تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​مەھەللە - كوچىلارنى ئارىلاپ ئاممىنىڭ ھالىغا يەتكەن «گۈلى شۇجى»

رىزۋانگۈل ساۋۇت:

​مەھەللە - كوچىلارنى ئارىلاپ ئاممىنىڭ ھالىغا يەتكەن «گۈلى شۇجى»

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا

«ھاۋا سوۋۇپ قالدى، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پارنىڭ ئىسسىغان - ئىسسىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش؛ ئاھالىلەر ئىنكاس قىلغان ئۆگزىدىن سۇ ئۆتۈش مەسىلىسىگە قارىتا رېمونت ئىشچىسىنىڭ بارغان - بارمىغانلىقىنى بىلىش... » ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسىدىكى رىزۋانگۈل ساۋۇت ھەر كۈنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشى ئۈچۈن پايپېتەك بولاتتى، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى سەمىمىيلىك بىلەن غەمدىن خالاس قىلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان «گۈلى شۇجى» دەپ ئاتىدى.

2003 - يىلى، داشۆنى پۈتكۈزگەن رىزۋانگۈل ساۋۇت ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ تۇدۇڭخابا كوچا باشقارمىسىغا كېلىپ خىزمەتكە چۈشتى، ئۇ باشتىن - ئاخىر «ئاھالىلەرنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش»نى تىرىشىش نىشانى قىلدى. بۇ يىل، ئۇ «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

2008 - يىلى 11 - ئايدا، رىزۋانگۈل ساۋۇت كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. بۇ مەھەللە كونا مەھەللە بولۇپ، مۇھىتى ناچار، يوللىرى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان رېمونتسىز قالغاچقا، ئاھالىلەرنىڭ پىكرى كۆپ ئىدى، رىزۋانگۈل ساۋۇت پارتىيە ياچېيكىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، بەنزە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، چىن قەلب بىلەن ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى قارار قىلدى.

رىزۋانگۈل ساۋۇت ئۇدا بىر ھەپتە ئىشخانىسىدا يېتىپ - قوپۇپ ئىشلەپ، كۈندۈزى ئۆيمۇئۆي زىيارەت قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىلتىماس تەلىپىنى ئىگىلىدى، كەچتە بەنزە ئەزالىرى بىلەن بىللە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، مەنبەنى تەھلىل قىلدى. تەھلىل قىلىش ئارقىلىق كۆپچىلىك، مەھەللە «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئەمەس، خىزمەت ئاكتىپلىقى يۇقىرى ئەمەس، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىغان دەپ قارىدى. مەسىلە تېپىپ چىقىلدى، مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ى دەرھال مەسىلە تىزىملىكى ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزدى. «ھەممە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر كۈنى ئۆزىمىزنىڭ نېمە قىلىش كېرەكلىكىمىزنى بىلدۇق، كۆپچىلىكنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى» دېدى مەھەللە خىزمەتچىسى گاۋ چېن.

رىزۋانگۈل ساۋۇت يەنە «تۈزۈم ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇش، ئىش باشقۇرۇش» تەپەككۇر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۇلتۇز دەرىجىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق ئون تۈرلۈك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۈزۈم ئارقىلىق چەكلەش+كۆڭۈل قويۇپ ياردەم بېرىش - يېتەكلەش» شەكلىنى قوللىنىپ، ياش مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئاھالىلەرنىڭ مەھەللە خىزمىتىدىن رازى بولماسلىق مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ رىزۋانگۈل ساۋۇت پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ۋە ئاھالىلەر يىغىنىدا مۇنداق ۋەدە بەردى: مەھەللە ئېلان تاختىسىدا ئاھالىلەر ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئىش تۈرلىرى ئاشكارىلىنىدۇ، ئاھالىلەر نازارەت قىلىڭلار. ئۇ يەنە بەنزە ئەزالىرىنى باشلاپ ئاھالىلەرنىڭ يەر ئاستى ئۆيلىرىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ بەردى، يەر يۈزىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ رېمونت قىلدى، ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى... ئاستا - ئاستا، مەھەللە خىزمىتى ئاھالىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

رىزۋانگۈل ساۋۇت 24 سائەت ئاھالىلىلەرگە قولاي قىزىق لىنىيە تېلېفونى تەسىس قىلىپ، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق 20 ئىش ئورنىنى تەسىس قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

75 - بىنا ئالدىدىكى گۈللۈك كېسەك يول ئوڭغۇل - دوڭغۇل، 65 - بىنانىڭ ئارقىسىدىكى بىر دۆڭلۈك ئەخلەت مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى... پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، رىزۋانگۈل ساۋۇت بەنزە ئەزالىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مەھەللە مەبلەغ چىقىرىپ كۈچ تەشكىللەپ رىمونت قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ خىزمەتچى خادىملارنى باشلاپ يول يۈزىنى رېمونت قىلدى، دۆڭلۈكنى تۈزلەپ ئاپتوموبىل توختىتىش لاپىسى قىلىپ ئۆزگەرتتى، يېقىن ئەتراپتىكى ئامما بەس - بەستە قاتنىشىپ، بىرلىكتە قول سېلىپ ئىشلەپ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلىدى.

ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خادىملارغا ۋە مېخانىزم كاپالىتىگە موھتاج. رىزۋانگۈل ساۋۇت مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىن ئۈچنى تەشكىللىدى، كىمنىڭ ئۆيىدىكى ياشانغانلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولسا، قايسى ئاھالە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئېھتىياجلىق بولسا، مەخسۇس خادىم ئۇنى خاتىرىلەپ، ھەممىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، ھەممىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

19 يىلدىن بۇيان، رىزۋانگۈل ساۋۇت تونۇش كوچا - يوللارنى ئارىلاپ، ئاھالىلەر بىلەن بارغانسېرى چىڭ رىشتە باغلىدى. ئۇ يەنە ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئەتراپىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ھېكايىلەرنى تەشۋىق قىلدى. ئۇنىڭ يېتەكلىشىدە، مەھەللە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «ياخشى بىنا» «ياخشى تىجارەتچى» قاتارلىق ئاممىۋى خاراكتېرلىك باھالاش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.

ياشىنىپ قالغان يىن جۇشياڭنىڭ پەرزەنتى يوق بولۇپ، ئېغىر رېماتىزم كېسىلى بار ئىدى. يەتتە يىل ئىلگىرى تونۇشقاندىن باشلاپ، رىزۋانگۈل ساۋۇت دائىم ئۇنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سوراپ، ئۇنىڭغا ئىللىقلىق ۋە تۇغقاندارچىلىق مېھرىنى ھېس قىلدۇردى. بۇ يىل «1 - ماي» بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى يىن جۇشياڭ رىزۋانگۈل ساۋۇتقا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ: «رەھمەت سىڭلىم، ماڭا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردىڭىز» دېدى. رىزۋانگۈل ساۋۇت بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ، چىرايى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى.

دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قىيىنچىلىقى بار ئامما بىلەن سىردىشىش، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنى يوقلاش... رىزۋانگۈل ساۋۇت ئۆزىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدىكى تەسىراتلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «مەھەللە خىزمەتچىلىرى كۆڭلىگە ئاممىنى پۈكۈپ، ئۇششاق - چۈششەك كىچىك ئىشلارنىمۇ ئاھالىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىشى كېرەك» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.