تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە پائال يۈزلىنىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىنى خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

شى جىنپىڭ ياشانغانلار خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى​

ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە پائال يۈزلىنىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىنى خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك​

چۇڭياڭ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشانغانلارغا بايراملىق بەخت تىلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چۇڭياڭ بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ياشانغانلار خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشانغانلارنىڭ تېنىنىڭ ساغلام بولۇشى، ئۆمرىنىڭ ئۇزاق بولۇشى، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ياشانغانلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەپ، ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە پائال يۈزلىنىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ بولغان ياشانغانلار قارىشى، ساغلام بولغان ياشانغانلار كۆپىيىش ئىدىيەسىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش سالمىقى، سىياسەت بىلەن تەمىنلەش سالمىقى، مالىيە سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، ياشانغانلار خىزمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈچىنى سەپلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى، ساغلاملىق تىرىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، ياشانغانلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ياشانغانلارنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىنى خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.