تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭ ياخشى جاي − شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى» ئېچىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى (ئىدارىسى) بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلاشقان «شىنجاڭ ياخشى جاي − شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئېچىلدى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر راۋ چۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋاڭ شياۋفېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

راۋ چۈەن مۇنداق دېدى: غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭ بىلەن قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىسىنى يەنىمۇ ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇش، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

تيەن ۋېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۆزىنىڭ مول مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى بىلەن مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىدەك ھەقىقىي تارىخقا گۇۋاھ بولۇپ، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭدا ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان، بىر - بىرىگە ھۆسن قوشىدىغان تەرەققىيات تومۇرىنى دەلىللىدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مەدىتى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.