تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش

​− نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خوۋ شۆجىڭ، جوۋ يۈەن، ياڭ جىڭ

1000 يىللىق ئارزۇ بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئاشتى.

2012 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلغاندىن 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىدى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان يەنە بىر جاھان مۆجىزىسى يارىتىلدى!

2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ كۈرىشى «يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇش، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش، دەل جايىدا، ئەمەلىي بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق»تەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى تاۋلىدى، شەكىللەندۈردى دەپ كۆرسەتتى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرلەر ئۈستىدىن قەتئىي غالىب كېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى.

يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش

− ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ

ھاياتى ئارقىلىق بۇرچىنى ئورتاق ئادا قىلىش − بۇ بىر ئىس - تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى، بۇ بىر مەيدان مىسلىسىز مۈشكۈل جەڭ، بۇ بىر مەيدان جەزمەن غەلىبە قىلىشقا تېگىشلىك جەڭ!

2016 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى چىڭلۇڭ ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش 1000 كادىر ياردەم بېرىش - يۆلەش بويىچە ھۆددىگە ئېلىش قەسەمياد يىغىنىدا، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئوڭ مۇشتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق قەسەم بەردى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، مەن پارتىيە ئەزاسى، ماڭا توغرىلىنىڭلار!»

بۇ چاغدا، رەئىس سەھنىسىدە يېتەكلەپ قەسەم بەرگەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جياڭ شىكۇن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى چېكىگە كېلىپ قالغانىدى. بىر يېرىم ئايدىن كېيىن، ئىلگىرى «پەقەت چىڭلۇڭلۇقتىن يەنە بىر ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان بولسىلا، مەن بۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئارام ئالسام بولمايدۇ» دەپ قەسەم بەرگەن بۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ھاياتلىق ئوتىنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىپ، بۇ مۇنبەت تۇپراقتا يىقىلدى.

سەككىز يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىشى پەقەت بىر تەنتەنىلىك ۋەدە − «بىرمۇ نامرات رايون، بىرمۇ نامرات ئاممىنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ!» ئۈچۈن ئىدى.

تارىخ بۇ بىر مەيدان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ كۈرىشىنىڭ مۇھىم پەيتىگە گۇۋاھ بولدى −

2017 - يىلى 2 - ئايدا، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭگاڭشەن شەھىرى مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپاقنى ئېلىۋەتكەنلىكىنى رەسمىي جاكارلاپ، دۆلىتىمىزدە نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپىقىنى ئېلىۋەتكەن نامرات ناھىيە بولۇپ قالدى.

«1000 چاقىرىم يول يۈرۈپ بۇرۇن تۇرغان جاينى ئىزدىسەك، كونا قىياپەت يېڭىلانغانىدى» − بۇ شېنشەن كەنتى، ئىلگىرىكى جىڭگاڭشەندىكى ئەڭ چەت، يىراق نامرات كەنتلەرنىڭ بىرى بولغان بۇ كەنت بۈگۈنكى كۈندە توردا جەزمەن بارىدىغان يېزا - كەنت ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. پۈتۈن كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھىدىن 16سى ئېچىلدى، %80 كەنت ئاھالىسى يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللاندى، كىشى بېشى يىللىق كىرىمى تۆت يىل ئىلگىرىكى 3000 يۈەنگە يەتمەسلىكتىن 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى ئاساسەن يوقلۇقتىن كۆپىيىپ 500 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى.

جىڭگاڭشەندىكى شېنشەن كەنتى يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ جانلىق ئىخچام كارتىنىسى.

2018 - يىلى 3 - ئايدا، «تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە، قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق كېرەك» دېگەن قەسىمى بىلەن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بەيسې شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ياش كادىرى خۇاڭ ۋېنشيۇ لېيې ناھىيەسىنىڭ شىنخۇا بازىرى بەينى كەنتىگە كېلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىلىقنى ئۈستىگە ئالدى.

كەنتتە تۇرغان ئىككى ئايدا، ئۇ پۈتۈن كەنتتىكى بارلىق نامرات ئائىلىلەرگە بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش كۈندىلىك خاتىرىسىگە تەپسىلىي «خەلق ئەھۋالى خەرىتىسى»نى سىزدى. كەنتتە تۇرغان بىر يىلدا، ئۇنىڭ باسقان مۇساپىسى تەخمىنەن 25 مىڭ كىلومېتىر بولدى؛ قىسقىغىنا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، بەينى كەنتىدىكى 88 ئائىلىدىكى جەمئىي 418 كىشىنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. 2019 - يىلى 6 - ئايدا، كەلكۈنگە ئۇچراش سەۋەبىدىن خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، 30 ياشلىق خۇاڭ ۋېنشيۇ ئەڭ گۈزەل ياشلىق باھارى، ھاياتى ئارقىلىق «قەلبىدىكى ئۇزۇن سەپەر»نىڭ مەردانە دەۋر سەھىپىسىنى پۈتتى.

