تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز 11 تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق تېخىمۇ ئەلا تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى 2021 - يىلىدىكى مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسى قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان يەرلىك نىزام چىقىرىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى باھالاش ۋە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتە 11 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تېخىمۇ ئەلا تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىدىكەن.

بۇ 11 تۈرلۈك تەدبىر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «ئاپتونوم رايوننىڭ <تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نى تۈزۈش، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتىدىن تەرتىپلىك ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش، ئەلالاشتۇرۇش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «ئەرز قوبۇل قىلىنغان ھامان بېجىرىش» ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆرنەك ئېلىپ كېڭەيتىش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ باھالاشنى تەشكىللەش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى باھالاش ۋە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شىجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈش ۋە قوزغىتىش، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشتىكى «ئاچقۇچلۇق تەدبىر». 11 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى (ئىسلاھات ئىشخانىسى)، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 20دىن ئارتۇق تارماق بىرلىشىپ خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، مەسئۇلىيەت - ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى، ئىجادچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن تىزىملانغان بازار سۇبيېكتى 387 مىڭغا، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 2 مىليون 112 مىڭغا يەتتى.

تىجارەت - سودا مۇھىتىدا ئەڭ ياخشىسى يوق، پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بار، ئىسلاھات مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. جاڭ شىجۈن مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات سىستېمىسى داۋاملىق ھالدا تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، بازار مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى مەخسۇس تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەسىدە «ئەرز قوبۇل قىلىنغان ھامان بېجىرىش» ئەندىزىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ كېڭەيتىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، كارخانىلار، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق تەلىپىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىدۇ؛ «باشقا جايدا بېجىرگىلى بولۇش» «يىپەك يولى بىرتۇتاش بېجىرىش»نى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، كارخانا، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ؛ بازار ئىستىقبالى ياخشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز، تۈرتكىلىك رولى كۈچلۈك بىر تۈركۈم پۇقراۋى كارخانىلارنى نۇقتىلىق قوللاپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىدۇ؛ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى باھالاش ۋە مەخسۇس تۈر بويىچە تۈزەشنى ياخشى يولغا قويۇشقا تەشكىللەپ، خىزمەت ئىستىلىدىكى سىجىل ئۆزگىرىش ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.