تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئانار گۈللىرى ئېچىلدى ھەممە بىر نىيەتتە بولدى

− ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (4)

10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى دافىڭ بازىرىدىكى «مېھرىبان ئانىلار» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ۋە ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت باشلامچىلىرى بىرلىكتە زىيارەت قىلىپ ھال سوراش، ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرى ئورۇنلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. □ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بۇ قېتىمقى دۆلەت بايرىمى ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى كېچىڭىز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خەلچىگۈل توختىغا نىسبەتەن ئالاھىدە مەنىلىك ئۆتتى، ئۇ «ئوغلى» شاۋ شياڭلىنىڭ تەكلىپى بويىچە بېيجىڭغا بېرىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى پايتەختكە بېرىپ كۆرۈپ كېلىش ئارزۇسىغا يەتتى.

ھەر مىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى مۇقەررەر ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ كاپالەت. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا دائىم پورەكلەپ ئېچىلدى.

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى فۇچۇەن كوچىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى خېڭچاڭ . ئوۋجىڭ مىڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدا 87 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى لى گېڭشىن كونا قوشنىسى سارىخان ئابدۇراخمان بىلەن بىللە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككىيلەن ئادەتتىكى چاغلارغا ئوخشاشلا، بىر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ، ئىلگىرىكى كۈنلەرنى ئەسلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ بارغانسېرى بېيىپ، قۇدرەت تېپىپ، شەھەرلەرنىڭ بارغانسېرى گۈزەللىشىپ، كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىدىن ھاياجانلاندى.

ئوۋجىڭ مىڭيۈەن ئولتۇراق رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسىدىكى غېنى ئەكپەرنىڭ قىزىل ئەسلىمە سارىيى يەنە بىر تۈركۈم ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن ئاھالىلەرنى كۈتۈۋالدى، قىزىل ئەسلىمە سارىيى ئاھالىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان، قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلەر، سارغىيىپ كەتكەن ئەتىۋارلاپ ساقلانغان كىتابلار، كونا بۇيۇملار ئارقىلىق، ئىنقىلاب يىللىرىدىكى قىممەتلىك ئەسلىمىلەرنى بايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

شىنجاڭدا ئوۋجىڭ مىڭيۈەن ئولتۇراق رايونىغا ئوخشاش ھەر مىللەت ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان مۇشۇنداق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى (ئولتۇراق رايونى) يەنە ئىنتايىن كۆپ. چۆچەك شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر كوچىسى قارا دۆڭ مەھەللىسىدە 14 مىللەتتىكى 932 ئائىلىلىك ئاھالە ئولتۇراقلاشقان، بۇ قورۇدا قولۇم - قوشنىلار ئېجىل - ئىناق، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك مەيدانغا كېلىپ تۇرىدۇ.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامغا ئېرىشكەن مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇندىن 72سى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيە بازىسىدىن 14ى، دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپتىن 1492سى(قېتىم)، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخستىن 2619 ئادەم قېتىم بارلىققا كېلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنىلىكنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى

10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، قەشقەر شەھىرى ئاققاش يېزىسىنىڭ قۇممەھەللىسى كەنتىدىكى 1000 مولۇق لازا بازىسىدا، كەنت ئاھالىلىرى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمۈش بىلەن بىللە يەنە ياردەمگە كەلگەن قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى كۈتۈۋالدى. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىر ئامىنىگۈل قادىر تۇغقىنىغا ياردەملىشىپ لازا ئۈزگەچ، تىلەكلىرىنى بىلدۈردى: «كۈنلىرىمىزنىڭ مۇشۇ قىپقىزىل لازىلاردەك رەڭدار ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن!»

باھاردا چېچىلغان ھەربىر تال ئۇرۇقتىن، كۈزدە ئېلىنار تۈمەنمىڭ تال دان. قوشماقلاشقان تۇغقانلار ئېتىز باشلىرىدا بىللە ئالدىراش يۈرۈپ، بىللە تەر ئاققۇزۇپ، مول ھوسۇل شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندى. بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈۋاتقان كۆرۈنۈشنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ.

2016 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، مىليونلىغان كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.

يوۋ لياڭيىڭ ئۇيغۇر قېرىندىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ئىزچىل ياردەم بەردى، ئۇ تەشكىللەپ قۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى 1800گە يەتتى؛ ئاقسۇدىكى 100 يىللىق قەدىمىي كوچا ۋاڭسەن كوچىسىدا يەتتە مىللەتتىكى 88 پايچىك پاي قوشقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئاشخانىسىنىڭ تىجارىتى روناق تاپتى، بۇ، قوشماقلاشقان تۇغقانلار لوۋ جيەنبو بىلەن مۇختەر ئابدۇرۇسۇل ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن «پۇل توپلاش» شەكلىدە ئاچقان ئاشخانا بولۇپ، نەچچە ئون ھەر مىللەت ئاممىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى... شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قوشماقلىشىپ سان - ساناقسىز «تۇغقان»لاردىن بولۇپ، سانسىزلىغان تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قالدۇردى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەر مىللەت ئاممىنى جەمئىي 170 مىليون ئائىلە قېتىمدىن ئارتۇق يوقلىدى، توردا تۇغقانلىشىش پائالىيىتىنى 15 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق قانات يايدۇردى، 1 مىليارد 120 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى، 58 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى، 24 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» باش تېمىسىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردىن 21 مىليون 400 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئۇيۇشتۇردى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، ھېسسىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، بىر - بىرىگە ھەمدەم بولۇپ، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتتى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئۇلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچنىڭ جېنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك».

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزدى.

9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، خوتەن شەھىرى چاۋياڭ مائارىپ باغچە رايونىدا، ئوقۇغۇچىلار 2 - دەرسخانا پائالىيىتىدە ھۆسنخەت يېزىشنى مەشىق قىلىۋاتاتتى، قەغەز قىيما قىيىشنى ئۆگىنىۋاتاتتى، قورشاۋ شاھمات ئويناۋاتاتتى... تەدرىجىي تەسىر كۆرسىتىپ تەربىيەلەش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلار جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مول، رەڭدار ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

«ھازىر نۇرغۇن ئوقۇغۇچى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئاتا - ئانىسى، قوشنىلىرىنىڭ <كىچىك تەرجىمانى> <كىچىك ياردەمچىسى>گە ئايلاندى. ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىدىغانلار كۆپەيدى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلار كۆپەيدى، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپىدىغانلار كۆپەيدى» دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرىدىكى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز خۇشال ھالدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق نىشانى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار بىللە ئولتۇراقلىشىش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش جەريانىدا كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.