2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئالدىدا، گۇيجوۋ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى خۇيچۇەن رايونىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرى يۈ يۇڭليۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا يىقىلدى. «ئورنۇم يۇقىرى بولمىسىمۇ، دۆلەتنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماي تۇرالمايمەن ...» ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا قىزىغا يازغان خېتى مىليونلىغان تورداشلارنى ياش تۆككۈزدى.

ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن. بۇ مەيدان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە 1800دىن ئارتۇق يولداش قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان 3 مىليوندىن ئارتۇق 1 - شۇجى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر ھەمدە كەڭ يېزا - كەنت كادىرلىرى نامرات رايونلارنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ئوتىنى تۇتاشتۇردى.

خېبېيدىكى فۇپىڭنىڭ لوتوۋەن كەنتىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى نامرات ئامما «قول قوۋۇشتۇرۇپ» ساقلاپ تۇرۇشتىن «قولنى كەينىگە قىلىپ» قاراپ تۇرۇشقا، ئەڭ ئاخىرىدا «قولىنى سىلكىۋېتىپ» ئىشلەشكە ئۆزگەردى. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدا نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ قان - تەرى بەدىلىگە كەلگەن ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى بار ئىدى.

دەل جايىدا، ئەمەلىي بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش

− دىققەتنى «تۆت چوڭ مەسىلە»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قىممىتى دەل جايىدا بولۇشتا.

يۈننەن، گۇيجوۋ، سىچۇەن تۇتىشىدىغان جايدا، بىر «خوراز چىللىسا ئۈچ ئۆلكىگە تەڭ ئاڭلىنىدىغان كەنت» بار. كەنتتىكى تۇڭخۇ يولى يول ئېغىزىدا «كوممۇنىستىك پارتىيەگە رەھمەت» دەپ خەت ئويۇلغان بىر تاش ئابىدە تىكلەنگەن. بۇنى كەنت ئاھالىسى شېن جاۋشى تىكلىگەن.

تۆت يىل ئىلگىرى ھۆكۈمەت بۇ كەنتنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردى، ئىككى يىل ئىلگىرى تۇڭخۇ يولى يەنە ئىشىك ئالدىغىچە ياسالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شېن جاۋشىنىڭ مېيىپ خوتۇنى ئۆزى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقالايدىغان بولدى، ئۇ ئۆزى سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلەيدىغان بولدى، ئۆيىدە قېلىپ خوتۇنىغا قارايدىغان، جاپا چېكىدىغان، نامراتلىقتا قالغان تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى.

قىسقىغىنا تۇڭخۇ يولى بىر ئەمگەك كۈچىنىڭ يېڭىباشتىن جەمئىيەتكە قايتىشىغا تۈرتكە بولدى، شۇنداقلا بىر ئائىلىنى قۇتقۇزدى.

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە بىرمۇ ئادەمنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلدى؟

بۇ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئادەمگىچە دەل جايىدا بولۇش بولۇپ، «كىمگە ياردەم بېرىش - يۆلەش كېرەكلىكى» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى − سەككىز يىلدا، 20 مىليونغا يېقىن ئادەم قېتىم كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، نامرات ئاھالىلەرنى جانلىق باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر توپلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

بۇ، دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان دەل جايىدا تەشكىللەش بولۇپ، «كىم ياردەم بېرىش كېرەكلىكى» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى − 250 مىڭدىن ئارتۇق كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردىن ئەۋەتىلگەن 3 مىليوندىن ئارتۇق كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر ھەممە ئائىلىگە مەسئۇل كىشى بولۇش، ھەممە كەنتتە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش ئەترىتى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش بولۇپ، «قانداق ياردەم بېرىش كېرەكلىكى» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى − ئوخشاش بولمىغان نامراتلىشىش سەۋەبىگە ئاساسەن، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش» «بەش بىر تۈركۈم» يولغا قويۇلۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈلدى، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىلدى.

بۇ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىلمىي، دەل جايىدا باھالاش بولۇپ، «قانداق چېكىندۈرۈش» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى − «ۋاقىت جەدۋىلى» ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئۈچىنچى تەرەپ كىرگۈزۈلۈپ، دىققەت ئىچكى كۈچ ۋە تەرەققىيات كۈچىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈش، باھالاش سىستېمىسى ئىجادىي بەرپا قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

شۇنداق قىلىپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «تۆت چوڭ مەسىلە» − «كىمگە ياردەم بېرىش - يۆلەش» «كىم ياردەم بېرىش» «قانداق ياردەم بېرىش» « قانداق چېكىندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بايلىقى دەل جايىدا «تېمىتىپ سۇغىرىش» شەكلىدە ھەربىر ئائىلىگە يەتكۈزۈلدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئىنتايىن مۈشكۈل بولۇپ، ئاخىرقى يىلدا ئۇ يەنە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئەڭ ئاخىرقى «قازان تېگىدىكى كىشىلەر توپى»نى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدۇرۇش ئۈچۈن، بارلىق نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان يۇقۇمنىڭ زەربىسىنىڭ غايەت زور بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ھەربىر قىيىن ئۆتكەلدە تەر ئاققۇزدى ... بىر قاتار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى يېڭى تەدبىرلىرى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى:

