تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېكولوگىيەنى قوغداش كۈچەيتىلدى ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولدى

​− ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (7)

10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاق قۇلار باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش كۆلىدىكى بەيلۇجوۋدا ئۈزۈپ ئوينىماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، كۆل رايونىدا ياۋايى قۇشلارنىڭ تۈرى ۋە سانى سىجىل ئاشتى. □نيەن لېي فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: باشتىن - ئاخىر ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئاساسىغا ئورنىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھەربىر تال گىياھى، تاغ - دەريالىرىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ تاغلىرىنىڭ دائىم يېشىل بولۇشى، زۇمرەتتەك سۇلىرىنىڭ توختاۋسىز ئېقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل چېكى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىجازىتى تىزىملىكىدىن ئىبارەت «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك» بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداشنى ماس ئالغا سىلجىتتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى.

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ياخشى قىلىندى

بۇ يىل 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ھۆكۈمەت(مەمۇرىي مەھكىمە) تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى%72.1 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 2.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى، كاربون قويۇپ بېرىش سىجىللىقى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۈپىتى مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، تەكشۈرۈپ ئۆلچەنگەن 170 دەريا - ئېقىن كەسمە يۈزى، 32 كۆل - ئامبار، 120 سۇ مەنبەسىنىڭ ئەلا سۇ سۈپىتى نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %98.2، %81.25، %93.3 بولدى.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ تارماق بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئايلىق ئاتموسفېرا بۇلغىنىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەنبەسىنى تۈزەشكە بىرلەشمە يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تەشكىللەپ يولغا قويدى؛ نۇقتىلىق رايونلاردا تارقاق كۆمۈر ئىشلىتىشنى تۈزەش، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئاتموسفېرانى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىش بويىچە ئۆزگەرتىش، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا تەشكىلسىز بۇلغىما چىقىرىشنى تۈزەش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى قوللىدى؛ «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» «كۈيتۈن − مايتاغ − شىخو» قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا قارىتا، پار بىلەن تەمىنلەش پەسلىدە كۆمۈرنى تارقاق ئىشلىتىشنى تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا، پار بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا پەسىللەردە چاڭ - توزاننى تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى سىجىل ئۈزۈلدۈرۈلمەي تەشكىللىك قانات يايدۇردى.

بىرتۇتاش پىلانلاپ قوغداپ، سىستېمىلىق تۈزەش

ئالدىنقى ئايدا ئاۋات ناھىيەسى ئەشمە كۆلى رايونى بۇ يىللىق ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاشنى ئەمدىلا تاماملىدى. «كۆل رايونىغا سۇ تولۇقلانغاندىن كېيىن كۆل رايونىنىڭ كۆلىمى 2015 - يىلىدىكىدىن بەش ھەسسە كېڭەيدى» دېدى ئاۋات ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى شى جىڭخەي تونۇشتۇرۇپ.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەشمە كۆلىنىڭ سۇ مەنبەسى تارىم دەرياسىنىڭ ئاساسلىق تارماق ئېقىنى بولغان ئاقسۇ دەرياسىدىن كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش خىزمىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، جەمئىي 8 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق سۇ قويۇپ بېرىپ، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى 46 مىليون مو تېرىلغۇ يەر ۋە 15 مىليون مو توغراقلىقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

2018 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا باشلىدى، نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 3355 دەريا، 121 كۆلدە بەش دەرىجىلىك دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى تەشكىلىي سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك تاكامۇللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 20 مىڭغا يېقىن ھەر دەرىجىلىك دەريا - كۆل باشلىقى تەسىس قىلىندى. دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك دەريا - كۆل باشلىقلىرى دەريا - كۆلنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، زور بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، دەريا - كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇردى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان جايلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا كېڭەيدى، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرى تېخىمۇ سۈزۈك بولدى.

ئېكولوگىيە قىزىل چېكى، تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاش

ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل چېكى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىدىن ئىبارەت ئۈچ قىزىل چەكنى بېكىتىشنى تېزلىتىش ھەم قاتتىق ساقلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 2018 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك»نى تۈزۈش خىزمىتىنى باشلاپ، 2020 - يىلى 5 - ئايدا دەسلەپكى قەدەمدە تاماملىدى، 2020 - يىلى يىل ئاخىرىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى.

بۇ يىل 2 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك> بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش لايىھەسى»نى رەسمىي ئېلان قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مۇھىت باشقۇرۇش - تىزگىنلەش بۆلەكلىرى، رايونغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەلەپلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا دائىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بوشلۇق يىرىك پىلانى، كەسىپلەر سىياسىتى، تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى يېشىل ئۆلچەم بىلەن تەمىنلىدى.

2020 - يىلى يىل ئاخىرىدا، ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز 2 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، تۈرلۈك بۇلغىما مەنبەسىدىن جەمئىي 115 مىڭ 200نى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتىدىن 39 مىڭ 840نى بېكىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بىر پارچە خەرىتىسى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇمات دوكلاتى ھەم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاخباراتى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئاساس ۋە كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.