تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئۈچ يۇقىرى»نى چەكلەش شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسىي رېڭىنى تېخىمۇ يېشىللاشتۇردى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتى يەنىمۇ ئەلالىشىپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا ئېشىش مىقدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلەش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى...

يېشىل تەرەققىياتتا، ئېنېرگىيە تېجەش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات ئاساسىي رېڭىنى تېخىمۇ يېشىللاشتۇردى.

قۇرۇلما تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى

قىش پەسلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پەيزاۋات ناھىيەسى گۈللۈك يېزىسى بەشتام كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇرېشىت ئۇرايىم ئۈمىدكە تولدى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش (1 - قارارلىق)قۇرۇلۇشىدىن نەپ ئالغاچقا، ئۇنىڭ ئائىلىسى توكتىن پايدىلىنىپ ئۆيىنى ئىسسىتالايدىغان بولدى.

2019 - يىلى، ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ مۇھىم، زور قۇرۇلۇشنى باشلىدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، 655 مىڭ ئائىلىلىك ئاھالە پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەتتى، بۇ، يىلىغا 842 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەپ، 2 مىليون 100 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.

دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزلەپ، بۇ بەش يىلدا، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى چۆرىدەپ، ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ يەنىمۇ ئەلالىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

قومۇلنىڭ 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك، شەرقىي جۇڭغارنىڭ 1 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، فۇكاڭ، قومۇلنىڭ 1 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتلىق سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلىپ، فۇكاڭنىڭ شەرقىي، ئاقتۇ قاتارلىق سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى دۆلەتنىڭ «سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2021 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)» غا كىرگۈزۈلدى... يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىنماقتا.

بۇ يىل 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىرتۇتاش تەڭشەلگەن پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 44 مىليون 479 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمىنىڭ %42.3ىنى ئىگىلىدى.

ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش يېشىل تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىشنىڭ ئاچقۇچى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ كۆمۈر ساھەسىدە ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى جەمئىي 23 مىليون 560 مىڭ توننا تۈگىتىش، پولات - تۆمۈر ساھەسىدە ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى جەمئىي 10 مىليون 150 مىڭ توننا تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قالاق كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتور گۇرۇپپىسىدىن 1 مىليون 591 مىڭ كىلوۋاتنى تاقاپ ۋە توختىتىپ، كۆك ئاسماننى «سۈزۈلدۈردى».

بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئەڭ قاتتىق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مۇھىم دەريا - ئېقىنلارنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتىنى %98.8كە يەتكۈزۈپ، زۇمرەت سۇنى قوغدىدى.

ئېنېرگىيە سەرپىياتى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىلدى

10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، يەنكۇاڭ شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا، تۈرلۈك مۇھىت قوغداش كۆرسەتكۈچلىرى ئەمەلىي ۋاقىت بويىچە كۆرسىتىلىپ تۇراتتى. زاۋۇت رايونى ئىچىدە، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر زاۋۇت سېخلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئوراپ تۇراتتى، كۆك ئاسمان ئاستىدا ئىناقلىققا تولغان بىر ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمى شەكىللەنگەنىدى.

«ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز سۇ تېجەش، توك تېجەش قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر يىلى كارخانا ئۈچۈن 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى تېجەپ بەردۇق» دېدى يەنكۇاڭ شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى چى جاۋكۇن.

يەنكۇاڭ شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى تۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى) شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ئاساسىي بازىسى ھەم ئۈرۈمچىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر بازىسى ۋە ئىلغار قۇرۇلما ماتېرىيالى كەسىپلەر توپى تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق يۈكلىمە رايونى. باغچە رايونى قۇرۇلۇش داۋامىدا «ئۈچ يۇقىرى» كارخانىلارنىڭ باغچە رايونىغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ ھەم كارخانىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئومۇمىي مىقدارىنى تۆۋەنلەتتى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، گەنچۈەنپۇ باغچە رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.76 تۆۋەنلىدى؛ كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.47 تۆۋەنلىدى.

ئېنېرگىيە تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا، سانائەت ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، سانائەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سانائەت تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى 2015 - يىلىدىكىدىن %2.2 تۆۋەنلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 16 كارخانا ئېنېرگىيە ئۈنۈمى «باشلامچىسى» بولۇپ سايلاندى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ قاتناش، بىناكارلىق، ئاممىۋى ئاپپارات، سودا ئوبوروتى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ساھەسىدە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى.

مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار تۇتۇلۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئەجەللىك يەرگە كۈچەپ، «بىر ئۇرۇق يۆتكەش ئارقىلىق پۈتۈن تاختا شاھماتتا غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى».

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالى جەمئىي %10 تۆۋەنلىدى، دۆلەت ئاپتونوم رايون (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا چۈشۈرگەن ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ سىجىللىقىنى %10 تۆۋەنلىتىش، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئېشىش مىقدارىنى 35 مىليون 400 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر ئىچىدە تىزگىنلەش نىشان - ۋەزىپىسى تاماملاندى.

تەرەققىيات تېخىمۇ يېشىللاشتۇرۇلدى

كارخانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تېخنىكا تەركىبى»نى ئاشۇرۇش ئارقىلىق «يېشىللىق تەركىبى»نى يۇقىرى كۆتۈرگەندە، ئاندىن پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ.

شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى 2016 - يىلىدىن باشلاپ، مۇھىت قوغداش جەھەتتىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى جەمئىي 600 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشقا دائىر زور بىر تۈركۈم يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر - سەنئەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، 300گە يېقىن تۈردە پاتېنتقا ئىگە بولۇپ، ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) «ئىقتىسادىي ھېسابات»نى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، «ئېكولوگىيەلىك ھېسابات»نى ياخشى قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. بۇ بەش يىلدا، بۇ رايوننىڭ يەر بايلىقىنىڭ ھەر كىۋادرات كىلومېتىرىنىڭ ھاسىلات نىسبىتى 2 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن 3 مىليارد 750 مىليون يۈەنگە ئۆستى؛ ئېنېرگىيەنىڭ ھاسىلات نىسبىتى 1.74تىن 3.15كە ئۆرلىدى؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل ياسىمىچىلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى 13كە يېتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە يېشىل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى كۈنسېرى زورايدى.

كىچىككىنە ئالامەتتىن ئومۇمىيەتنى بىلىپ يېتىش.

بەش يىلدىن بۇيان، يېشىل رەڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ روشەن ئاساس رېڭىگە ئايلاندى. ھەرقايسى جايلار كەسىپلەر ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان» كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، «ئالىي، سەر خىل، ئىلغار» كەسىپلەرگە قۇچاق ئېچىش ئۈچۈن بوشلۇق چىقىرىپ، مۇھىت قوغداشتا قانۇنغا رىئايە قىلغان كارخانىلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېشىل بىناكارلىق، يېشىل قاتناشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلەتتى.

بەش يىلدىن بۇيان، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش، ئاممىۋى قاتناشتا سەپەرگە چىقىش، ئاشلىقنى تېجەش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانى ئاساسىدا، شىنجاڭ يېشىل تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىش ئۈستىدە يېڭىچە ئويغا ئىگە بولدى.

«بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش تىزگىنلەش» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بايلىق، مۇھىتتىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ پۇختا تۇتتى، ياخشى تۇتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش تىزگىنلەش»نىڭ يېڭى زىددىيىتى، يېڭى ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.