تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭنىڭ «شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىنىڭ ئىنگلىزچە كىتابچىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەرجىمە قىلغان شى جىنپىڭنىڭ «شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىنىڭ ئىنگلىزچە كىتابچىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىر - تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

شى جىنپىڭنىڭ «شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىدە شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلغان شانلىق مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، خۇلاسىلەندى، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي ئىلھامى چوڭقۇر شەرھلەندى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىرادە ۋە قەتئىي غەيرەت تەنتەنىلىك جاكارلاندى. بۇ مۇھىم سۆزنىڭ ئىنگلىزچە كىتابچىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقى ئېلىپ بارغان جاپالىق كۈرەش، ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت، كۈتۈۋالغان مىللەتنى گۈللەندۈرۈش پارلاق ئىستىقبالىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.