تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا ]كىچىك نان چوڭ خەلق تۇرمۇشىغا تىرەك بولدى

​شىنجاڭ نېنىدىكى ئۆزگىرىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەرلەر (2)

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نانچىلىق كەسپى خاس يېمەكلىكتىن ئەۋزەل كەسىپكە ئايلىنىپ بىر مەيدان كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ كەسىپ تەدرىجىي يۇقىرى سۈپەتكە يۈزلىنىش بىلەن بىللە، بارغانسېرى كۆپ ئامما نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات جەريانىغا قاتنىشىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىلىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بىر پارچە كىچىك نان تەدرىجىي چوڭ كەسىپكە ئايلاندى، شۇنداقلا چوڭ خەلق تۇرمۇشىغا تىرەك بولدى.

كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسى تومئېرىق كەنتى شۇ جايدىكى نامى بار نان ياقىدىغان كەنت. بۇ جايدا ئەنئەنىۋى نانچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت جانلىق ئەمەلىيەتنى كۆرگىلى بولىدۇ.

كەلپىن ناھىيەسىدىكى چەپتى نان (نېپىز نان) يېقىش ھۈنىرىنىڭ ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەنت ئاھالىسى غۇلام مۇتەللىپ نان يېقىش ھۈنىرىنى پىششىق ئىگىلىگەنىدى. ھالبۇكى، سانائەتلىشىشنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى قايتا بەرپا قىلىشى ئۇنىڭ نانغا بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.

«ئىلگىرى خوتۇنۇم ئىككىمىز ئۆيىمىزدىكى كىچىك تونۇردىن نېرى كېتەلمەي، ھېرىپ - چارچاپ بىر كۈندە ئاران 150 نان يېقىپ، بىر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇقراق كىرىم قىلاتتۇق.» غۇلام مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە مەن ھەر كۈنى 700گە يېقىن چەپتى نان يېقىپ، ئايدا 8000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن.

غايەت زور ئۆزگىرىش كۆلەملەشكەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدىن بولدى. بۇ ئىككى يىلدا، تومئېرىق كەنتى نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، نانچىلىق كەسىپ باغچىسى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى نان يېقىش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئاقما مەشغۇلات قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نان ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، يەنە 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

نانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، نانچىلىق كەسپىدە 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنى ئاساس قىلىپ، خام ئەشيا بازىسى قۇرۇلۇشى، قېلىپقا سېلىپ پىششىقلاش، يېمەكلىكلەرنى ئوراش - قاچىلاش قاتارلىق بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نانچىلىق كەسپى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىي قىلىش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى. ھەرقايسى جايلار كەسىپلەر باغچىسى+ساياھەت+ھېس قىلىش، «يەرلىك خاس ساراي» قۇرۇش، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى+يەككە تىجارەتچى» تەشكىللەپ قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كۆپ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئىزدىنىپ يارىتىپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ يېتەرلىك ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى. شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئادىلجان نىياز مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كارخانىمىز جەمئىي 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ناننى ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، كەلپىن ناھىيەسىدىكى يەرلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كەلپىننىڭ نانچىلىق كەسپىي بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

«نۆۋەتتە كارخانىمىز كۈنىگە 50 مىڭدىن ئارتۇق نان ئىشلەپچىقىرىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 50 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ.» ئادىلجان مۇنداق دېدى: كارخانىمىز «كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، يېشىل، ئورگانىك ئاشلىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، ھەر يىلى زاكاز قىلىپ 6000 توننىدىن ئارتۇق يېشىل، ئورگانىك بۇغداي سېتىۋېلىش ئارقىلىق، 2600دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىگە بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇردى، نانچىلىق كەسپىنىڭ ياخشى تەرەققىياتى شۇ جاينىڭ بۇغداي بايلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئېچىپ ۋە ئايلاندۇرۇپ، خام ئەشيا ئەۋزەللىكىدىن مەھسۇلات ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

نانچىلىق كەسپى تەرەققىياتىنىڭ تەدرىجىي ھالدا تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، كەسىپلەر باغچە رايونى، كارخانا، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يەككە سودا - سانائەتچىلەر قاتارلىق كۆپ مەنبەلەشكەن بازار سۇبيېكتلىرى نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال ئاتلاندى، نانچىلىق كەسپىنىڭ كۆلىمى كىچىكلىكتىن زورايدى، ئىلگىرىكى يول بويىدىكى كىچىك تونۇرلار خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە نانچىلىق كەسىپ باغچىلىرىغا ئايلىنىپ، نان مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى، ساياھەتچىلەر سەيلە قىلىش، ھېس قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، «سانائەت+ساياھەت+مەدەنىيەت» ئەندىزىسى ئارقىلىق نان كەسپى باغچىسى بەرپا قىلىپ، «ئىشلەپچىقىرىش بازىسى+پىششىقلاش كارخانىسى+سودا - ساراي، تاللا بازارلىرىدا سېتىش» ئۆلچىمى بويىچە، كۆپ مەنبەلەشكەن، كۆپ قاتلاملىق ئاساسىي يېمەكلىك نانلىرى سانائەتلەشكەن كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، 50 كارخانىنى باغچە رايونىغا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، ھازىر 1700دىن ئارتۇق تونۇر بار، باغچە ئېچىلغاندىن بۇيان 1 مىليون 400 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كەڭ بازار بوشلۇقى ئېچىپ بەردى.

كەسىپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتى تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ئېلىپ كەلدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نانچىلىق كەسپى 130 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە نان يېقىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. نانچىلىق كەسپى ئۆزىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان خەلق تۇرمۇشى چوڭ كەسپىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.