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى مەخسۇس رايون تەسىس قىلىپ، خۇبېي رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش - يۆلەش قىزغىنلىقى ئاشتى؛

ھاكىم بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە «توردا مال تونۇشتۇردى»، دېھقانلار «توردا ئالقىشلانغان» شەخسكە ئايلاندى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى رەقەملىك تەمىنلەش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇردى ... نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، نامراتلارنى يۆلەش كەسپىدە قىزغىنلىق بىلەن ئىش ئەسلىگە كەلدى؛

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قاراپ يولغا چىققان «ئىشلىگۈچىلەرنى توشۇش ھۆددە ئايروپىلانى» «ئىشلىگۈچىلەرنى توشۇش مەخسۇس پويىزى» «ئىشلىگۈچىلەرنى توشۇش ھۆددە ئاپتوموبىلى» نامرات ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى؛

...

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق

− يېڭى مۇساپىدە يېڭى شانلىق سەھىپىلەرنى داۋاملىق پۈتۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى ئۇرغۇتتى، ئەۋج ئالدۇردى.

يۈننەندىكى خۇاپىڭ ناھىيەسى جىنشاجياڭ دەرياسى بويىدىكى خىلۋەت كىچىك شەھەر. خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر بۆلەك قەسەم سۆزىدىن تەسىرلىنىدۇ −

«مەن تۇغۇلۇشىمدىنلا تاغ جىلغىسىدىكى ئېقىن بولماستىن بەلكى ئېگىز تاغ، مەن تاغ چوققىلىرىدا تۇرۇپ ئاددىي جىلغىلارغا ئېگىزدىن نەزەر سېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا ئاددىي ئادەم ئەمەس، بەلكى مەشھۇر شەخس، مەن ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ يەلكىسىدە ئۆرە تۇرۇپ پەسكەش قورقۇنچاقلارنى كۆزگە ئىلمايمەن!»

بۇ قەسەمنى يازغان خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى جاڭ گۇيمېي قاتتىق مەنىدىكى «نامراتلارنى يۆلەش كادىرى» ئەمەس. 64 ياشلىق بۇ مەكتەپ مۇدىرى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، مائارىپنىڭ بىرىنچى سېپىدە 40 نەچچە يىل ئىشلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياردىمىدە، نامرات قىز ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز قوبۇل قىلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇشقا تۈرتكە بولغان، ھازىرغىچە 1800دىن ئارتۇق قىزنىڭ ئىمتىھان بېرىپ داشۆگە قوبۇل قىلىنىپ تاغلىق رايوندىن چىقىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتى ۋە ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن.

ئىس - تۈتەكسىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا، ھەممە يەردە «قورغاننى ئالمىغۇچە قايتماسلىق»تەك كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

«پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىسى»، چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيەسى جۇشيەن يېزىسى شياجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ماۋ شياڭلىن ئەۋلادمۇئەۋلاد تاغدا بېكىنمە ھالەتتە ياشاشتەك تەقدىرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تىك قىيادا تاغدىن چىقىش يولى ئاچتى؛ نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، ئۇ 15 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ قوغۇن - تاۋۇز تېرىپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى.

«تاغنى بىر گەز - بىر گەزدىن قازىمىز، يولنى ئون گەز - ئون گەزدىن ياسايمىز، بىز بۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئون يىل نامرات ياشاپ، ئون يىل جاپالىق ئىشلىسەكمۇ، چوقۇم كېيىنكى ئەۋلادلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمىز.» ئىلگىرىكى ۋەدە بۈگۈنكى كۈندە ئىشقا ئاشتى: شياجۇاڭ كەنتىنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 1997 - يىلىدىكى پەقەت 300 يۈەن بولۇشتىن ئېشىپ 2020 - يىلىغا كەلگەندە 13 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا پۇختا چوڭ قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپە، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان «جۇشقۇن روھ»قا تېخىمۇ موھتاج.

«بىز ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىمىز.» گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ خۇاچى ناھىيەسى چياۋچۇەن يېزىسى تيېجياۋچېڭ كەنتىدىكى 1 - شۇجى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ جيەنخۇڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا بولغان ئىشەنچىسى تولۇپ تاشتى.

بۇ يىل 6 - ئايدا، بىر نۆۋەت كەنتتە تۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىشلىگەن غەربىي جەنۇب تېببىي داشۆسىنىڭ دوتسېنتى شيا جىيى يەنە بىر قېتىم دالياڭ تېغىدىكى جاۋجۆ ناھىيەسىگە كەلدى. ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايدا قالقانگۈل ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، 600گە يېقىن نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

«كەلگۈسىدە، بىز يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جەڭ مەيدانىدا، داۋاملىق ئۆزىمىزنىڭ كەسپىي بىلىملىرى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرگە مۇلازىمەت قىلىمىز» دېدى شيا جىيى.

ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغ روھنى يارىتىدۇ، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. يول ئۇزۇن، روھ مەڭگۈلۈك، ئەسلىي مەقسەت مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھى جۇڭگو خەلقىنىڭ تولىمۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇدا كۈرەش قىلىشقا مەڭگۈ رىغبەتلەندۈرىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.