تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ رەھبەرلەر ئۇچرىشىش يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى كۇنمىڭدا باشلاندى، 140تىن ئارتۇق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپ ھەم 30دىن ئارتۇق خەلقئارا ئاپپارات ۋە تەشكىلاتتىن كەلگەن جەمئىي 5000دىن ئارتۇق ۋەكىل تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە يىغىنغا قاتنىشىپ، يەر شارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئورتاق كېڭىشىپ، يەر شارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئورتاق باشلىدى.

«خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.» «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ رەھبەرلەر ئۇچرىشىش يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ سىنلىق شەكىلدە ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقا دائىر تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەمەلىي تەدبىرنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭ دۆلەت داھىيسىغا خاس دۇنياۋى نەزەر دائىرىسى ۋە دۇنياۋى مۇھەببىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ يەر شارىۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى، تۆھپىكارى، يېتەكچىسى بولۇشتەك ئاكتىپ ھەرىكىتى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە كەڭ ئورتاق سادا ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش قوزغىدى.

«بارچە مەۋجۇدات ئىناق ئۆتۈپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەرقايسىسى مۇناسىپ ئوزۇقلۇققا ئېرىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.» يەر شارى ئىنسانلار ئورتاق ياشايدىغان ۋە قوغدايدىغان ماكان، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنىڭ جان تومۇرى ۋە ئۇلى بولۇپ، يەر شارىنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى، شۇنداقلا ئۇ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش يەر شارى ماكانىمىزنى قوغداپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. 1972 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانلار مۇھىت يىغىنى ئاچتى، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەر «ئىنسانلار مۇھىت خىتابنامىسى»نى ئورتاق ئىمزالاپ، جانلىقلار بايلىقىنى قوغداشنى 26 تۈرلۈك پىرىنسىپقا كىرگۈزدى. 1993 - يىلى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى، ئەھدىنامىدە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئۇنىڭ تەركىبىي قىسمىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش ھەمدە ئىرسىيەت بايلىقىدىن پايدىلىنىشتىن بارلىققا كەلگەن پايدىدىن ئادىل، مۇۋاپىق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ نىشاننى بېكىتتى، بۇنىڭ بىلەن يەر شارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنىڭ يېڭى دەۋرى باشلاندى. كۇنمىڭ يىغىنى «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى: يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش»نى باش تېما قىلىپ، «2020 - يىلىدىن كېيىنكى يەر شارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى»نى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەلگۈسىدە يەر شارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن نىشان بېكىتىپ، يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا يەر شارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى مۇھىتنى تۈزەشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

ھازىر، يەر شارىدىكى جانلىقلار تۈرىنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىۋاتىدۇ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ يوقىلىشى ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ چېكىنىشى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر پەيدا قىلدى. جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئىنسانلار بىر پۈتۈن گەۋدە، يەر شارى بىر ماكان. ئىنسانلار تەبىئەتنى دوستانە قوغدىغاندا، تەبىئەت سېخىيلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ؛ ئىنسانلار تەبىئەتنى قوپاللىق بىلەن تالان - تاراج قىلغاندا، تەبىئەتنىڭ جازاسىمۇ رەھىمسىز بولىدۇ. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ھەم تەبىئىي بايلىق، شۇنداقلا ئىقتىسادىي بايلىق بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە زاپاس كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىۋى تەرەققىياتقا قارا كۆلەڭگە چۈشۈردى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئالغا سىلجىتىش تېخىمۇ زور خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىتنى قوغداشتىن ئىبارەت قوش ۋەزىپە ئالدىدا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ياردەمگە ۋە قوللاشقا تېخىمۇ موھتاج. يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك يەر شارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل يەر شارى ماكانىمىزنى ئورتاق بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يەر شارى ماكانىمىزنى بەرپا قىلىش» «ئىقتىساد بىلەن مۇھىت ماسلىشىپ ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان يەر شارى ماكانىمىزنى بەرپا قىلىش» «دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان يەر شارى ماكانىمىزنى بەرپا قىلىش»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەنلىك، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىك، ئورتاق خىرىس ئالدىدا جەزمەن ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر كۆزەتكەنلىك بولۇپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۆنىلىشى ۋە يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

كەڭ تەبىئەت ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانلىقلارنىڭ بۆشۈكى، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسىي شارائىتى. ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يەر شارى ماكانىمىزنى بەرپا قىلىشتا، بىز تەبىئەتتىن ھەقىقىي ئەيمىنىپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يېڭى ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بارلىق مەۋجۇداتلار ئىناق بولغان گۈزەل ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق، بۇ ئاددىي ھەقىقەت. ئىقتىساد بىلەن مۇھىت ماسلىشىپ ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان يەر شارى ماكانىمىزنى بەرپا قىلىشتا، بىز تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلارنى بېقىشىمىز، تەبىئەتنى قوغداش داۋامىدا تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدەپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىتنى قوغداشتا قوش پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يەر شارىۋى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ تىرىكىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتتى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچ تەرەققىياتقا بولغان ئارزۇسى تېخىمۇ سەمىمىي بولدى، ئادىللىق، ھەققانىيلىققا بولغان ساداسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ قەتئىي بولدى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان يەر شارى ماكانىمىزنى بەرپا قىلىشتا، بىز ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام بولغان يەر شارىۋى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى، ياخشى ئېكولوگىيەدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

«ئادەملەر يېشىل تاغلارغا يۈز كېلەلىسە، يېشىل تاغلارمۇ ئادەملەرنى چوقۇم نائۈمىد قويمايدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي يۈزلىنىشى.» ھەرقايسى تەرەپلەر قول تۇتۇشۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مىسلىسىز جاسارەت ۋە ھەرىكەت بىلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئالىدىغانلا بولساق، چوقۇم يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.