□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نەزەر سالساق، بۇ مەڭگۈلۈك يۇلتۇزلار ئالىمىدە «چيەن شۆسېن يۇلتۇزى» «چېن جىنرۇن يۇلتۇزى» «يۈەن لۇڭپىڭ يۇلتۇزى» «تۇ يوۋيوۋ يۇلتۇزى»... زامان - ماكاندىن ھالقىپ، پارلاق يۇلتۇزلار توپىنى مۇجەسسەملەپ، ئالىملار روھىنى پۈتۈن يەر شارىدا نۇرلاندۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنى ئىلمىي ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، باتۇرلۇق بىلەن ئىلىم - پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە.
پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلار مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلىم - پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەنىۋى تىرەكتىن ئايرىلالمايدۇ. ئالىملار روھى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئۇزاق مەزگىللىك ئىلمىي ئەمەلىيەت داۋامىدا جۇغلىغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. «ئىلىم - پەنگە يۈرۈش قىلىش» چاقىرىقى چىقىرىلغاندىن باشلاپ «ئىلىم - پەننىڭ باھارى»نى كۈتۈۋېلىشقىچە، يەنە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويۇشقىچە، پارتىيەمىز ھەربىر تارىخىي مەزگىلدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمدە ئالىملار روھىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئالىملار روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ روشەن سىياسىي پەزىلىتىنى نامايان قىلدى.
ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش، باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىشتەك يېڭىلىق يارىتىش روھى، ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، ئىلىم تەھسىل قىلىشتا ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان بولۇشتەك ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى، نام - مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىك، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشتەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشتەك ماسلىشىش روھى، ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ باشقىلارغا ياردەم بېرىش، كېيىنكىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەشتەك ئادەم تەربىيەلەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى كىشىلىك ھايات ئىنتىلىشىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا سىڭدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشتا، ۋەتەننى سۆيۈش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاشنى مەنىۋى ئۇل ۋە ئاساسىي رەڭ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى مەنىۋى ئىچكى يادرو ۋە تۈرتكە قىلىپ، ھەمكارلىشىش ۋە ئادەم تەربىيەلەشنى روھنى مۇجەسسەملەش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىشى، ئۆزىنى كۈچەيتىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنى ئۇزاققىچە مول يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئالىملار ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ، جۇشقۇن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن سادىق قەلبىنى بېغىشلىدى؛ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئالىملار دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇش ۋە باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشتەك قىممەتلىك پەزىلىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «شەرەپ بىلەن مەغلۇپ بولۇشقا رازى بولدىكى، ئاددىي مۇۋەپپەقىيەتنى قوغلاشماي»، ئىلىم - پەن ئېگىزلىكىنى تالىشىپ ئىگىلەپ، تۈرلۈك پەن - تېخنىكىلاردا مۇھىم، زور بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئالىملار ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، ئىلىم - پەننى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم - پەننى ھۆرمەتلەيدىغان روھنى بۈيۈك جۇڭگو زېمىنىدا ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. ئۇلار ئالىملار روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەر ۋە ئەۋج ئالدۇرغۇچىلار بولۇپ، يۈكسەك مەنزىل ئارقىلىق «مەنىۋى ماياك» قۇرۇپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن ئىلىم - پەنگە يۈرۈش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەنزىرىسى چەكسىز ئىلىم - پەننىڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىقىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.
70 نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىدا، ئوخشاشلا بىر تۈركۈم ئۆكۈنمەي ئۈن - تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان ھەر مىللەت پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جۇشقۇن ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاياغ ئىزلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى قاپلاپ، خۇددى توغراقتەك چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سۇچىلىق مۇتەخەسسىسى ۋاڭ ۋېي، قوغۇن - تاۋۇز سورتى يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى ۋۇ مىڭجۇ، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي سورتى يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى ليۇ شوۋرېن، قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى ليۇ مىڭتىڭلار بار... ئۇلار ئەقىل - پاراسىتى ۋە سەمىمىي ساداقىتى بىلەن، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى، ھەتتا ھاياتىنى بېغىشلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئالىملار روھىنىڭ ئۆچمەس ئابىدىسىنى تىكلىدى.
دەل ئەۋلادمۇئەۋلاد ئالىملار «سوغۇق ئورۇندۇق»تا ئولتۇرۇشقا رازى بولغاچقا، «ئادەمسىز رايون»غا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرگەچكە، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەچكە، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىزدەنگەچكە، بىز ئاندىن «شېنجوۋ»نىڭ يۇلتۇزلار ئالىمىدە سەيلى قىلىشىنى، «جياۋلۇڭ»نىڭ دېڭىزغا چۆكۈپ سىرلارنى ئىزدىشىنى، «تيەنيەن»نىڭ ئالەمگە يىراقتىن نەزەر سېلىشىنى كۈتۈۋالدۇق... بۇ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر دۇنيانى قايىل قىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو خەلقىنى روھلاندۇرۇپ قەددىنى كۆتۈردى. دەل ئالىملار ئۇدا كۈرەش قىلىپ، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرگەچكە، ئاندىن بىزنى «2030 - يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنى يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرگۈزۈش، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بولغاندا دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» گۈزەل مەنزىلىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا نىسبەتەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.
ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى، ئىسسىق قېنى ۋە ئەقىل - پاراسىتى بىلەن تۆھپە قوشۇپ، ئالىملار روھىنىڭ نۇرى ئارقىلىق بىزنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىمىزنى يورۇتىدۇ.