ئورنىغا چىقىش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە، ھېسامىدىن پىشقان كەپشەرلەش ئىشچىسىغا ئايلاندى، ئايلىق كىرىمى 6000 يۈەندىن ئاشتى.

تۇغقىنىنىڭ خىزمەت تېپىشىغا ياردەم بېرىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە تۇغقىنى بىلەن بىللە ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراش ئىشلەش، تۇغقىنىنىڭ بالىلىرىغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرى سوۋغا قىلىش، دەرسلىرىنى تەكرار قىلىپ بېرىش، تۇغقىنى قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بىرىنچى ۋاقىتتا ياردەم قولىنى سۇنۇش... بەش يىلدىن بۇيان، كەڭ كادىرلار، خىزمەتچىلەر تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ بېجىرىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان، ئەڭ تەقەززا بولغان ئىشلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، «كەنتتە تۇرۇش»تىن «ئۆيدە تۇرۇش»قىچە، يەنە «قەلبتىن ئورۇن ئېلىش»قىچە بولغان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىل 2 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى قانات يايدۇرغان «ئۆزئارا ئېجىل - ئىناق ئۆتىدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى» تېمىسىدىكى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى باشلاندى، ھەر مىللەت كادىرلار، خىزمەتچىلەر يىراقتىن كەلگەن 11 كەنت ئاھالىسى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم سەنئەتكارلار ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىللە خۇشال بىر يەرگە جەم بولدى.

بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ئاساسىدا، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

كەڭ كادىرلار، خىزمەتچىلەر تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە ئارىلاپ - ئارىلاپ بېرىپ، بىللە ئۆگىنىپ، تەڭ ئالغا بېسىپ، كەلگۈسىدىكى ياخشى كۈنلەرنى بىرلىكتە پىلانلىدى؛ جەنۇبى شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى يىراق سەپەرگە كەمدىن كەم چىقىدىغان بىر قىسىم ئامما تۇغقانلىرىنىڭ قىزغىن تەكلىپ قىلىشى بىلەن، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، كەلگۈسى توغرىسىدا سۆزلەشتى... ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادى تېخىمۇ چىڭىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.