تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا چوڭ ياشلىقلار قوشۇمچە پۇلى تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدا 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش قوشۇمچە پۇلى بېرىش تۈزۈمى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىدىكەن، ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ناھىيە (شەھەر، رايون)لەردە چوڭ ياشلىقلار قوشۇمچە پۇلى تۈزۈمى پۈتۈنلەي ئورنىتىلغان.

ئاپتونوم رايونىمىز 2011 - يىلى 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا ئاساسىي تۇرمۇش قوشۇمچە پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ 80 ياشتىن (80 ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 89 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ ھەربىرىگە ئايدا 50 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى؛ 90 ياشتىن (90 ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 99 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ ھەربىرىگە ئايدا 120 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى؛ 100 ياشتىن ئاشقان (100 ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ياشانغانلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايدا 200 يۈەن ياردەم پۇلى بەردى. ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ، چوڭ ياشلىقلار قوشۇمچە پۇلى سىياسىتىنى بىردەك يولغا قويدى. بىر قىسىم رايونلار ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچىمى ئاساسىدا ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈپ، دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز 2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك لاتارىيە ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش قوشۇمچە پۇلىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئاي (ياكى پەسىل)بويىچە تارقاتتى. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا 99 مىليون 450 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئاساسىي تۇرمۇش قوشۇمچە پۇلى تارقاتتى.

چوڭ ياشلىقلار قوشۇمچە پۇلى تۈزۈمى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى سىياسەت بولۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىگە ئىگە، 80 ياشقا توشقان، نوپۇسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياشانغانلار بۇ قوشۇمچە پۇلدىن بىردەك بەھرىمەن بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.