تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئۆزگىچە ئالتۇن كۈزنى ھېس قىلىپ، يۇغۇرما گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىش

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا. لى فېي فوتوسى

10-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى

10-ئاينىڭ 1-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى سېتىۋالماقتا. «ئۆكتەبىر بايرىمى»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى

10-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

10-ئاينىڭ 5-كۈنى، بالىلار ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

10-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچىلەر كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا يېڭى قار تېيىلىش پەسلىدىكى تۇنجى قار تېيىلىشنى ھېس قىلماقتا. دىڭ نىڭ فوتوسى

 

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ) رەڭدارلىق شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلىنىڭ ئالاھىدىلىكى. ئالتۇن كۈز 10-ئايدا، كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كۈز كەيپىياتى قويۇق ئىدى، شىنجاڭ ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئەڭ گۈزەل تەرىپىنى نامايان قىلدى.

     ئالتۇن كۈزدىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى تەسىرلىك ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاش بولۇپ، يېشىل، ئالتۇن رەڭ، قىپقىزىل .... تەبىئەت خۇددى چۈشلەردىكىدەك گۈزەل رەسىمگە ئايلىنىپ، كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇراتتى. بالدۇر ياغقان تۇنجى قار شىنجاڭنىڭ ئالتۇن كۈز رەسىم ئۇسلۇبىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىپ، قېنىق رەڭلىك ماي بوياق رەسىمنى بىردىنلا ئەركىن سىياھ رەسىمگە ئايلاندۇردى. ئالتۇن كۈزدە، كىشىلەر شىنجاڭدا گۈل، قار، توغراقلارنى تاماشا قىلدى. شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى گۈزەل، مەدەنىيىتى تېخىمۇ گۈزەل. سەھەردە، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇرغا چېلىنىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئۆچمەس شان-شەرىپى مەدھىيەلەندى؛ شىنجاڭ مۇزېيىدىكى ھەر بىر كۆرگەزمە بۇيۇمىغا ئۇزاق تارىخ مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇزاق تارىخ ماكان ھالقىپ نامايان بولۇپ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن؛ شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى قوغدىغان يىللار كىشىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك خاتىرىسىگە ئايلاندى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى، قىزىل روھ قان تومۇرغا سىڭدى.

     شىنجاڭنىڭ ئالتۇن كۈزىگە گۈزەللىكلەر يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. تەبىئەتتە، ئادەملەر بىلەن تەبىئەت ئارىسىدا، ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا، ھەممىلا يەردە ئىناقلىق ياراتقان گۈزەللىك بار، ئۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلىپ، مۇزېيدا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قىزىل مەنزىرە رايونىدا قەدىمىنى توختىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالتۇن كۈز پەسلىنى كۆڭۈل قويۇپ ھېس قىلىپ، يۇغۇرما گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلاندى.

 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.