تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا ]جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ياخشى تۇتۇلدى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ «شاھمات كۆزى» جانلاندۇرۇلدى

​− ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (5)

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ «شاھمات كۆزى»، «شاھمات كۆزى» جانلانسا پۈتۈن بىر تاختا شاھمات جانلىنىدۇ.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، جەنۇبىي شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولدى، ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولدى... ھەممىلا يەردە يېڭى ئىستىل، يېڭى قىياپەتنى كۆرگىلى، ھەممىلا يەردە مىننەتدارلىق قەلب سادالىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

ھەممىلا جايدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «نامرات» ۋە «ئارقىدا قالغان» قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى، ئۇ ئەمدى تەرەققىياتتىكى «چوڭقۇر ئويمان يەر» ۋە «يانچۇق تېگى» ئەمەس. تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان شەھەر - بازارلار، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى نامايان بولۇۋاتقان كەنتلەر يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى   خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى

«سۈپسۈزۈك تۇرۇبا سۈيى ھويلىمىز ۋە ئاشخانىمىزغا تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، مەن ھازىرغىچە يەنىلا پات - پات جۈمەكنى ئېچىپ بىر - ئىككى يۇتۇم ئىچىۋالىمەن. بۇ تاتلىق بەخت سۈيىنى ئىچىپ، ئاندىن ئىلگىرى ئىچكەن قىرتاق سۇنى ئويلىسام، مەن ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنىڭ ناھايىتى بەختلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن» دېدى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسى يىپەكچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھامۇت.

ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 400دىن ئارتۇقنى يولغا قويغان بولۇپ، بارلىق نامرات نوپۇسنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە، چەت، يىراق، ئېگىز، سوغۇق تاغلىق رايونغا جايلاشقان سۇ يەتكۈزۈلمىگەن 67 كەنتنىڭ ھەممىسىگە سۇ يەتكۈزۈلدى.

جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلەتتى. تارىم ئويمانلىقى تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى، ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بەرپا قىلىنىشى، ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى سۇ ئامبىرىنىڭ توسمىسىنىڭ چۈشۈرۈلۈپ سۇ قاچىلىنىشى، مارالبېشىدىن يەكەنگىچە بولغان 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا توك يەتكۈزۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى... بەش يىلدىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ پۈتۈشى جەنۇبىي شىنجاڭغا تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى قوشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى، كەنت دەرىجىلىك يەسلى، داۋالاش ئۆيى، پائالىيەت ئۆيى سالدى، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى يولغا قويدى، نامرات نوپۇسلارنى ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىدىكى جەزمەن سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدىغان كىشىلەر توپىغا كىرگۈزدى، «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك كۈتۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىشنى ئىشقا ئاشۇردى... خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇردى.

ئۆتكەلگە تەڭ ھۇجۇم قىلىندى   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جاۋاب قەغىزى ياخشى يېزىلدى

لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا بازىرىدىكى باشقا جايغا كۆچۈرۈش نۇقتىسى بولغان خېجيا يېڭى كەنتىدە، كۆچۈرۈلگەن ئاھالە نۇرمەمەت ئابلىز ئائىلىسىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى زور دەرىجىدە ئۆزگىرىپلا قالماي، كىرىمىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. 2019 - يىلى 6 - ئايدا، لوپ ناھىيەسى خېتيەنشيا كەپتەرچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر نەسىل يېتىشتۈرۈش مەيدانى ئىشىك ئالدىدىلا قۇرۇلدى، ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىدى، ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، شۇ يىلىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

بەش يىلدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى «100 مىڭ، 1 مىليون، 10 مىليون، 100 مىليون» دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك يېتەكچى كەسىپلەر توپىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلدى، نۇرمەمەتكە ئوخشاش بۇنداق مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان نامرات ئائىلىلەر ئوخشاش بولمىغان مەنپەئەتنى باغلاش شەكلى ئارقىلىق ئىنچىكىلەشكەن، كۆلەملەشكەن، كۆپ مەنبەلەشكەن، ماركىلاشقان زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا قاتنىشىپ، ھەم تېز سۈرئەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ھەم ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دىققەتنى ئېغىر نامراتلىقتىكى قىيىن نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلاردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىق يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلىشى، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشىگە ياردەم بەردى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكى، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان سىياسەت تىرىكى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەيدىغان خىزمەت مېخانىزمى، قۇدرەتلىك بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈچى بار بولدى، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە «دەل جايىدا يۆلەش، مەنبەدىن يۆلەش» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەيۋەتلىك جاۋاب قەغىزى يېزىلدى.

ئەلرايى مۇجەسسەملەندى   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلدى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، مەن مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىيازدىن ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمەن» دېدى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى 6 - يىللىق 1 - سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈلزىبا ئەلىجان.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشتى، ھەممە جايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى بارلىق كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى قەرەللىك يوقلاپ، تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى. تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى تېخىمۇ ئېجىل بولۇپ، قېرىنداشلىق مېھرى جەم بولغانسېرى قويۇقلاشتى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەربىر كەنتنىڭ ھەممىسىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بار، ئېغىر نامرات كەنتلەرگە يەنە 1 - شۇجى تاللاپ ئەۋەتىلدى. 1 - شۇجى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى چىن ھېسسىياتى بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئامما خىزمىتى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدىشىغا تۈرتكە بولدى.

بەش يىلدىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇردى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، دوستلۇقى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، مىڭلىغان تاغ - دەريالاردىن ھالقىغان نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى مەيدانغا كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.