تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولى جارى قىلدۇرۇلدى ئىسلاھاتتا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش سەھىپىسى پۈتۈلدى

− ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (6)

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۈچ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ. ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىڭتۇەننىڭ خىزمىتىنى قوللاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىڭتۇەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورنىنى بەلگىلەش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مەنپەئىتى بىڭتۇەننىڭ مەنپەئىتى، شىنجاڭنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى بىڭتۇەننىڭ چوڭ ۋەزىيىتى دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئادا قىلىپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلدى.

بۇرچ ئەستە چىڭ ساقلاندى، مۇقىملىق قوغدالدى، چېگرا مۇھاپىزەت قىلىندى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ ساربۇلاق ئوتلىقىدا تېخى تاڭ ئاتمىغانىدى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9 - شى 161 - تۇەنىدىن پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى ۋېي دېيوۋ بىلەن خوتۇنى ليۇ جىڭخاۋ ھويلىسىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقاردى ھەم دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

«ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، ھەر قېتىم چارلاشتىن بۇرۇن خوتۇنۇم ئىككىمىز ئالدى بىلەن دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ كەلدۇق. بۈگۈن دۆلەت بايرىمى، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلەيمەن» دېدى ۋېي دېيوۋ.

1964 - يىلىدىن ھازىرغىچە 57 يىل ئۆتتى، ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن تارتىپ چاچلىرىغا ئاق سانجىلغىچە، ۋېي دېيوۋ ھەر كۈنى چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ ئون نەچچە كىلومېتىر مېڭىپ، چېگرانى جەمئىي 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق چارلاپ، غەربىي شىمال چېگرا لىنىيەسىدىكى «تىرىك چېگرا بەلگىسى» دەپ تەرىپلەندى.

مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىڭتۇەنگە يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت. بىڭتۇەن قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، بۇ تۆت خەت ھەربىر بىڭتۇەنلىكنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى.

«بىڭتۇەن 3 - شى قاغىلىق 2 - چارۋىچىلىق مەيدانى 3 - ليەنىدە، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ چيەندۇڭ دادىسىنىڭ ئىزىنى بويلاپ، بىڭتۇەننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز چېگرا ليەندۈيىدە خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، يىل بويى خەلق ئەسكەرلىرىنى چېگرانى چارلاش، مۇھاپىزەت قىلىشقا تەشكىللىدى.

ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش، ئۆكۈنمەي چىڭ تۇرۇشتىن بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز ساداقىتى نامايان بولدى.

بەش يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى باشتىن - ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ «چېگرا رايوننى تىنچلاندۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئالاھىدە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى، چېگرانىڭ مۇقىملىقىنى مۇستەھكەملەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ھاياتىي كۈچ قويۇپ بېرىلدى

«ئىلگىرى ئائىلىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىدى، ھازىر 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى. دېھقانچىلىق مەيدانى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، بىزنىڭ يەر تېرىش ئۈنۈمىمىز تېخىمۇ ياخشى بولدى» دېدى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بىڭتۇەن 6 - شى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى دېھقانچىلىق مەيدانى 2 - ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ جيەنگو ئۆزىنىڭ ئېتىزىغا قاراپ خۇشال بولغان ھالدا.

2017 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى باشلىدى، تۇەن - مەيدانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى مۇھىمنىڭ مۇھىمىغا ئايلاندى.

ئىسلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەقىقىي تۈردە بازار ئىگىلىكىنىڭ سۇبيېكتىغا ئايلاندى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقى مىسلىسىز يۇقىرى بولدى، ئۇلار بەس - بەستە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىپ بازارنى ئورتاق ئاچتى؛ ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ى ليەندۈيلەردە دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، بارلىق ئىشلار بىردەك «تۆتنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» ئارقىلىق قارار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلاندى.

بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىڭتۇەن مىسلىسىز تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بەردى.

9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، شىخەنزە شەھىرى بېيچۈەن بازىرى جۇجياجۇاڭ 7 - ليەنىدە، خىزمەتچى جوۋ جۈنچاۋ تېرىغان 131 مو كېۋەزلىكتە، ئىككى چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغىۋاتاتتى. «بۇ يىل مو بېشى ھوسۇلى 440 كىلوگىرامدىن 450 كىلوگىرامغىچە بولۇشى، مو بېشى ھوسۇل قىممىتى 4000 يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن» دېدى جوۋ جۈنچاۋ خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالمىغان ھالدا.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشتىن - ئاخىر بىڭتۇەن خىزمىتىنى پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. بەش يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن زامانىۋىلاشقان، ماشىنىلاشقان، كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىقنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى تېز سۈرئەت بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئىقتىساد كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتتى.

يۇغۇرما تەرەققىيات ئارقىلىق ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلدى

ئۇزاقتىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، كادىرلار - ئىختىساسلىقلار، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر نىيەتتە قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، يۇغۇرما تەرەققىيات ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى.

9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، بىڭتۇەن 5 - شى 88 - تۇەنى بىلەن ئارشاڭ ناھىيەسى ئورتاق قۇرغان «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرۇلۇش كوچىسى»دا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك سودىگەر ليۇ خۇڭمېي ئاشپەز ئابدۇجاپپار مىجىتنىڭ مائاشىنى قولىغا تۇتقۇزدى. «بۇ ئايدا سودا ياخشى بولدى، سىزنى مۇكاپاتلاپ 1000 يۈەن پۇلنى ئارتۇق تارقاتتىم، بىز غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ تىرىشىپ ئىشلەيلى» دېدى ليۇ خۇڭمېي.

2019 - يىلى، 88 - تۇەننىڭ خىزمەتچىسى ليۇ خۇڭمېي «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرۇلۇش كوچىسى»دا بىر پولۇخانا ئاچتى، ھەم ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى ئابدۇجاپپارنى پولۇخانىغا ئاشپەزلىككە تەكلىپ قىلدى. ئابدۇجاپپار تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئاشپەزلىك ھۈنىرىدە ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدى، ھەر ئايلىق مائاشى دەسلەپكى 3000 يۈەندىن ھازىرقى 5000 يۈەنگە ئۆستى.

88 - تۇەن بىلەن ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ كەنتلىرى بىر - بىرىگە يانداش، ئېتىز - ئېرىقلىرى تۇتاش ئىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، تۇەن - مەيداندىكى خىزمەتچىلەر بىلەن ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىش بولسا مەسلىھەتلىشىپ، ئادەتتە كۆپ بېرىش - كېلىش قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ تەسىرلىك مېلودىيەسىنى پۈتۈپ چىقتى.

بەش يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى باشتىن - ئاخىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ ئويلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، رايون تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پىلانلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەتراپتىكى تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىپ، يېتەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردى.

يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا، ھەممە يەردە يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. تۇمشۇق شەھىرى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە» رېلىسلىق قاتناش تۈر قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشتى، قاتناش باشلانغان ۋە ياسىلىۋاتقان تاشيول مۇساپىسى 465 كىلومېتىرغا يېتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى 700 مىڭغا يېقىن ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى؛ شىخەنزە شەھىرى بىلەن ماناس ناھىيەسى بىرلىكتە 490 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ماناس دەرياسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، ئىككى جاينى تۇتاشتۇرىدىغان شىخەنزە - ماناس چوڭ كۆۋرۈكىنى تۇتاشتۇردى...

بۈگۈنكى كۈندە، ئارال شەھىرى، تۇمشۇق شەھىرى، قۇرۇمقاش شەھىرى قاتارلىق ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يېڭى شەھەرلىرى خۇددى نۇرلۇق مەرۋايىتتەك جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا جۇلالاندى.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىڭتۇەنلىكلەر باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.