تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىنى 34 يىل چىڭ ساقلىدى

تۇرغۇن ئۆمەر:

مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىنى 34 يىل چىڭ ساقلىدى

□ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

20 نەچچە يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم يارىلانغان چاغدىكى ئەھۋال تۇرغۇن ئۆمەرنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە...

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئاۋانگارت دەپ ئاتالغان تۇرغۇن ئۆمەر ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، خوتەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جېڭۋېي. ساقچى بولغان 34 يىلدىن بۇيان، تۇرغۇن ئۆمەر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنى كۆزلەپ، ۋەتەننى جان تىكىپ قوغداپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەككىز قېتىم يارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداش ئەقىدىسى ئىزچىل ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى.

بىر قېتىملىق زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىدە، تۇرغۇن ئۆمەر دېلونى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىشتا ناھايىتى زور رول ئوينىدى، بىراق ئۇ شۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە يارىلاندى. «ئۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ھەرىكەتكە قاتنىشىشىم، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم يارىلىنىشىم، لېكىن مەن ئازراقمۇ قورقمىدىم» دېدى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇرغۇن ئۆمەر كەسكىن ھالدا.

1987-يىلى تۇرغۇن ئۆمەر ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ ساقچى بولدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قاراقاش ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلدى. دەسلەپتە گۇما ناھىيەسىگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندا، زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلار ئۇنىڭ كېلىشى بار، قايتىشى يوق، دەپ جار سالغان بولسىمۇ، ئەمما تۇرغۇن ئۆمەر قىلچە قورقماي، خىزمەت پىكىر يولىنى تەڭشەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەننى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى ئالدىن ئىگىلەپ، مەيلى تاغقا چىقىپ زوراۋانلارنى قورشاپ تۇتۇشتا بولسۇن، ياكى ئەترەتنى باشلاپ نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىشتا بولسۇن، ئۇ ھەمىشە قان تۆكۈشتىن، ھەتتا جان تىكىپ ئېلىشىشتىن باش تارتمىدى.

2016-يىلى، جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن جېنىدىن تويغان زوراۋانلار ئالدىدا، تۇرغۇن ئۆمەر ۋە ئۇنىڭ سەپدىشى غەيرەت مامۇت پارتلىتىش ھۇجۇمىغا قارىماي، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن تېنى بىلەن سەپداشلىرىغا بىر قانلىق يول ئېچىپ بېرىپ، دېلونى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلدى. سەپدىشى غەيرەت مامۇت سەپداشلىرىنى قوغداش يولىدا ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

ئۈچ قېتىم شەخسلەر بويىچە 2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ، تۆت قېتىم شەخسلەر بويىچە 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسى» «مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچى» «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2-دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دېگەن ناملارغا ئېرىشتى... نۇرغۇن شان-شەرەپلەر تۇرغۇن ئۆمەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلاپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماسلىقتەك قەتئىي ئېتىقادىغا گۇۋاھ بولدى.

«ساقچى فورمىسىنى كىيگەن ئىكەنمەن، مەن بۇ مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىشىم كېرەك.» ساقچى بولغاندىن بۇيان، تۇرغۇن ئۆمەر مۇشۇنداق ئېتىقادتا چىڭ تۇردى. قاراقاش ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقلىقىدىن جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىقىغىچە، ھەر قېتىم مۇھىم دېلو ۋە مۇھىم ھەرىكەتلەرگە دۇچ كەلگەندە، تۇرغۇن ئۆمەر خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشتى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نۇرغۇن مۇھىم، زور دېلولارنى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىشقا قاتنىشىپ، رەھبەرلىك قىلىپ، نۇرغۇن زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنى يوقىتىپ، قان بىلەن ئوت، ھايات-مامات سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى.

«سىلەرگە قارىغاندا مېنىڭ تەجرىبەم مول، مەن بىر تەرەپ قىلاي.» بىر قېتىم، خەلق ساقچىلىرى تۇتقۇننى قۇتقۇزماقچى بولغاندا، زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلار پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى پارتلاتماقچى بولدى، زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ رەزىل غەرىزى ۋە رەھىمسىز ۋاسىتىسى ئالدىدا، تۇرغۇن ئۆمەر بىر تەرەپتىن سۆز بىلەن تەسىر كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن پۇرسەت تېپىپ بىر تەرەپ قىلدى. ئون مېتىر، بەش مېتىر، تۆت مېتىر... قارشى تەرەپ بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر مېتىر قالغاندا، تۇرغۇن ئۆمەر زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلارغا ئۇدۇل ئېتىلىپ بېرىپ، تۇتقۇننى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزدى.

تۇرغۇن ئۆمەر ھەققىدە توختالغاندا «ھايات-ماماتلىق تاللاش ئالدىدا، تۇرغۇن جېڭۋېي ھەمىشە ھاياتلىق ئۈمىدىنى باشقىلارغا، خەۋپ-خەتەرنى ئۆزىگە قالدۇراتتى» دېدى ھازىر خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ جېڭۋېيسى مەمەتجان سەيدىئەخمەت.

مەمەتجان سەيدىئەخمەت بىلەن تۇرغۇن ئۆمەر ئىلگىرى گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدە بىللە ئىشلىگەن بولۇپ، تۇرغۇن ئۆمەر تەربىيەلىگەن سوراق قىلىشتا پەمى بار، تەھقىقلەشكە ماھىر، تېخنىكىنى بىلىدىغان شاگىرتلىرىنىڭ بىرى. «تۇرغۇن جېڭۋېي ئىش بېجىرىشتە ناھايىتى ئېھتىياتچان، ئۆزىگە بەك يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ، پەقەت ئۇ بولسىلا، خىزمەتنى چوقۇم ياخشى تاماملىيالايمىز» دېدى مەمەتجان سەيدىئەخمەت.

ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى سىجىللىقتىكى خىزمەت ۋە قانۇنىيەتلىك بولمىغان ئوزۇقلىنىش تۇرغۇن ئۆمەرنى ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا كېسەل تۇرۇپ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، كېچە - كۈندۈز بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلدى. «ئاشۇ ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قۇربان بولغان سەپداشلارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇنچىلىك جاپا ۋە چارچاش ھېچقانچە ئىش ئەمەس» دەيتتى ئۇ.

پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇرغۇن ئۆمەرنىڭ دادىسى دائىم ئوغلىغا: خەلق ساقچىلىرى بېشىدىكى ساقچى گېربىغا يۈز كېلەلىشى، «خەلق» دېگەن خەتكە تېخىمۇ يۈز كېلەلىشى كېرەك، دەپ تاپىلايتتى. دادىسىنىڭ تەسىرىدە، تۇرغۇن ئۆمەر «خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ئۈچۈن» دېگەن ئەسلىي مەقسەت ۋە قەسىمىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا پۇختا يىلتىز تارتقۇزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.